مېڭە پىروگىراممىلاش

ئادەمنىڭ خاراكتىرى مۇرەككەپ بولۇپ ئاساسلىق بىر ئادەمنىڭ تۆت خىل خاراكتىرى بولىدۇ. بىرى كانشىس ھالەتتكى ئېگوسى، يەنە بىرى سابكانشىس ھالىتى، يەنە بىرسى ئانكانشىس ھالىتى ۋە ئەڭ ئاخىرقىسى سۇپىر ئېگوسى. ئاددىيلاشتۇرغاندا سابكانشىس ھالىتى بولسا ئادەمنىڭ بالىلىقتا يېتىلدۈرگەن خارەكتىرى، ئانكانشىس ھالىتى بولسا ئادەمنىڭ پىشىپ يېتىلگەن ۋاقىتتا يېتىلدۈرگەن خاراكتىرى.ئەسكەرتىش كېرەككى، ئادەمنىڭ يېشى چوڭىيىپ ماڭسىلا ئانكانشىس خارەكتىرىمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ پىشىپ يېتىلىپ قالمايدۇ. ئانكانشىس ھالىتىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى بىر ئادەمنىڭ ھەقىقى ئادەم بولۇپ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم.  ئېگو بولسا ئادەمنىڭ نورمال ۋاقىتتا داۋاملىق ئىپادىلەپ تۇرىدىغان باشقىلار داۋاملىق كۆرىدىغان خاراكتىرى، سۇپىېر ئېگوسى بولسا ئادەمنىڭ ئاچچىغى كەلگەندەك ئىپادىلەيدىغان خارەكتىرى. تۆۋەندە مەن پەقەت مېڭە پىروگگىلامىلاش ھەققىدە يازدىم شۇڭا ئاساسلىقى سابكانشىس مېڭىنى قانداق پىروگگىلاملاش سۆزلىنىدۇ. 

بوب پىروكتور بولسا ئىنتايىن چۈشىنىشلىك ئۇسۇلدا ئىنسان مېڭىسىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ دەيدۇكى مېڭىمىزنىڭ سابكانشىس قىسمى ھاياتىمىزنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. سابكانشىس مېڭىمىز بالىلىق ۋاقتىمىزدا يەنى نۆل ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان مەزگىلدە تەرەققىي قىلىدىغان بولۇپ بۇ ۋاقىتتىكى مېڭە ۋە بۇ ۋاقىتتا شەكىللەنگەن قىممەت قاراشلار پوزىتىپ ياكى نېگاتىپ بولىدىغان بولۇپ، بىز مۇشۇ قاراشلىرىمىزغا تايىنىپ تۇرۇپ كېيىنكى ھاياتىمىزدا ئۇچۇرلارنى تاللايمىز ۋە شاللايمىز. 

ئىنسان مېڭىسىنى پىروگگىراملاش ئەمەلىيەتتە سابكانشىس مېڭىنى ئۆزگەرتىش بولۇپ ئىنساننىڭ بۇرۇنقى ھاياتىدا ئىشنىپ كېلىۋاتقان قىممەت قاراشلىرىنى سىرتقى تەسىر ئاستىدا قايتا قايتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ پىروگگىلانغان مېڭىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مېڭىنى پىروگىراممىلاش تاكتىكىسىنى بىر ئادەم ئۆزى ئۈچۈن قوللىنىپ ئاكتىپ ياخشى ئۆزگۈرۈشنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ.مېڭىنى پىروگىراممىلاشنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك.

ئەڭ ئاۋال مېڭىمىزغا كىرىدىغان ياكى چىقىدىغان ئوي خىيال بولىشى كېرەك. ئەگەر بىز مېڭىمىزنى ئۆزىمىز ياخشى تەرەپكە پىروگگىراممىلىماقچى بولساق ئۇنداقتا بىز سىرتقى دۇنيادىن مەسىلەن يۇتۇيۇبتىن ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك فىلىملارنى، ئىلھام بېرىدىغان ۋىدىيولارنى، پۇل تېپىشقا پايدىلىق نەرسىلەرنى تاللاپ كۆرىشىمىز كېرەك. دەل شۇنداق قىلغاندا بىز ئۆزىمىزنىڭ مېڭىسىنى ئۆزىمىز پىروگگىراممىلاشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى باسقان بولىمىز. ئۇنىڭدىن سىرت مېڭىمىزگە كىرىۋاتقان ئاكتىپ خىيالنى ھېسياتىمىز بىلەن بىرلەشتۈرىشىمىز كېرەك. چۈنكى نۇرغۇن ۋاقىتلاردا مېڭىگە كىرىدىغان ئوي پىكىرلەر ئەستىن چىكىتىدۇ ئەمما كاللىدا قالىدىغىنى ھېسىيات بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئاكتىپ ئېنىرگىيەنى قۇبۇل قىلىش ۋە ئۆزىنى شۇ مۇھىتتا ياشاۋاتقاندەك ھالەتكە كېلىپ ھېسسيات جەھەتتىن ھېس قىلىش ۋە بۇ خىل جەرياننى قايتا قايتا قايتا قايتا تەكرارلاش ئاخىرىدا مېڭىمىزنى شۇ خىل مۇھىتتا ياشاۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرىردۇ. مېڭىمىز بۇنىڭغا ئىشەنگەندىن باشلاپ شۇ ئۆزى ئىشەنگەن ھادىسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن توخىماي شۇنىڭ ئىسپاتىنى ئىزدەيدۇ ۋە شۇنى ئىسپاتلاشقا كېرەك بولغان نەتىجىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ۋە ئاخىرىدا جەزىملەشتۈرىدۇ. بۇنداق ئەھۋال قايتا قايتا داۋاملاشقاندا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان بىر ئېتقاد شەكىللىنىدۇ.

مېڭە پىروگگىراممىلاشنىڭ جەريانى مانا يۇقۇرقىدەك بولىدۇ.بۇ جەرياندا ئەڭ مۇھىم ئىككى ئامىل شۇكى مېڭىگە كېلىۋاتقان ئۇچۇرنىڭ ئاكتىپ ، راست ۋە پايدىلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە بۇ خىل ئۇچۇرلارنى ئالغاندىن كېيىن تەپەككۇر ئارقىلىق ھېسسىي ھېس قىلىش ۋە بۇنى قايتا قايتا تەكرارلاش. مەسىلەن: سىز مۇھەببەتلەشكەن بولسىڭىز سىز مۇھەببەتلەشكەن جەرياندىكى كاللىڭىزدا پەيدا بولىۋاتقان ئوي پىكىرنىڭ ئاكتىپ ۋە راست بولىشىغا كاپالەتلىك قىلمىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ پاسسىپ خىيالىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا سەۋەبچى بولىسىز. پاسسىپ خىيالىڭىز سىزنى بۇ مۇھەببەت توغرىسىدا توختىماستىن پاسسىپ ئويلاشقا ۋە ئاخىرى پاسسىپ ھېسىياتقا باشلاپ بارىدۇ. ئەگەر سىز مۇشۇنداق ئاساسسىز ھالدا قايتا قايتا پاسسىپ ھېسياتنى باشتىن كەچۈرىۋەرسىڭىز ئاخىرى مېڭىڭىز بۇ مۇھەببەتنى نەتىجىسىدىن گۇمان قىلىشقا باشلايدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك سىز ئوغۇل دوستىڭىزنى تاشلىۋېتىشىڭىز مۇمكىن. دېمەك سىز ئوي خىيالىڭىزنى كونتىرول قىلمىغانلىقىڭىز سەۋەبلىك ئاخىرى ئۆز تەغدىرىڭىزگە خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قالىسىز.  

مېڭىنى پىروگگىراممىلاشتا گىپنوز قىلىش ئۇسۇلى كۆپرەك قوللىنىدىغان بولۇپ سىز ئۆزىڭىزنىڭ مېڭىسىنى ئۆزىگىز گېپنوز قىلالايسىز، بۇنداق قىلىشىڭىز ئۈچۈن سىز مېڭە دولقۇنىڭىزنى گېپنۇز پەيدا قىلىدىغان مېڭە دولقۇنى بىلەن تەڭ ھالەتكە ئېلىپ كېلىشىڭىز كېرەك. مېڭە دولقۇنى ۋە مېڭىمىزنىڭ مۇناسىۋېتى تۆۋەندىكىدەك 

مېڭىمىزنىڭ دېققەتنى يېغىدىغان، ئەقىلنىڭ تازا ئىشلەيدىغان ۋاقتىدا مېڭىمىز بدتا دولقۇن تارقىتىدۇ. ئەمما مۇشۇ ھالەتتىن باشقا ھالەتكە ئۆتكەندە ئەلفا، سېتا ۋە دېلتا دولقۇنلىرىنى تارقىتىدۇ. مېڭىمىز ئوخشىمىغان دولقۇن شارائىتىدا ئوخشىمىغان فۇنكىسىيەگە ئىگە بولىدۇ. مېڭە يۇيۇشتا ئاساسلىقى سېتا دولقۇن مۇزىكىسى ئارقىلىق مېڭىمىزنى سېتا دولقۇنغا تەڭشەپ ئۆزىمىزنى داۋاملىق تەكشەپ تۇرساق بولىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك.

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.