ئۇلۇسچىلار كىملەر ئۇلار ئۆز مىللىتىگە قانداق خىيانەت قىلىدۇ؟

ئەخمەتجان قاسىمى

خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭغا ئۇلۇسچىلارنىڭ قىلغان خىيانىتى مەسئۇت، ئەيسا، ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قۇرداي، چىڭگىز، غۇلام ھامىدكە ئوخشاش ئىنگلىز تاماكىسىنى چەككەن، ئامېرىكا پىۋىسىنى ئىچكەن، مۇستەملىكىچىلەر كىيىمىنى كىيگەن، ئىككى ئادەم سۆزلەشكىلى تۇرسا قۇلاقلىرى دىڭ تۇرىدىغان بىر تۈركۈم شۈبھىلىك ئۇنسۇرلار ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋاقىتلىرىدىلا خەلق ئۇلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا قاراپ ئۇلاردىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قامچىلىرىدىن تېمىپ تۇرغان قان تېخى قۇرۇمىغاچقا ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلغان خەلقنىڭ دەردى ئىچىدە ئىدى. بىتىم بولدى، خەۋپ كەتتى.

تۇنجۇقتۇرۇپ تۇرغان مۇستەملىكىچىلىك تۈرمىسىنىڭ ئىشىكى قىيا ئىچىلىشى بىلەن، ئۇنىڭغا كىرگەن ساپ ئەركىنلىك ھاۋاسىدىن نەپەس ئالغان ئەسىرلەردە يېڭى روھ يېڭى قۇۋۋەت پەيدا بولدى. ئۇلار باشلاپقى كۈندىلا پۈتۈن قەھرى غەزىپىنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدىن ئارتۇقراق گويا مىڭ بىر قىيىنچىلىقتا ئۇزاق مېھنەت قىلىپ، نۇرغۇن تەرلىرىنى ئاققۇزۇپ ئوزۇق تېرىپ، ئۇنى ئېغىر مۇشەققەتلەر بىلەن پۇشۇرۇپ، ئاندىن يەيمىز دەپ تۇرغان ئاشقا ئوغا سالىدىغان خائىن ئەنە شۇلار دەپ بىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇلارغا قارىشى چىقتى. ھەقىقەتتە مۇستەملىكىچىلەردىن ئالدى بىلىن ئەنە شۇلار خەۋپلىكرەك ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن يىللىق كۈرەش تەجرىبىسى ۋە تەبىئىي سەزگۈسى بىلەن خەلقىمىز باشتىلا بىلگەن ئىدى: لېكىن غۇلجا تەرەپ مىللىي ئازادلىق كۈرەش سېپىگە ئىختىلاپ چۈشمىسۇن دېگەن مەقسەتتە مەسئۇت، ئەيسالار بىلەن مۇرەسسە قىلغىنىنى كۆرگەن خەلق ئۆزىنى بىرلا توختاتقان ئىدى. بىر تەرەپتىن مەسئۇت، ئەيسا ۋە ئۇلارنىڭ شايكىللىرى ئىنقىلابى ۋىلايەتلەر بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەت تىنچلىق بىتىم توغرۇلۇق مۇزاكىرە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، غۇلجا ۋەكىللىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەن تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى بىلىپ ئېلىپ خىتاي تەرەپكە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىسا ئىككىنچى تەرەپتىن مۇناپىقلارچە ئىنقىلابچىلارنى ماختاپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىگە ئىگە بولۇشقا تىرىشتىلەر. غۇلجا ۋەكىللىرى ئالدىدا يىلانچە تولغىنىپ، قانجۇق ئىتتەك ئەركىلەپ، تۈلكىلىك قىلىپ „بىز يۇرت، مىللەت قايغۇسىدا يۈردۇق ئەمدى بىزنى بۇ يەردىن سىلەر قوغلىمىساڭلار، بىز مىللەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن پادىچىلىق خىزمىتى بولسىمۇ ئارتقۇزساق“ دېگەن يۇمشاق سۆزلىرىگە قاراپ غۇلجا ۋەكىللىرىمۇ ھەقىقەتتە بۇلاردا مىللەت، ۋەتەن مۇھەببىتى بار بولسا بۇلار كۆپ يىللاردىن بېرى ۋەتەندىن ئايرىلىپ ئەمدى يەنە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلماس دېگەن پىكرىگە كېلىپ، ئۆتكەن 10-15يىل بۇلارغا بىر نەرسە ئۆگەتكەندۇر دېگەن ئويى نەتىجىسىدە ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا باشلىدى، بۇلارنىڭ: „بىز مىللەتچىمىز“، „بىز خەلقچىمىز“،“بىز ئىنسانىيەتچىمىز“ دېگەن شوئارلىرىنى كۆرۈپ ھەقىقەتتە بۇلار بىلەن ھەرىكەت بىرلىكىنى تەمىن ئېتىپ كېتەلەيمىز دېگەن ئۈمىدنى قىلدى.

غۇلجا ۋەكىللىرىنىڭ ئۇلار بىلەن باشتا مۇرەسسە قىلغىنىنىڭ ئاساسى سەۋەبى ئەنە شۇ ئىدى. لېكىن بىر يىل ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەش نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسە ئۆگەنمىگەنلىكىنى قارىغۇلارچە يۇرتنى ھالاكەتكە ئىلىپ ماڭىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز مۇقەددەسلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مىللەت قېنىنىڭ دەريالاپ ئېقىش بىلەن ھېچ كارى يوق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلدى. ئۇلاردا قانچىلىك پرىنسىپ، زەررىچە ۋىجدان يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت تەجرىبىسى ئەمەلدە كۆرسەتتى: دۇنيانىڭ قايسى بۇرجىكىنى ئالماڭ، قايسى مىللەتنىڭ مەسلەك ئىگىسى ئەربابلىرىنى ئالماڭ ئۇلار مىللىي ئازادلىق مەسىلىسىگە كەلگەندە ئېزىلگەن مىللەت ئازادلىق ھەرىكىتى ئۇتۇق قازىنىپ كېتىپ بارغان پەيتتە مىللىي ئازادلىق كۈرەش سېپىنىڭ بىرلىكىنى تەمىن قىلماق ئۈچۈن بارلىق كۈچنى سەرپ قىلىدۇ. ھەتتا، ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا رازى بولىدۇ. ئەگەردە بۇ „مىللەتچىلەر“دە مىللىتىگە مۇھەببەت بولغاندا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كېتىپ بارغاندا ئۇ ھەرىكەت قانداق شەكىلدە بارمىسۇن شۇ چوڭ ئۇتۇق قازىنىپ كېتىپ بارغان سەپنى مۇستەھكەملەشكە، ۋە بارلىق تالاش مەسىلىلەرنى شۇنىڭ يولىغا بىرلىكىنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن سېلىپ بەرگەن بولار ئىدى. ئۇلار ئەمەلدە نېمە قىلدى؟ ئەكسىچە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك دۇتتارىغا ئۇسۇل ئويناپ، مەنسەپنى دەپ مىللەتنى چوڭ ھالاكەتچىلىك خەۋپى ئاستىغا قويدى. خەلقىمىزنىڭ ئۇتۇقلۇق ئازادلىق ھەرىكىتىگە چوڭ خىيانەت قىلدى.

مۇستەملىكىچىلەر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى بوغۇش ۋە پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تۈپ نېگىزلىك سىياسىتىدىن بىخەۋەر بولغان نادان ئادەملەرنى ئالداپ، ئۆز خەلقىڭدىن باشلىق بەردۇق دەپ بىر تۈركۈم خەلقنى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتۈرۈپ خەلقىمىزنىڭ مۇستەھكەم مىللىي ئازادلىق بىرلىك سېپىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش مەقسىتى بىلەن بولسا ئىككىنچى تەرەپتىن ئۆز مەنپەئەتىگە قايچى كەلسىمۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت مۇۋەپپەقىيىتىدىن قورقۇپ بۆرە يەپ كەتسە كەتسۇن، ساڭا بولمىسۇن دېگەن پرىنسىپنى ئالدىغا قويۇپ ئۆزىگە زىيان بولسىمۇ، بىزنىڭ خەلقىمىزگە ھېچ نەرسە بەرمەسلىك پرىنسىپىنى قاتتىق تۇتقان، مۇستەبىت خىتاي مۇستەملىكە دائىرىلىرى نۇرغۇن يىللار چوڭ مۇستەملىكىچىلەر بېقىپ ئاسراپ كەلگەن، جەلىگۈرلەردىن پايدىلىنىش قاتتىق قارارىغا كەلدى. جەلىگۈرلەرنىڭ بىرى ئۆلكىنىڭ يۇقىرىقى ھاكىمىيەت ئورنىنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ كېلەچىكىدىن قورققان خەلق ھالاكەتلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قارشىلىق دولقۇنى كۆتۈردى.

غۇلجا تەرەپ، خەلقىمىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە بىتەرەپ بولۇپ يەنە خەلق دۈشمەنلىرى بىلەن مۇرەسسەچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەستىن ئۇلار قانۇنسىز ئىشغال قىلغان ھۆكۈمەت تەركىبىگە كىرىشنى لايىق تاپماستىن ئۆزلىرىنىڭ قارشىلىقىنى بايان قىلدى.

خەلقىمىزنىڭ ھەممىسى غۇلجا تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى بىردىن – بىر خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قارىتىلغان ھەرىكەت دەپ بىلىپ ئۇلارغا بولغان، ئېتىقادى، ئىشەنچى، يەنىمۇ بىر دەرىجە ئاشتى. ئايرىم قالاق ئادەملىرىمىز، خەلقىمىز ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن ۋە ئېڭىنى زەھەرلەش ئۈچۈن ھېچ نەرسىدىن تارتىنماي قىلىۋاتقان تەشۋىقلىرىگە ۋە ئۇلار ئىختىيارىغا بېرىپ قويغان مەتبۇئاتتا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ سادىق ئىتلىرى – مەسئۇتقا ئوخشاش خەلق دۈشمەنلىرىنىڭ، قوي تېرىسىنى يېپىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشلىرى. „مەسئۇت ئەپەندىم زامانىدا پۈتۈن ياخشىلىق ئىشلارنىڭ ئاساسى قورۇلۇشقا باشلىدى. ….“: „يۇرت خەلقى، مەركەزگە قارىتا بىر قەدەر بەردىڭ شېكەر!“ دېگەنگە ئوخشاش چىرايلىق سۆزلەر، شېكەر ئورنىغا زەھەر بېرىۋاتقانلىقىنى ئايرىپ ئالالمىغان ئېڭىمىز يېڭىلىشقان. ئايرىم ئادەملىرىمىزنىڭ غۇلجا تەرەپ نېمە ئۈچۈن بۇلارغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، ئاللا تابارەك ۋەتائالا: «ئىننەما مۆھمىنىنە ئەھۋا فەسسەلامۇبىن ئەھۋانە كۇم»دەپ تۇرسا، بۇلار مۇسۇلمانغا دۈشمەنلىك قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلسا بولماسمۇ؟ دېگەن ئويغا كېلىشى مۇمكىن بىز ئۇلارغا شۇل ئايەتنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئايەتنى ياكى سۈرە تۆۋبەدىكى، „يائەييۇھال لەزىنە ئامەنو تەنەخخۇدۇ ۋە ئابا ئىكۇم ۋە ئىخۋانىكۇم ئۇل بانەس تەھبۇل كاپىرۇ ئەلەل ئىمان ۋەمەن بەدۇلەھۇم مېنى كۇم پائىلانىكە ۋۇمۇل زالىمۇ،“دېگەن ئايەتنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى ئۆتۈنىمىز. ئۇلار دۈشمەن سېپىگە ئۆتكەنلەردىن بولغاچقا، ئۇلار قارشى تەرەپتە تۇرغان دۈشمەنلەردىنمۇ ئەشەددىيرەك دۈشمەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاللا تابارەك ۋەتائالا، پەيغەمبەرلىرىمىزگە ئۇلارغا نىسبەتەن رەھىمسىز بولۇشنى بۇيرۇيدۇ. „يائەييۇھال نەبى جاھىزۇل كۇپپارۇ ۋەل مۇناپىقىنە ۋە ئەزا ئەلەيھىم ۋە قالۇ ھۇم جەھەننەم ۋەبىھ سەلمەسىر“ ئۇنداق بولغاندىن كىيىن بۇل مۇستەملىكىچىلەر بىلەن بىر سەپ تەشكىل قىلىپ خەلقىمىزنىڭ قان بەدىلىگە ئالغان ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىنى قايتا تارتىپ ئېلىشقا قەست قىلغۇچى مۇناپىقلار بىلەن يەنە مۇرەسسە قىلىش يەنە مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. زادى نېمە ئۈچۈن ئۇلار سۆزىدە مىللەتچىمىز، خەلقچىمىز دەپ ۋارقىراپ ئەمەلدە خەلقىمىزنىڭ ئازادلىقىغا قارشى ۋە ئۆز مىللىتىگە قارشى، خەلقچىللىق سىياسىيگە قارىشى ھەرىكەت قىلىدۇ؟ ئۇنى بىلمەك ئۈچۈن „ئەپەندىلەر“ كىملەر؟ كىمنىڭ پايدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟ كىملەرنىڭ ئەمىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىش ۋە بىلىش لازىم.
ئەپەندىلەر كىملەر، ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇلار ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ئىش قىلىدۇ؟
بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمەك ئۈچۈن ئۆلكىمىزنىڭ جۇغراپىيىۋى ئەھۋالى ۋە كېيىنكى 70 – 80 يىلدىكى خەلقئارا ئەھۋاللار بىلەن بىر تونۇشۇپ چىقماق لازىم
بىزنىڭ ئۆلكىمىز، شىمال، ۋە غەربى شىمالدا س س س ر (سوۋېت سوتسىيالىستىك رېسبۇپلىكىلار ئىتتىپاقى تەييارلىغۇچىدىن) بىلەن شەرقى شىمالدا، موڭغۇل خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقتە، گەنسۇ، شەرقى جەنۇبتا چىڭخەي ئۆلكىسى، جەنۇبتا، تىبەت، ھىندىستان، غەربتە ئافغانىستان بىلەن چېگرىداش ئۆلكىدۇر. بىزنىڭ ئۆلكىمىز خىتايلار تەرىپىدىن ئىستىلا ئېتىلگەن ۋاقىتلاردا ئىنگلىزلار بىلەن فرانسۇزلار ھىندىستاننى تالىشىپ مادىراس ئەتراپىدا زەمبىرەكلەر ئېتىشماقتا ئىدى، تېخى بىزنىڭ غەربى شىمالدىكى قوشنىمىز ئابلاي خان ئىدى. تېخى خىتاي دۆلىتى مۇستەملىكە ئەمەس ئىدى. تېخى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئىچىگە ياۋروپالىقلاردىن ھېچكىم كىرىپ باقمىغان ئىدى. قىسقىسى دۇنيا تېخى مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن بۆلۈنۈپ بولۇنمىغان، تېخى ئەنگلىيىگە ئوخشاش چوڭ مۇستەملىكىچى دۆلەتنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپ سۇلار ئېقىپ كەتتى. دۇنيا ئەھۋالىغا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر كىردى، ئىنگلىزلار ھىندىستانغا مۇستەھكەم ئورۇنلىشىپ بولماي تۇرۇپ ئۇنىڭ چوڭ مۇستەملىكىلىرىدىن بىرى شىمالى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئىنگلىز مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىستىقلالىيەت ئېلان قىلدى. ئىنگلىزلار ئامېرىكىدا تارتقان زىياننى قاپلىماق ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن ئافرىقىنى ئىشغال قىلىشقا ۋە باشقا جايلاردىن مۇستەملىكە ئېلىشقا ئالدىرايدۇ. ئاۋسترالىيە، كاپ، مالتا، گىيۇيانا، مالايا، ناتال، بىجۇ، نالىئىد، بېرما، نېگىرىيە، شەرقى ئافرىقا، شىمالى بورنىئو، رودۇزىبا، ئۇگاندا ۋە باشقىلارنى ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قانلىرىنى دەريالاپ ئاققۇزۇپ ئىنگلىزلار تارتىپ ئالىدۇ. فرانسۇزلار، ئالجىر، غەربى ئافرىقا، ماداغاسقار، ۋە ھىندى، خىتايلارنى تارتىپ ئالىدۇ.
چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى، قازاق يۈزلىرى، قوقان، بۇخارا، ۋە خىۋا خانلىقلىرىنى بېسىپ ئالىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە يەر كۈرىسى جاھانگىر دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈنۈپ بولىدۇ. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇرۇنقى كونا جاھانگىر دۆلەتلەر بىلەن ھېسابقا قىلائالارلىق – يېڭى جاھانگىر دۆلەتلەر پەيدا بولىدۇ. (گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياپونىيە) بۇلار يەر كۈرىسىنى كونا مۇستەملىكىچىلەر بۆلۈپ ئېلىپ بولغانلىقتىن مۇستەملىكسىز قېلىشتىلار. يېڭى جاھانگىر دۆلەتلەر تەرەققىي تاپقانسېرى دۇنيا مۇستەملىكىلىرىنى قايتىدىن بۆلۈپ ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كونا مۇستەملىكىچىلەر ئۆز مۇستەملىكىلىرىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشىدۇ. كونا مۇستەملىكىچىلەردىن قورال كۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىلىرىنى تارتىپ ئېلىش پىلانىنى قۇرغان يىڭى جاھانگىرلاردىن بىرى يېڭى تەرەققىي تاپقان گېرمانىيە جاھانگىرلىكى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ ئۇرۇش ھازىرلىقىنى كۆرۈپ بولغان ئىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن كونا جاھانگىر دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز –ئارا بولغان قارمۇ –قارشىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىككىنچى تەرەپتىن ئۇل تېخى ھازىرلىق كۆرۈپ بولمىغان فرانسىيە ۋە رۇسىيە بىلەن تېزلىكتە ئۇرۇش باشلاپ ئۇلارنى يېڭىپ بولغاندىن كىيىن ئەنگلىيە بىلەن ئۇرۇش باشلاش پىلانىنى قۇرغان ئىدى. خۇسۇسەن 1914-يىلى ئۇرۇش باشلاشتىن ئاۋۋال، گېرمانىيە، ئەنگلىيىنى دەرھال سەكرەپ ئۇرۇشقا كىرىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى. چۈنكى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىلىرىدە ئۇ ۋاقىتلىرىدا خۇسۇسەن ئىرېلاندىيىدە، ئەھۋال ئېغىر ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن گېرمانىيە، رۇسىيە، فرانسىيە، ۋە ئەنگلىيە مۇستەملىكىلىرىدە جاسۇسلۇق ئىشلىرىنى كۈچەيتىپ ئالدىنى ئېلىپ تەييارگەرلىك كۆرۈشكە باشلايدۇ. رۇسىيىنىڭ تۈركىستان كىرايىغا، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستانغا قارىتا تەييارگەرلىك ئىشىنى، ئىلىپ بېرىشقا ئەڭ قۇلايلىق جاي شىنجاڭ ئىدى. بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى دەۋرىدە گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاقچىسى تۈركىيە ئىدى. ئەنە شۇل تۈركىيە، گېرمانىيىگە شىنجاڭدا تۇرۇپ ياردەملىشىش خىزمىتىنى مەسئۇتقا تاپشۇرىدۇ. مەسئۇت قانچە تىرىشىپ ئىشلىگەن بولسىمۇ بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدا گېرمانىيە تارمار بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئىگىسىز قالىدۇ. لېكىن ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي، ئۇنى كونا ئادرېس بىلەن ئىزدەپ كېلىپ گېرمانىيىنى مەغلۇپ قىلغان، ئەنگلىيە تېپىپ ئالىدۇ. چۈنكى ئۇ مەزگىلىدە ئەنگلىيە ئۈچۈن ئۇنداق – بىر ئادەم شىنجاڭدا زۆرۈر كېرەك بولۇپ قالىدۇ. سەۋەب بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى دەۋرىدە ئەنگلىيىگە ئىتتىپاقچى بولغان نىكولاي ئىككىنچى 1917- يىلى تەختتىن ئاغدۇرۇلۇپ سابىق رۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئورنىغا يېڭى سوۋېتلار ھۆكۈمىتى پەيدا بولىدۇ. يەر كۈرەسىنىڭ ھەرقانداق بۇرجىكىدە ئىنقىلاب چىقسا دەررۇ باستۇرۇشقا ئالدىرىغان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، يىڭى پەيدا بولغان سوۋېتلار ھۆكۈمىتىنى باشتا پەيدا بولۇش بىلەن يوقىتىش مەقسىتىدە سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىش ئېلىپ بارىدۇ. سوۋېت ھۆكۈمىتى تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا جاھانگىر دۆلەتلىرىنىڭ كۆزىگە ناھايىتى سەت كۆرۈنىدۇ، سەۋەب، سوۋېت ھۆكۈمىتى، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان كۈندىن باشلاپ، مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىدىن ئۆزىنىڭ كېچىشىنى، مۇستەملىكىچىلىك سىياسەت باشقىلارنىڭ يەرلىرىنى بۇلاپ ئالىدىغان، نائادىللىق سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇنداق سىياسەت جاھانگىرلارنىڭ سىياسىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت بولغانلىقتىن ھەممە جاھانگىر دۆلەتلەر بىرلىشىپ ئۇنى يوقىتىش پىلانىنى قۇرىدۇ. ئىنگلىزلار ئۈچۈن ھىندىستاندىن ئايرىلىش ئۆزىنى – ئۆزى ئۆلتۈرۈش بىلەن باراۋەر ئىدى. ھىندىستان ئىنگلىزلار تەرىپىدىن ئىستىلا ئېتىلگەندىن تارتىپ مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭ غۇلغۇلىسى بېسىلماي تۇرغان ھىندىستانغا يېقىن قوشنا جايدا مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتكە قارشى سىياسەتنىڭ تۇغۇلۇشى ھىندىستاندىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە چوڭ تەسىر يەتكۈزۈشى ئېھتىمال ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھىندىستاننى سوۋېت „زەھىرىدىن“ ساقلاشقا، مۇمكىن قەدەر سوۋېت „زەھىرىدىن“ ھىندىستاننى يىراقلاشتۇرۇش كېرەك ئىدى، تەبىئىي ئۇنىڭغا ئەڭ قۇلاي جايى بىۋاسىتە ھىندىستان بىلەن سوۋېت چېگرىسى ئارىلىقىغا ئورۇنلاشقان قالاق زەئىپ شىنجاڭ ئىدى. شىنجاڭ خەلقى ئارىسىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرقانداق ھېكايىلەرنى تۈزۈپ تارقىتىش ئۈچۈن ئادەم كېرەك ئىدى، سوۋېت ھۆكۈمىتى يېڭى قۇرۇلغان ۋاقىتلاردا شىنجاڭدا „سوۋېت ھۆكۈمىتى توغرۇلۇق شۇنداق ھېكايىلەر بار ئىدى، مەسىلەن: رۇسىيىدە سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپتۇ. سوۋېت ھۆكۈمەت دېگەننىڭ مەنىسى ئۇلارنىڭ بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كۆزى بار قولىغا سېۋەت كۆتۈرۈپ يۈرىدىكەن، يالغۇز يولۇققان ئادەملەرنى ۋە كىچىك بالىلارنى سېۋەتكە سېلىپ ئېلىپ بېرىپ يەيدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ھۆكۈمىتى دەيدىكەن“ دېگەن ئوخشاش! لېكىن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلالماي تۇرغان شىنجاڭ خەلقىگە سەن گېرمانىيىگە ياكى ئەنگلىيىگە قۇل بولىسەن دېسە ئۇنداق ئادەملەرگە ھەرگىز ئەگەشمەس ئىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ مۇستەملىكە ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئىنتىلىشىگە لايىقراق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆتۈرۈشىگە ماسلىشىپ كېلىدىغانراق شوئار كېرەك بولۇپ، ئانداق شوئارلارمۇ تەييارلانغان ئىدى. «رۇسىيە تۇپرىقىدىكى تۈركلەرنى ۋە شىنجاڭدىكى تۈركلەرنى ئازاد قىلىپ ئوسمانلى تۈركلەر دۆلىتى ئاساسىدا ئۇلۇغ تۈرك دۆلىتى قۇرىمىز» دېگەن شوئاردىن ئىبارەت ئىدى. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلماق ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئەپسانىۋى ئاۋانتيۇرسىتلىق پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دەپ يۇرتىمىزنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ خەلقىمىزنى خانى – ۋەيران، مىللەتنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان خىيالدا يۈرگەن مەسئۇتقا ھېچكىم ئەگەشمىدى. تارىخ تەرەققىيات دولقۇنى، مەسئۇتنى ئۆلكە قىرغىقىغا ئۇرۇپ چىقىرىپ تاشلىدى، ئۇ، ئۆز خوجايىنلىرىنىڭ ئالدىغا قاچتى، ھىندىستاندا ئۇ ھېچقانداق پايدا كەلتۈرۈلمەيدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ خوجايىنلىرى ئۇنى مەركىزى خىتايغا بەردى. ئالدى باشقا دەرۋازىدىن كىرىش پىلانىنى قۇرغان خوجايىنلىرى ئۇنى مەركەزچە قىلىپ قويدى، لېكىن 2- دۇنيا ئۇرۇشى پۈتۈن دۇنيا خەلقئارا ئەھۋالغا يەنىمۇ، باشقا ئۆزگىرىش كىرگۈزدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئارمىيىسى، ئاتاقلىق گىتلېر – گېرمانىيىنىڭ ئارمىيىسىنى ۋە ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ ئاتاقلىق ئارمىيىسىنى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئابرۇيى غايەت دەرىجىدە ئۆسۈپ كەتتى، دۇنيا ئىنسانىيەتچىلىكىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى گېرمانىيە فاشىزمى ۋە شەرقتىكى „يەجۈج – مەجۈج“ ياپون مىللىتارىزمى تارمار كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، روھلانغان مۇستەملىكە ئەللەردە كۈچلۈك خەلق ئازادلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرى دەۋرلىرىدە ئانچە كۈچ چىقارماي دۈشمەنلەر بىلەن، سودا قىلىپ كەلگەن، دۈشمەن ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بايلىقىنى بانكىلىرىغا سولاپ ئالغان ئامېرىكا قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ھەممە جاھانگىر دۆلەتلەردىن ئۆتۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئۆز – ئۆزىنى ئىنگلىز مۇستەملىكىلىرىنىڭ قانۇنى مىراسخورى دەپ بىلىپ، دۇنيا ھۆكۈمرانلىق پىلانىنى قۇردى. ئۇ ئۇرۇش دۇمبىقىنى چېلىپ ئاساسەن سوۋېتقا قارشى ئۇرۇش مەيدانلىرى ھازىرلىماق ئۈچۈن، سوۋېت دۆلىتى بىلەن چېگرىداش تۈركىيە، ئىران، ۋە شىنجاڭلارغا قول سۇندى. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆز مۇستەملىكىلىرىدە كۆتۈرۈلگەن مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭچىلارنى بېسىش بىلەن ئاۋارە بولغان ۋە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا زەئىپلەشكەن ئىنگلىز ھۆكۈمىتى ئالدىنقى تەشەببۇسكارلىقنى ئا ق ش غا تاپشۇرىدۇ. شۇل جۈملىدىن كېرەكلىك جايدا ئىشلىتىش ئۈچۈن مەسئۇتنىمۇ قوشۇپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىدۇ. مەسئۇت ئامېرىكىلىقلار ئىختىيارىغا ئۆتكەن ۋاقىتلىرىدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولى ياپون ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن بوشىماستىن مەسئۇت چۈنچۈندە (چۇڭچىڭ تەييارلىغۇچىدىن) كۈتۈپ توختاپ قالىدۇ. چۈنچۈندە تۇرۇپ بىكار ئايلىق ئالمىسۇن دەپ مەسئۇتقا ئامېرىكا ئوفىتسېرلىرىگە پاھىشە خوتۇن تېپىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە يۈكلەپ قويىدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ بۇنداق تۆۋەن چۈشۈپ كەتكىنىگە غەزەپلەنگەن ئەيسا، سەن تۈركىستان ئۇيۇشمىسىنى پاھىشىخانا قىلدىڭ دەپ ئورۇندۇق بىلەن ئۇرۇپ مەسئۇت ئوغلى ئەرتۇغرۇلنىڭ بېشىنى يېرىپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ پەس كەتكەن ئۇل ۋەزىپىنىمۇ ئۆتەپ يۈرىدۇ. ياپونمۇ تەسلىم بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭمۇ قولى بوشايدۇ. بىزنىڭ قەھرىمان مىللىي ئازادلىق قوشۇنىمىزنىڭ شىخۇنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە مېڭىپتۇ دېگەن خەۋىرىنى ئاڭلىغان مەسئۇت، ئۆزىنىڭ ئوغلى ئەرتوغرۇلنى يول باشلامچى قىلىپ ئامېرىكا ئوفىتسېرلىرى بىلەن شىنجاڭغا قارىتىپ يولغا سالىدۇ. بۇ ئارىدا مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىلى بىلەن بىزنىڭ ۋەكىللىرىمىز ئارىسىدا تىنچلىق سۆھبەت باشلىنىپ تىنچلىق بىتىم ئىمزا قىلىنىدۇ. ئاندىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەت ھىمايىچىسى بولۇپ مەسئۇتمۇ شىنجاڭغا كېلىدۇ.

مەسئۇت شىنجاڭغا كېلىپ خۇسۇسەن ھۆكۈمەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى يېنىدا ئولتۇرغان، ئىلى خەلقىنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن تىكىلىپ قانلىرى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، چۇ سىلىڭ ئۆستۈرگەن ئاباد بېغى، ئامېرىكا ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھەربىي شتابىغا ئايلىنىدۇ. شىنجاڭنى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى باشلىنىدۇ.

دوستىمىز سوۋېتلار ھۆكۈمىتىگە قارىشى پىتنە پاساتلار باشلىنىدۇ. ھەتتا ئامېرىكىلىقنىڭ تاماكىسى، قۇتىغا سولانغان پىۋىسى، زاژىكالكاسى (تاماكا ياندۇرىدىغان چاقماق) خوتۇنلار پەرداز ئەسۋابلىرى بىلەن تولغان ئۈرۈمچى بازىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن چىققان ماللارنى ساتقان سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىغا كىرسىن تۆكۈپ ئېتىش ھادىسىلىرىمۇ بولىدۇ.

ئۆلكە ئەھۋالىنى سۈنئىي رەۋىشتە مۇرەككەپلەشتۈرۈپ ئۆلكىگە نۇرغۇن ئەسكەر ئىلىپ چىقىش مەقسىتى بىلەن غۇلجا تەرەپكە قارشى نۇرغۇنلىغان ئىغۋالار تەشكىل قىلىنىپ غۇلجا تەرەپكە يالغان بۆھتانلارنى چاپلاپ، شۇل مۇناسىۋەت بىلەن ئۆلكىدىكى، نۇرغۇنلىغان، ئىلغار پىكىرلىك ئادەملەرنى سىزلەر غۇلجا تەرەپلەرگە ياردەم قىلدىڭىزلەر، دەپ تۈرمىلەرگە سالدى. مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن غۇلجا ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بىتىمنى قوپاللىق بىلەن بۇزۇپ ئىلى تەرەپكە ئىككى قېتىم قوراللىق ھۇجۇم قىلىدۇ. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە، شىنجاڭنى ئۇرۇش مەيدانى قىلىش كېرەك دەيدۇ. ئەگەر شىنجاڭ ئۇرۇش مەيدانى بولۇپ قالغان تەقدىردە بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئەھۋالى قانداق بولماق؟ مىللەت ھالاكىتى دېگەن شۇ ئەمەسمۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەننىڭ ھەر بىر ئەزىز پەرزەنتى شىنجاڭنىڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىغا ئايلىنىشىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قارىشى تۇرىدۇ.
ئەگەردە مەسئۇت ھەقىقەتتە مىللەتنى سۆيگۈچى ۋە مىللەتچى بولىدىغان بولسا ئۆلكە ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىش خەۋپىدە ۋە مىللەت جەڭ مەيدانىدىكى ئاتلارنىڭ تۇياق ئاستى بولۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرغاندا، ئۆزىنى تارتماسمىدى؟ لېكىن ئۇ، ئۆزىنى تارتالمايدۇ. ۋە تارتمايدۇ. لېكىن ۋەتەننىڭ ئازادلىقىنى سۆيگۈچى خەلق، ئۇنىڭغا ئوخشاش كونا ئاتخانىنىڭ قىغىنى تۆمۈر ئارا بىلەن ئېلىپ تاشلايدۇ.
بۈگۈنكى مەركىزى ھۆكۈمەت ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ تۆمۈر پەنجىسىگە تولۇق ۋە مەھكەم كىرىپ كەتكەچكە، مەسئۇت مەركىزى ھۆكۈمەت ھىمايىچىسى بولۇپ، شىنجاڭدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئەيسانىڭ تەرجىمىھالى مەسئۇتنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن، ئەيسا مەسئۇتتىن ياخشىراق بولغاچقا ئۇ 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئالدىدا گېرمانىيە جاھانگىرلىكىگە خىزمەت قىلىپ ئۈلگۈرەلمىدى. باشقىلارنىڭ „ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرىنى „ تارىخچىلار يازار، ھەر ھالدا مىللىتىنى سۆيگۈچى مىللەتچى، ئۆز مىللىتى، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كېتىپ بارغان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىغا شادلىنار. ۋە ئۇنىڭ مىللىي ئازادلىق بىرلىك سەپنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلار ئىدى. لېكىن، مۇستەملىكىچىلەر، «ئەپەندىلەر»گە تاپشۇرغان ئاساسى ۋەزىپىسى سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارىشى كۈرەش ئېلىپ بېرىش بولغاچقا ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىدىن ئۇل شۇلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداشقا ئۇلار مەجبۇردۇر .بىزنىڭ جۇغراپىيە ئەھۋالىمىز بىزدىن نىمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ بىزنىڭ جۇغراپىيە ئەھۋالىمىز بىزدىن ئەڭ ئاۋۋال، بىزنىڭ ئۆلكىمىزنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇشقا قەتئىي يول قويماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.
خۇسۇسەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارىشى ئۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشىغا يول قويماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ جۇغراپىيە ئەھۋالىمىز بىزدىن، بىز بىلەن قوشنا بولغان پۈتۈن دۆلەتلەر بىلەن خۇسۇسەن سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن دوستانە مۇئامىلىدە بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
بىزنىڭ جۇغراپىيە ئەھۋالىمىز، بىزدىن، بىزنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنى پۈتۈن خەلقئارا ئەھۋال بىلەن ھېسابلىشىپ، خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى مەزمۇنەن تەمىن قىلىش ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇ پرىنسىپلارنىڭ ئاساسى بىلەن ئىش ئىلىپ بارمىغان ھەرقانداق ئادەم ئۆز مىللىتىنىڭ غەمخورى ۋە ھىمايىچىسى بولالمايدۇ. ئەپەندىلەر بىز بىلەن ئۇزۇندىن – ئۇزۇن قۇرغاقلىقتا، بىۋاسىتە چېگرىداش بولغان ئۇلۇغ سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇل خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دۈشمەنلىك پوزىتسىيىدە بولۇپ، بىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان، بىزدىن 20مىڭگە يېقىن كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا تۇرغان مۇستەملىكىچى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە، بىزنى ئۇلارنىڭ ئۆز يېرىدىكى، بىچارىلەرچە ياشاۋاتقان ھىندىلار ۋە ھەر سائەتتە قۇل قىلىنىش خەۋپى ئاستىدا تۇرغان نېگىرلارغا ئوخشاش قۇل قىلىپ بېرىش ۋە بەلكى شىنجاڭنى سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارىشى ئۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىپ مىللەتنى پۈتۈنلەي ھالاكەتلىك يولىغا باشلىماقچى بولغان ۋە ئۇلۇغ قوشنىمىز سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيىسىدە تۇرغان ئادەملەردىن ئۆز مىللىتىگە ياخشىلىق كۈتكىنى بولامدۇ.؟ ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ئۆلكىمىزنىڭ مۇستەملىكە ئەھۋالىدا ساقلىنىشى ۋە خەلقىمىزنىڭ مەھكۇم بولۇشىنى خالايدىغانلىقىغا – ئۈرۈمچىدە چىققان „ئويغان“گېزىتىنى ئابدۇللا ئەھەت مەخسۇم، ئامېرىكا مۇخبىرلىرىگە ئېلىپ بېرىپ بەرگەن ۋاقتىدا „ئويغان „گېزىتىنىڭ ئۈستىدىكى ئاي – يۇلتۇزنى كۆرۈپ „بىزگە بۇنداق مۇستەقىللىق گېزىت كېرەك ئەمەس!“دەپ ئىرغىتىپ تاشلاپ بەرگەن. بۇ كىچىك ھادىسە مىسال بولالمامدۇ.؟

ھېلىغۇ ئۇمۇ رېئاكسىئون مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتقۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ بىزنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ „يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەزىز“ دېگەن ماقال بار ئەمەسمۇ، بىز تىنچلىقنى دۇنيا خاتىرجەملىكىنى سۆيگەن خەلق شۇ تىنچلىقنى دەپ ئىستىقلالەت دېگەن سۆزدىن كېچىپ بىتىمگە كەلگەنمىز. بىتىم ئاساسىدىكى، يۈرگۈزۈلىدىغان خەلقچىللىق سىياسەت ئۆلكە خەلقنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

بىزنىڭ ئۆلكىنى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ سوقۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشىغا ھېچقانداق ئاساس قالدۇرۇلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىتىم ئۇرۇشپەرەس مىلىتارىستلار ئۆلۈمىنىڭ ھۆكۈمى بولغاچقا ئۇلار ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن، بىتىم شەرتلىرىنى ئورۇندىماسلىققا چىدىماسلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاگېنتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن خەلقىمىزگە بىتىمگە ئاساسەن بېرىلگەن ھوقۇقلارنىمۇ ئاز كۆرسەتمەك ۋە بىتىمنىڭ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقارماققا ئۇرۇنىدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىك چامادانىغا پۇتلى كاشاڭ بولىمەن دەپ خەلقچىللىق تەرەققىياتىنى توسماقچى بولغان مەسئۇت، ئەيسالار كەبى سېتىلما ئۇنسۇرلار جەمئىيەت تەرەققىيات چاقىنىڭ ئاستىدا دەپسەندە بولۇپ ھالاك بولغۇسىدۇر. خەلقىمىز نۇرغۇنلىغان ئاكا -ئۇكا قەدىردان باللىرىنىڭ قېنىنىڭ بەدىلىگە ئالغان ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىنى ھەرگىز چىرايلىق سۆز، قۇرۇق ۋەدىلەرگە تېگىشمىگىسىدۇر. ئۇلۇسچىلارنىڭ قىلغان خىيانەتلىرىنى خەلقىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىگە ۋە ئەركىنلىك كۈرەش يولىدىكى بىرلىك سېپىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمىگىسىدۇر ئۆلكىدە خەلقچىللىق سىياسىتىنى تۇرمۇشقا ئاشۇرۇش بىتىم شەرتلىرىنى تولۇق ئورۇنداش ئۈچۈن خەلقىمىز تىنچ خاتىرجەم تۇرمۇشنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ئاخىرقى بىر تامچە قېنى قالغانغا قەدەر كۈرەش ئېلىپ بارغىسىدۇر. ئەلۋەتتە خەلقىمىزنىڭ بۇل كۈرىشى ئۇتۇقلۇق ۋە غەلىبىلىك بولغۇسىدۇر. 1948-يىل (ئىتتىپاق ژۇرنىلى 3- سانىدىن)

ئۇيغۇرلار خەنزۇلار بىلەن قېرىنداش مىللەتمۇ؟

يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ دى ئېن ئا سىغا ئالاقىدار تەتقىقات ماقالىسىدە شىنجاڭلىقلارنىڭ دې ئان ئاسى تەپسىلى ئانالىز قىلىنغان.نەتىجە تۆۋەندىكىدەك 

يۇقۇرقى رەسىمدىن كۆرىۋالالايسىز. ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەخمىنەن 7 قەدىمقى ئۇرۇقلارنىڭ ئۇزۇن تارىخى مەزگىللەردا ئۆز ئارا نىكاھلىنىشى ۋە تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋېتىنىڭ بولغانلىقىنى مەلۇم. رەسىمدىكى ھەربىر رەڭ قەدىمقى ھەربىر ئۇرۇقلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

كۆك رەڭ قەدىمقى جوڭگولۇقلارنىڭ دى ئېن ئاسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دى ئېن ئاسىدا كۆك رەڭنىڭ نىسبىتى تۆۋەن ئەمەس.

جىگەر رەڭ قەدىمقى تۈركلەرنىڭ دى ئېن ئاسىغا ۋەكىللىق قىلىدىغان بولۇپ، قەدىمقى تۈركلەرنىڭ دى ئېن ئاسىنىڭ نىسبىتى ئۇيغۇرلاردا ئۇنداق چوڭ ئەمەس.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئاق تاشلىق كىتابتا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمەس دېيىلگەن. .

新疆的若干历史问题

四、维吾尔族是经过长期迁徙融合形成的

  维吾尔族先民的主体是隋唐时期的回纥人,活动在蒙古高原,曾经有乌护、乌纥、袁纥、韦纥、回纥等多种汉译名称。回纥人为了反抗突厥的压迫和奴役,联合铁勒诸部中的仆固、同罗等部组成了回纥部落联盟。744年,统一了回纥各部的首领骨力裴罗受唐朝册封。788年,回纥统治者上书唐朝,自请改为“回鹘”。840年,回鹘汗国被黠戛斯攻破,回鹘人除一部分迁入内地同汉人融合外,其余分为3支:一支迁往吐鲁番盆地和今天的吉木萨尔地区,建立了高昌回鹘王国;一支迁往河西走廊,与当地诸族交往融合,形成裕固族;一支迁往帕米尔以西,后分布在中亚至今喀什一带,与葛逻禄、样磨等部族一起建立了喀喇汗王朝。回鹘人相继融合了吐鲁番盆地的汉人、塔里木盆地的焉耆人、龟兹人、于阗人、疏勒人等,构成近代维吾尔族的主体。元代,维吾尔族先民在汉语中又称畏兀儿。元明时期,新疆各民族进一步融合,蒙古人尤其是察合台汗国的蒙古人基本和畏兀儿人融为一体,为畏兀儿补充了新鲜血液。1934年,新疆省发布政府令,决定统一使用维吾尔作为汉文规范称谓,意为维护你我团结,首次精确表达了Uygur名称的本意。

  历史上,维吾尔族先民受突厥人奴役,两者是被奴役和奴役的关系。维吾尔族先民回纥早期受突厥统治,在唐朝军队支持下,起兵反抗东突厥汗国,并先后攻灭西突厥汗国、后突厥汗国。西突厥汗国灭亡后,一些使用突厥语族语言的部落向西迁徙,其中一支长期辗转西迁小亚细亚,融入当地诸族。维吾尔人不是突厥人的后裔。

  近代以来,一些“泛突厥主义”分子以西迁的部分使用突厥语族语言的部落融入当地诸族为借口,把使用突厥语族语言的各民族都说成是突厥人,这是别有用心的。语族和民族是两个不同的概念,有着本质的区别。中国使用突厥语族语言的有维吾尔、哈萨克、柯尔克孜、乌孜别克、塔塔尔、裕固、撒拉等民族,他们都具有各自历史和文化特质,绝不是所谓“突厥族”的组成部分。

بۇ ھەقتە ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقىمۇ مۇنداق دېگەن.

乌鲁木齐市长:维吾尔族不是突厥人后裔

乌鲁木齐晚报8月20日发表署名为乌鲁木齐市委副书记、市长 牙生·司地克的评论文章。文章指出,维吾尔族自古以来就是中华民族血脉相连的家庭成员,不是突厥人后裔,更与土耳其人没有任何关系。我们一定要擦亮眼睛,明辨是非,深刻认清新疆各民族是中华民族血脉相连的家庭成员,倍加珍惜来之不易的和谐稳定局面。

قىزىقارلىق يېرى ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرى قەدىمقى تۈركلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئەمەس دېگەن سۆزندىن باشقا بۈگۈنكى تۈركىيەلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق دەپ ئىزاھلىغان. بىئولوگىيەلىك كىملىك جەھەتتىن بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيەلىكلەرنىڭ ئەجىبا ھېچقانداق ئوخشاشلىقى يوقمۇ؟ 

سېرىق رەڭ قەدىمقى ئارىيانلارغا يەنى ياۋروپالىقلارنىڭ قەدىمقى ئەجدادلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دى ئېن ئا تەركىبىدە سېرىق رەڭنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى خېلى چوڭ. 

كاۋا چېچىكى رەڭگى قەدىمقى موڭغۇللارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ بۇ رەڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دى ئېن ئا تەركىبىدە ئىگەللىگەن نىسبىتى ھەممىدىن چوڭ.

يېشىل رەڭ  قەدىمقى ئىسرائىل ئەۋلادلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ بۇ رەڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دې ئېن ئاسىدا ئىگەللىگەن .نىسبىتى قەدىمقى تۈركلۈك تەركىبىدىن كۆپ 

قىزىل رەڭ قەدىمقى شىمالى ئىرانلىقلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، بۇ رەڭنىڭ نىسبىتى ئۇيغۇرلاردا خېلىلا چوڭ.

يۇقۇرقى رەسىم ھازىرقى زامان خەنزۇلارنىڭ دى ئېن ئا نەتىجىسى بولۇپ، ئاسالىق كۆك ۋە كاۋا چېچىكى رەڭگىدىن تۈزۈلگەن. يەنى ھازىرقى زاماندىكى خەنزۇلار ئاساسلىقى قەدىمقى جوڭگولۇقلار ۋە قەدىمقى موڭغۇللارنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن.

دېمەك دى ئېن ئا نەتىجى شۇنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكى– ئۇيغۇرلار ھەممە ئېرىقلارغا تەۋە ئەمما ھېچقايسى ئېرىقنىڭ ئۇيغۇرلارنى پەقەت ماڭىلا تەۋە دەيدىغانغا ھەققى يوق. ئۇيغۇرلار خالىسا ياۋروپالىق ئارىيان، خالىسا خەنزۇ، خالىسا يەھۇدى ياكى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى يەنە خالىسا موڭغۇل ۋە تۈرك. شۇڭا ئۇيغۇرغا بۇ كىملىكلەرنىڭ پەقەت بىرسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىملىكنى كۆتۈرۈپ يەنە بىر كىملىكنى چۆكۈرۈش سىياسى ئويۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس.  

ئۇيغۇر مۇقام ۋە ئىسرائىلىيە

ئۇيغۇر يوشۇرۇن يەھۇدىيلىرى دېگەن تېمىدا بايان قىلغاندەك كۆپ سانلىق بۇخارا يەھۇدىيلىرى يەھۇدى تاجىك تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولۇپ بۇلاردىن تىپىك ۋەكىل خارەكتىرلىك ئائىلە بولسا ئالائىۋ ئائىلىسى. ئالائىۋ ئائىلىسى تاجىكىستاندىن 1991-يىلى ئىسرائىلىيەگە كۆچۈپ بارغان بولۇپ ھازىر ئىسرائىلىيەدە سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يۇقۇرقى ۋىدىيو ئىسرائىلىيە خەۋەر قانىلىنىڭ ئالائىۋ ئائىلىسى توغۇرلۇق ئىشلىگەن خەۋىرى. 

ئالائىۋ ئائىلىسى گەرچە ئىسرائىلىيەگە كۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما بۇخارالىقلار مەدەنىيىتىنى ساقلاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن. يۇقۇرقى رەسىم ئالائىۋ ئائىلىسىنىڭ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىمى بولۇپ بۇ رەسىمدە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان رەسىم ئەلۋەتتە ھەممە ئۇيغۇرغا تونۇش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ غازى ئەمەت ئۇستاز سىزغان 12 مۇقام نامىدىكى سۇ بۇياق رەسىمى.

بۇ رەسىم ئالائىۋ ئائىلىسىگىلا ئەمەس بەلكى باشقا ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ سەنئەت ھاياتىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ غازى ئەمەت ئەپەندىمنىڭ ئىسرائىلىيە سەنئەت تەرەققىياتىغا قىسمەن رەڭدارلىقنى قوشقانلىقىنى بايقايسىز. 

يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ جوڭگو تەرىپىدىن قۇرۇلىشى

 

كىرىستىئان سەيىنت ئېتىننې فىرانسىيەلىك ئىقتىسادشۇناس، دۇنياۋى ئىستىراتىگىيەچى،يېڭى كونسىرۋاتىپلارنىڭ ۋەكىلى. ئۇ 2018-يىلى نويابىردا “تىرامپ ۋە شى جىنپىڭ-سېھرى جادۇگەرنىڭ شاگىرتلىرى” دېگەن كىتابنى نەشىردىن چىقارغان. بۇ كىتابى 2010-يىلى يېزىلغان يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ بەرپا بولىشىغا دائىر مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ ھەم شى جىنپىڭ ۋە تىرامپنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى تەسىرىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا يېزىلغان. بۇ كىتاب ئەسلى فىرانسۇسچە بولۇپ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسىنى بۇ توربەتتىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ كىتابنى يازغۇچى ئىقتىسادچى بولۇش سۈپىتى بىلەن جوڭگو ۋە خەلقئارالىق ئىقتىسادى ئامىللار ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تەخمىنى ھېسابلاپ شۇ تەرىقىدە تۆۋەندىكى مەزمۇننى يېزىپ چىققان. يازغۇچىنىڭ يازمىسىنى دېققەت بىلەن ئوقۇپ نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ ئۆزگۈرىشىگە تەدبىقلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

 

يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ جوڭگو تەرىپىدىن قۇرۇلىشى

جوڭگو 2019-يىلدىن باشلاپ خەلىق پۇلى، ياۋرو، رۇبلىنى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق پۇل تۆلەش سېستىمىسىنى قۇرۇپ چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ سېستىمىغا جوڭگونىڭ ئەڭ ئىلغار مەخپى شىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى قوللانغان بولۇپ، ئامېركا تۈزۈپ چىققان خەلقئارالىق سىۋىفت سېستىمىسىدىن ئايرىم ھالەتتە ئىشلەيدۇ. بۇ سېتىما جوڭگو، روسىيە، ئىران، شىمالى كورىيە ۋە ياۋروپا ۋە ئامېركىنىڭ نۇرغۇن شېركەتلىرىدە ئىشلىتىلىدۇ. جوڭگو 2018-يىلى خەلقئارادىن خەلىق پۇلىغا مال سېتىۋېلىش توختامى تۈزۈشنى باشلىغان بولۇپ، 2019-2010-يىللىرى بۇ توختاملارنىڭ مەزمۇنى كېڭىيىپ خەلقئارادىن خام ماتىريال ۋە نېفىت سېتىۋېلىشنىمۇ نورماللىققا ئايلىنىدۇ.

جوڭگو سۈننى ئەقىل ۋە ئاپتوموبىل ئىشلىتىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى قۇدرەتلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 5ج  تېخنىكىسىغىمۇ ئىشلىتىلىدىغان يېرىم ئۆتكەزگۈچنىڭ لاھىيەسىنىمۇ سىزىپ چىقىدۇ. بۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر ئەرزان بولغاچقا ئاسىيانىڭ بازىرىدىكى ئاپتوموبىل ياسىغۇچىلارغا ئىشلىتىپ قالماستىن ياۋروپا ۋە ئامېركىدىكى شېركەتلەر تەرىپىدىنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. جوڭگو بۇ قۇرۇلۇشنى باشلاش ئۈچۈن 2019-يىلى 11-ئايدا يەرشەرى ئاساسى قۇرۇلۇش سېستىمىسىنى پەيدا قىلىدۇ.

 

ياۋرو بىرلىكىنىڭ يېمىرىلىشى

جوڭگو ۋە ئامېركىنىڭ ئىقتىسادى ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى 2018-يىلى 3.7% تىن 2019-يىلى 2.6%كە چۈشۈپ قالىدۇ.خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندىنىڭ مۆلچەرلىشىچە 2020-يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىغىچە دۇنيانىڭ ئىقتىسادى 1.2%تىن ئاشمايدۇ. ئامېركىنىڭ0.8%، ياۋروپانىڭ مىنۇس 1% بولىدۇ. ئىتالىيە ج د پ قىممىتى 3% كە چۈشۈپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى 13.7%كە ئۆسۈپ كېتىدۇ. ئىسپانىيەنىڭ ج د پ قىممىتى 1.2%، فىرانسىيەنىڭ 0.4%كە چۈشىدۇ.ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ 2020-يىلى ئىشسىزلىق نىسبىتى 11.4% كە، 2021-يىلى 13.2% كە چۈشۈپ قالىدۇ. 2020-يىلى ئەتىيازغىچە گېرمانىيەنىڭ ئىسپانىيەگە بەرگەر قەرزى 4.7 نۇقتىغا، ئىتالىيەگە بەرگەن قەرزى 7.1 نۇقتىغا يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 2020-يىلى فېۋرالدا پۇل مۇئامىلە دۇنياسىدا ھەممە نەرسە بىراقلا پارتلايدۇ. 2020-يىلى 10-فېۋرالدا ياۋرو ئىتىپاقىدىكى ئەزا دۆلەتلەر سودا ئالاقىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشىرىدۇ. 14-فېۋرال ئىتالىيە قەرز تۆلەشتىن پۈتۈنلەي توختاپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال گېرمانىيە، لۇكسىمبۇرگ، گوللاندىيە، ئاۋستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن باشقا ھەممە دۆلەتلەردە كەينى كەينىدىن يۈز بېرىدۇ. بىر ياۋرونىڭ قىممىنى 0.92 دوللارغا تەڭ بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 2020-يىلى مارتتا سىياسى بوھران يۈز بېرىدۇ. ياۋروپا ئىتىپاقىدىكى يۇقارقى تۆت دۆلەت بىرلىشىپ ياۋرو مارك پۇل بىرلىكىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بىر ياۋرو ماركنىڭ قىممىتى 1.3 دوللارغا تەڭ بولىدۇ. قالغان 15 دۆلەت ياۋروپا ئىتىپاقىدا قېلىپ 0.7دوللارغا تەڭ ياۋرو بىرلىكىنى پەيدا قىلىدۇ. 2018-يىلىدىن 2021-يىلغىچە خەلقئارالىق سودىنىڭ قىممىتى 27% چۈشۈپ كېتىدۇ.

 

جوڭگو ۋە ئامېركا ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتنىڭ بىرىنجى خىل يۈز بېرىش شەكلى

ئامېركا ۋە ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرى 2018-يىلى ۋە 2020-يىلى  ئىران يادرو كېلىشىمى ۋە ئىران ئىقتىسادىغا زەربە بېرىلگەندىن كېيىن، دونالد تىرامپ 2020-يىلى نويابىردا قايتىدىن پىرىزدىنلىققا سايلىنىدۇ. جوڭگونىڭ ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى 2018-يىلى 6.5% تىن 2020-يىلى 4.2% كە، 2021-يىلى 3.8%كە، 2022-يىلى 1.7%كە چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبلىك جوڭگودىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى ئاشىدۇ. خەلقئارا سودىنىڭ ئۆرۈلۈشى بىلەن ئاسىيا بازىرى ۋەيران بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن جوڭگودا دەرىجىدىن تاشقىرى مىللەتچىلىك ھەركىتى باش كۆتۈرىدۇ. شى جىنپىڭ 2020-يىلى ۋە 2021-يىلنىڭ بېشىدا تەيۋەن بوغۇزىدا كۆپ قېتىم تەيۋەنگە قارىتا مانىۋېر ئۆتكۈزىدۇ. 2021-يىلى ئاپرىلدا شى جىنپىڭ بىۋاستە چوڭ كۆلەملىك مانىۋېرغا قاتنىشىدۇ. بۇ مانىۋېرنىڭ چوڭلىقى 2018-يىلدىكى مانىۋېردىن ئىككى يېرىم ھەسسە چوڭ بولىدۇ. بۇ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئالدىن شەپىسىنى بىلدۈرىدۇ. ئامېركىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارشى تەيۋەن بوغۇزىدىكى مانىۋېرنىڭ كۈچلۈكلىكى 2021-يىلى ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ. قارىماققا 2021-يىلى ياز ۋە كۈزدە بۇ توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىگەندەك كۆرىنىدۇ، ئەمما 2022-يىلى ئەتىيازدا جوڭگو تېرىتورىيەسىگە ھۇجۇم  پەيدا بولىدۇ ۋە ئىچكى قالايمىقانچىلىق كۆپىيىدۇ. دۇنيانىڭ ج د پ سى 2021-يىلى 0.1%كە ، 2022-يىلى 0.9% كە چۈشۈپ قالىدۇ. خەلقئارا سودىنىڭ ۋەيران بولىشى كومىنىستىك پارتىيە ئىچىدە شى جىنپىڭغا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ. جوڭگو ئىچىدە شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى ماختاپ ئۇچۇرۇش تېخىمۇ ئەۋجگە چىقىدۇ. شى جىنپىڭ كومىنىستىك پارتىيە ئىچىدە ھوقۇقنى قايتىدىن كونتىرول قىلماقچى بولىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن 2022-يىلى 25-سىنتەبىر جوڭگونىڭ 800 كۈرەشچى ئايروپىلانى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ ھۇجۇمدا جوڭگو تەرەپتىن 300دىن ئارتۇق، تەيۋەن تەرەپتىن 260 ئەتراپىدا كۈرەشچى ئايروپىلان پاچاقلىنىپ تاشلىنىدۇ. جوڭگونىڭ تۇنجى قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوشۇنى 26-سىنتەبىر چۈشكە يېقىن تەيۋەن ئارىلىغا چىقىدۇ. قۇرۇقلۇقتىكى جەڭ تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ. بۇ ۋاقىتقىچە ئامېركىنىڭ ئوكىناۋا ۋە شىمالى فىلىپىندىكى دېڭىز ئارمىيەسى تېخى ھەركەتكە ئۆتمەيدۇ.   2022-يىلى 27-سىنتەبىر ئۇرۇش مالىمانچىلىقى يۇقۇرى پەللىگە چىقىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت 10دا شىياڭگاڭدىن تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇچۇرغا ئاساسەن ئەنگىلىيە ب ب س ئامېركىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يادرو بومبىسىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ۋە يادرو بومبىلىرىنىڭ بېيجىڭ ۋە گۇاڭجوۋدا كەچ سائەت 9:20دە پارتلىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيا بۇ خەۋەردىن قورقۇنۇشقا چۆكىدۇ. بۇ خەۋەر بەش بۇرجەكلىك بىنا تەرىپىدىن 21 مىنۇتتىن كېيىن جەزىملەشتۈرىلىدۇ. ياپونىيە ۋە ئامېركىغا جوڭگودىن قارشى يادرو بومبىسى ئېتىلمايدۇ. ئەمما تەيۋەندىكى قۇرۇقلۇق جېڭى 28-سىنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ. جوڭگو ھۆكۈمىتى يەنىلا جوڭگونى كونتىرول قىلىۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ، بارلىق ھەربىيلەر ھەركەتكە ئۆتىدۇ. ئەمما 29-سىنتەبىر 17 مىليون ئادەمنىڭ بېيجىڭ ۋە گۇاڭجۇدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن جوڭگو ئىچىدە ھەرقايسى چوڭ شەھەرلەردە نامايىشلار ئارقا ئارقىدىن باش كۆتۈرىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە يەنە يۈز مىڭلىغان مىللەتچىلەر ياپونىيە ۋە كالىفورنىيەنى تۈزلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوخشاشلا يەنە نەچچە يۈزمىڭ ئادەم جوڭگودا كومىنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەمدى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.  27-سىنتەبىردىكى ئامېركىنىڭ ھۇجۇمى جەريانىدا ئامېركىنىڭ ئىتىپاقداشلىرى بولغان فىرانسىيە، بېرىتانىيە، ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر جوڭگو چىگراسى ئىچىگە 150 مېل(تەخمىنەن 241 كىلومېتىر) ئىچكىرلەپ كىرىدۇ. جوڭگو ئامېركا ۋە ياپونىيەگە يادرو بومبىسى ئېتىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتەلمەيدۇ، چۈنكى قايتۇرما ھۇجۇمنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىر بولاتتى. 2022-يىلى ئۆكتەبىرگىچە جوڭگو ھەربى تەرەپ نامايىشقا چىققانلاردىن 30000 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بولىدۇ. 14-ئۆكتەبىر 80 مىليون ئادەم “مودىرنىست دېموكراتچىلار” دېگەن تەشكىلاتنىڭ تەشكىللىشىدە نامايىش قىلىدۇ.    26-ئۆكتەبىر دىموكراتچىلار ھوقۇقنى قولغا ئالىدۇ. شى جىنپىڭ  بۇ ۋاقىتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ ياكى باشقىلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرىلىدۇ.  2022-يىلى دىكابىر ۋە 2023-يىلى يانۋاردا مانىلا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈپ جوڭگو سىياسى تەرتىپى يېڭىلىنىدۇ. ئامېركا قوشما شىتاتلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار شاڭخەينىڭ جوڭگونىڭ يېڭى پايتەختى بولغانلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ. جەنۇبى دېڭىز چىگراسى قايتىدىن سىزىپ چىقىلىدۇ. ھىندىستان، نېپال، پاكىستان بۇ كېلىشمگە قوشۇلىدۇ. ھىندىستان ۋە پاكىستان يادرو قورالىدىن ۋاز كېچىدۇ. جوڭگو بولسا 120 يادرو ئوق بېشى بىلەن چەكلىنىدۇ.

 

يەنە بىر خىل سىنارىست

ئامېركىنىڭ 2022-يىلى 27-سىنتەبىردىكى جوڭگوغا قىلغان يادرو ھۇجۇمىدىن كېيىن، جوڭگوغا قارىتا ئېلىپ بارغان بۇ خىل رەھىمسىز سىياسىتى تۈپەيلىدىن ئامېركا ئىچىدە ئىستىراتىگىيەلىك بۆلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.  جوڭگو ياپونىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرى، كالىفورنىيە، ۋاشىنگىتون شىتاتلىرى قاتارلىقلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشقا قارار چىقىرىدۇ. لوس ئانجىلىس، سان دىئاگو، سىياتىللار يادرو ھۇجۇمىدا تۈزلىنىپ كېتىدۇ. جوڭگونىڭ يادرو ھۇجۇمىدا ئامېركىدا 52 مىليون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. ئامېركىنىڭ ھۇجۇمىدا جوڭگودا 451 مىليون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. روسىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ياۋروپا ئامېركىنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە ئىرانغا يادرو بومبىسى ئاتىدۇ. ئىراندا 11 مىليون ئادەم ئۆلىدۇ. ئىسرائىلىيە لىۋان ۋە سۈرىيەگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان مەزگىلدە تۈركىيە پىرىزدىنتى ئەردوئەن نامەلۇم سەۋەب تۈپەيلى قەستلەپ ئۆلتۈرىلىدۇ. لىۋانلىق ھېزبۇللانىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىدا ئىسرائىلىيە تەرەپتىن 70000 ئەر ۋە 310000 پۇخرا جېنىدىن ئايرىلىدۇ. روسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بالتىق دۆلەتلىرى ۋە ئۇكرائىنادا ھەربى كونتىرولنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بىلروسىيە بولسا روسىيە بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن روسىيە ئارمىيەسى پولشانىڭ چىگرىسىگىچە كېلىدۇ. يۈز مىڭلىغان پولشالىقلار بۇنىڭدىن قورقۇپ يۈك تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ ۋارشاۋادىن ئايرىلىدۇ. تىرامپ تىۋىتىردا “ئەگەر پۇتىن ئودىر نېيسى سىزىقىغا يېقىنلاپ كېلىدىكەن ئۇنداقتا يېڭى دۇنيا ئۇرۇشى قوزغىلىدۇ” دەپ روسىيەنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئامېركا پولشادىن ۋاز كېچىدۇ. تەخمىنەن 3.5 مىليون پولشالىق گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەگە قاچىدۇ. پۈتۈن ياۋروپانىڭ بارلىق سانلىق ئۇچۇرلىرى ئامېركىنىڭ قولىدا بولىدۇ. 2022-يىلىنىڭ ئاپرىلغىچە شىمالى ياۋروپادا رادىكال ئىسلامىستلارنىڭ سانى 760000غا يېتىدۇ. ياروپا ئىچكى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىدۇ. ياۋروپادا370000 ئادەم ئەسەبىيلىككە قارشى قايتا تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش لاگىرلىرىغا سولىنىدۇ. 2022-يىلى ئۆتەبىردە گېرمانىيە ياۋروپا خەلقىنىڭ بىرىنجى نۇمۇرلۇق دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ.

 

قىسقىسى ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالالامدۇق يوق، بۇنىڭ جاۋابى 2022-يىلى 27-سىنتەبىر چىقىدۇ.

ئافغانىستان ۋە ئىسرائىل ئەۋلادلىرى

ئاتۇش يوشۇرۇن يەھۇدىيلىرى دېگەن تېمىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى توغۇرلۇق بىر ئاز تارىخى جەھەتتە ئۇچۇر بېرىلگەن ئىدى. شۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغىنىدەك سوغدىيانالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۈگۈنكى زاماندا ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بولسا ئافغانىستانلىق ئىسلام دىنلىق ئىسرائىللار ۋە يەھۇدى دېنلىق ئىسرائىللار. ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسلاملىشىشى ۋە تۈركلىشىدىن كېلىپ چىققان ئەسلى كىملىكنىڭ ئاتسىملاتسىيە بولۇپ يوقاپ كېتىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ ئورتاق قىسمىتى ھېسابلانسا كېرەك. شۇ سەۋەبدىن بۈگۈنكى گېنىتىكا تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا جۈملىدىن ئافغانىستاندا كىملەرنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش پەقەت ۋاقىتنىڭ مەسىلىسى. شۇ سەۋەبتىن ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى ئىزدەش خىزمىتى توختاپ قالغىنى يوق.

بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئافغانىستان ۋە ئىسرائىلىيە ئىتىپاقى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئافغانىستانلىقلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇرۇش قىلىپ ئۇرۇشتىن زېرىككەن ۋە ياش ئەۋلادلىرى قوللىرىغا قورالنى ئەمەس كىتاب ۋە قەلەم ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتكەن. مۇشۇنىڭدەك تارىخى ۋەزىيەتتە ئافغانىستاندىكى ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ئافغانىستان ۋە ئىسرائىلىيە ئىتىپاقى زۆرۈر ۋە پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە.

تۆۋەندىكى توربەت دەل ئاشۇنىڭدەك بىر مەقسەتتە قۇرۇلغان بولۇپ، قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

http://www.halavi.org/

afghan

ئىسلام دىنلىق ئىسرائىل ئەۋلادلىرى بىلەن يەھۇدى دىنلىق ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى ۋە ياردەمدە بولىشىمۇ ئىلگىلىرى سۈرۈلمەكتە. تۆۋەندىكى رەسىم بېرتانىيە مۇسۇلمان لىدىرلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان زىيارىتى.

ئاتۇش يوشۇرۇن يەھۇدىيلىرى

ئاتۇش ياكى ئارتۇش بولسا تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى شىمالىغا، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ 9-ئەسىردىن بۇرۇنقى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ ئىستىلاھ قىلىشىدىن بۇرۇن، ئۇلار تات تىلىدا سۆزلىشەتتى. بۇ پاكىت مەھمۇد قەشقەرىنىڭ دىۋان لۇغەتىدە تىلغا ئېلىنغان.

ئۇنداقتا تات تىلى قانداق تىل؟

تات تىلى ياكى تاتى تىلى بولسا غەربى جەنۇپ ئىران تىلى بولۇپ، ئەمما پارىس تىللى بىلەن قەتئىي باغلىنىشى يوق. بۇ تىل پەقەت تاتلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تىلنىڭ يېزىقچە شەكلى ئوتتۇرا پارىس پاخلاۋى تىلىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن باشقا تات تىلىنى كاۋكازلىق يەھۇدىيلارمۇ ئىشلىتىدىغان بولۇپ يەھۇدى-تات تىلى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇنداقتا تاتلار كىم؟ ئۇلار نەدىن كەلگەن ئادەملەر؟

ئاۋال بۇ ۋىدىيونى كۆرۈڭ

 

تاتلار بولسا كاۋكازلىق يەرلىك ئىرانلىقلار بولۇپ ئۇلارنىڭ مەنبەسى ساسانىد دەۋرىدىكى ئىرانلىق كۆچمەنلىرىدۇر.

دېمەككى، كاۋلازغا كۆچكەن ئىرانلىق تاتلار ياكى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ، ئەلۋەتتە  خېلى بۇرۇن ۋە كېيىنكى زامانلاردا ئاتۇشقا كۆچكەن بولىشىمۇ مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئاۋال سوغدىياناغا يەنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئاندىن ئارتۇشقا يەرلەشكەن.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 539-يىلى بابىيلون يېقىلدى. بابىيلون پارىس خانى سايرىس تەرىپىدىن ئىستىلاھ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن تۇنجى ئىسرائىل قەۋىمى بالخ رايونىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. نەچچە ئەسىر ۋاقىتتىن كېيىن بالخ ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ جەمئىيىتىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئاستا ئاستا ئىسرائىل ئەۋلادلىرى باشقا چوڭ رايون مەركەزلىرىگە جايلىشىشقا باشلىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىسرائىللار سوغىد رايونىدا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇلار پاخلاۋى تىلىدا سۆزلىشەتتى بۇ تىل كېيىن سوغىد تىلى دەپ ئاتالدى. كېيىن بۇخارادا يېڭى ئىرانچە تىل يەنى دارى تىلى پەيدا بولدى. ئىسرائىل ئەۋلادلىرى بۇ تىلنىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆگىنىۋالدى، ئەمما يەنىلا پاخلاۋى تىلىنىڭ ئېلىمنىتلىرىنى ساقلاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تىلى قەدىمقى ئەخىمەنىدس، پاخلاۋى ۋە دارى تىللىرىنىڭ ئارلاشمىسى بولۇپ شەكىللەندى ۋە تۈرك تىللىرىنىڭ بەزى ئېلىمنىتلىرىنىمۇ قوشۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تىل يېڭى زامان تاجىك تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سېلىپ بەردى.

دىۋانى لۇغەتتە مۇنداق مەزمۇنلار بار:

تات- پۈتۈن تۈركلەرنىڭ نەزىرىدە، پارىسچە سۆزلەيدىغان كىشى

تات- تۇخسى، ياغمىلارنىڭ نەزىرىدە مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار، مەن بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا ئاڭلىدىم، «تات تاۋغاچ» دەيدىكەن. بۇ «ئۇيغۇر ۋە چىنلىق» دىگەن بولىدۇ. ئۇلار ۋاپاسىز كېلىدۇ … تاتسىز تۈرك بولماس، باشسىز بۆك بولماس

2- قىسىم 409 – 410 – بەت

دېمەك تاتسىز تۈرك بولماس دېگەنلىك تاتلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ئىتىپاق تۈزگەنلىكى، باشسىز بۆك بولماس دېگەنلىك بولسا تۈركلەرنىڭمۇ بېشىغا دوپپا ياكى كىپپا كىيىپ تاتلارغا ئوخشاش ھاياتتا ياشايدىغانلىقى، تۈركلەرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە تاتلارغا سىڭىپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

بۇ سوغدىلار ياكى تاتلار ۋە ياكى بۇخارالىقلار قىسقىسى ئاتۇش تاتلىرى بولسا قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ قۇرۇغۇچىلىرىدۇر. سۇلتان سۇتۇغ بۇغراخان بولسا تۇنجى دىنىنى ئىسلاملاشتۇرغان پادىشاھتۇر.  سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ كېلىپ چىقىشى ئاتۇشتىن بولۇپ 10-ئەسىردىكى ھۇدۇد ئەل ئەلەم دېگەن كىتاپتا ئېىيتىشىچە بۇغراخان ئاتۇشنىڭ ياغما مەھەللىسىدىن، ياغما بولسا قاراخانىيلارنى قۇرىغان قەبىلىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىر قەبىلىدۇر.

سۇتۇغ بۇغراخان تارىم ئويمانلىقىدىكى خەلقلەرنى مەجبۇرى ئىسلاملاشتۇرغان بولغاچقا، شۇ ۋاقىتتىكى بارلىق باشقا دىنغا ئېتقاد قىلىدىغان ئىسرائىل ئەۋلادلىرى جاننى ساقلاش ئۈچۈن ھەممىسى ئىسلاملاشقان. بۇنىڭغا ئوخشىغان مىساللار ئىسپانىيە پورتىگال دېگەندە زېمىنلاردىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ شۇنىڭغا ئوخشىغان مەجبۇرى ئىسلاملاشۇرغان ياكى خېرىستىئانلاشتۇرغان ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ياكى يەھۇدىيلار دىننى جەھەتتە ئىسلامغا ئېتقاد قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئەسلىدىكى ياشاش ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قالغان.بۇنىڭدەك كىشىلەرنى كېين تەتقىقاتچىلار يوشۇرۇن يەھۇدىيلار دەپ ئاتىغان.

ئەسىرلەردىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا تېمۇر پادىشاھلىقى قەد كۆتۈرگەندە نۇرغۇن يەھۇدىيلار بۇخاراغا كېلىپ يەرلەشكەن. تېمۇرنىڭ باش كۆتۈرۈشى بولسا سوغدىلارنىڭ ياكى تاتلارنىڭ ۋە ياكى بۇخارالىقلارنىڭ قىسقىسى يەھۇدىيلارنىڭ باش كۆتۈرگەنلىكىنىڭ سىموۋولى بولۇپ قالغان. بۇلار كېيىنكى مەزگىلدە بۇخارا يەھۇدىيلىرى دەپ ئاتالغان.

ئەلۋەتتە يوشۇرۇن يەھۇدىيلار ئاتۇشتىلا مەۋجۇت بولمايدىغان بولۇپ تەڭرى تاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى ھەربىر چوڭ شەھەردە مەۋجۇت. شۇڭا دائىرىسى جەھەتتىن يوشۇرۇن يەھۇدىي سالاھىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جايلىشىشى كەڭ، سانى  ئاز ئەمەس. ئەمما ئومۇمى ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يوشۇرۇن ئىسرائىل ئەۋلادلىرى دېگەن ئاتالغۇ تېخىمۇ ماس كېلىشى مۇمكىن. 

بۇلارنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى مەن بولۇپ، مېنىڭ دى ئېن ئا نەتىجەم بۇ تارىخنى ئىسپاتلايدۇ.ئەلۋەتتە ھەممىمىزگە تونۇش بولغان بۇ ئادەمنىڭ دى ئېن ئا سىمۇ بىزگە ئوخشاش نەتىجىنى چىقىرىپ بېرىشى ئېننىق.

ئۇنداتا سىز ئاتۇشلۇق داڭلىقلاردىن يەنە كىملەرنى تونۇيسىز؟ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسىدىكى ئورنى قانداق؟  ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن يەھۇدىيلار ياكى ئىسرائىللار ئىكەنلىكىنى  ئويلاپ  باققانمىدىڭىز؟ مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئۇنداق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ باقمىغان. ئەمما ھەقىقەت شۇ بولسا ئۇنى قۇبۇل قىلىش كېرەك ۋە ئىسرائىل بولغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.

خالمۇرات غۇپۇرنىڭ ئۇيغۇر گېنى ھەققىدىكى تەتقىقاتى

خالمۇرات غوپۇر تەجىربەخانىسى 2017-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئاياللارنىڭ گېنىتىكىسىنى تەتقىق قىلغان ماقالىنى تەبىئەت ژورنىلىغا سۇنغان بولۇپ، بۇ ماقالىسى 2017-يىلى نويابىردا توردا ئېلان قىلىنغان. (نې نى ئاقماس ئىشلارنى توردا غۇل غۇلا قىلىدىغان بۇ ئۇيغۇرلار ئەپسۇس خالمۇرات غوپۇر تەبىئەت ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلسا ھېچكىم  توردا غۇل غۇلە قىلمىغان. نېمىشقا دەپ سوئال قويىدىغانلار يوقمۇ؟)

تەبىئەت ژۇرنىلىغا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ۋە قىلىنىدىغان ئالىملارنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق ۋە ئەستايىدىل ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك.

مەن ئالدىنقى ئۇيغۇرلارنىڭ گېنى ھەققىدىكى تېمىدا پامىر تاجىكلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى بىر ئاز سېلىشتۇرۇپ، تاجىكلارنىڭ گېنىتىكا ئالاھىدىلىكى بولسا شەرقى جەنۇبى ئاسىيالاشمىغان ۋە تۈركلەشمىگەن بۇرۇنقى ئۇيغۇرنىڭ گېنىتىكا ئالاھىدىلىكىگە ئوخشاش دەپ ئېيتقان.

خالمۇرات غوپۇر ماقالىسىدىمۇ تاجىكلارنى تەتقىقات ئوبۇكتى قىلغان بولۇپ، بۇ يەردە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاسان چۈشىنىشى ئۈچۈن پەقەت ئالدىنقى تېمىدا تىلغا ئېلىنغان پامىر تاجىكلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دى ئېن ئا ئالاھىدىلىكىنى تىلغا ئالىمەن. ماقالىگە ئالاھىدە قىزىققۇچىلار ماقالىنىڭ مەنبەسىگە كىرىپ تەپسىلاتىدىن خەۋەر تاپسا بولىدۇ.

ئەمدى گېپىمىزنىڭ ئاساسىغا كەلسەك  ماقالىدىكى نەتىجىدە پامىر تاجىك ئاياللىرى ۋە ئاتۇش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى تۆۋەندىكىدەك:

رەسىمدىن كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئېرىقلاردىن كېلىش مەنبەسى تاجىكلارنىڭكىدىن كۆپ، تاجىكلاردا ئەڭ يۇقۇرى يەنى قىزىل رەڭلىك رايون 52 پىرسەنتنى ئىپادىلەۋاتقان بولۇپ، بۇ گۇرپا كىشىلەرنىڭ مەنبەسى ئوتتۇرا شەرىق دەپ قارىلىدۇ. بۇ گۇرپا ئادەملەر ئۇيغۇرلاردا بولسا 18.5 پىرسەنتنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ

قىزىقىدىغانلار ئۆزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەربىر گۇرپىسىنىڭ مەنبەسىنىڭ نەدىن ئىكەنلىكىنى ئۆزى ئىزدەنسە بولىدۇ. ئەمما ماقالىنىڭ تېخىمۇ يارقىن نۇقتىسى شۇكى خالمۇرات غوپۇر ئوتتۇرا ئاسىيا ئاياللىرىنىڭ دىن ئېن ئاسىنى  تىبەت ئاياللىرى ۋە خەنزۇ ئاياللىرىغىمۇ سېلىشتۇرۇلغان. نەتىجە مانا مۇنداق:

بۇ نەتىجىگە كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ قارايدىغان بولساق، ئاتۇش ئۇيغۇر ئاياللىرى، شەرقى پامىر قىرغىز ئاياللىرى ۋە خەنزۇ ئاياللارنىڭ ئەجدادىنىڭ مەنبەسى ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. يەنى ئاتۇش ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەجدادلىرى ياۋرو ئاسىيا قىتئەسىنىڭ شەرقى شىمالىدىن كەلگەن. ئاددىيلاشتۇرغاندا بۈگۈنكى زاماندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى شەرقى ئاسىيادۇر.

بۇ ماقالىدە خالمۇرات غوپۇر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياۋروپا ئېرىقى ئىكەنلىكىدەك تور يۈزىدىكى تەشۋىقاتقا خېلى ئېغىر قارشى پاكىت ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئانىلىرىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقىنى ياخشى قوغدىغان. ئۇيغۇر ئانىلىرىمىزنىڭ شەرقى ئاسىيالىق بولىشى ھەرگىز نومۇس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس.