دى ئېن ئادىن بىلگىلى بولىدىغان مەخپىيەتلىكلەر

دى ئېن ئا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەجدادىنى بىلگىلى بولىغىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئەمما مەنچە دى ئېن ئا ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ خارەكتىرىنى، ئۇنىڭ ئەقىللىق ياكى دۆتلىكىنى، كەلگۈسىدە پۇل تاپالايدىغان ياكى تاپالمايدىغىنىنى، تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇيالايدىغانلىقى ياكى ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى، ۋە مۇشۇنىڭدەك نۇرغۇن نەرسىلەرنىمۇ بىلگىلى بولىدىغانلىقى كىشىنى قىزىقتۇرماي قالمايدۇ.

كەلگۈسىدە پەقەت گېنىڭىز ئارقىلىق سىزنىڭ قىممىتىڭىز بەلگىلەنسە سىز قانداق پوزىتسىيەدە بولىسىز؟ گېنىڭىزگە ئاساسەن خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلسىڭىز، گېنىڭىزگە ئاساسەن مۇئامىلىگە ئۇچرىسىڭىز. مەنچە گېنى ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن بۇ بەك گۈزەل كەلگۈسى بولىدۇ، ئەمما گېنى ياخشى ئەمەس ئادەملەر ئۈچۈن بۇ بەك ئېچىنىشلىق بولىشى مۇمكىن. يۇقۇرقى گاتتاكا دېگەن كىنونى كۆرۈپ باقسىڭىز ئۇ خىل دۇنياۋى تەرتىپنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئاز تولا بىلەلەيسىز. 

ئەمدى ئەسلى مەقسەتكە كەلسەم، مەنمۇ دەل مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكلىرىمنى بىلىپ باقاي دەپ دى ئېن ئا ئۇچۇرۇمنى گېنوملىنك دېگەن توربەت ئارقىلىق تەكشۈرۈپ باقتىم. نەتىجىسىدىن بەكىرەك بۇ شېركەت گېنىم ئارقىلىق نىمىلەرنى دىيەلەيدۇ دېگەنگە قىزىقىشىم كۈچلۈك ئىدى. 

كۆرۈپ تۇرغىنىڭىزدەك بۇ شېركەت سىزگە يېمەك ئىچمەك ئوزۇقلىنىش ئادىتىڭىز توغۇرلۇق، خاراكتىرىڭىز توغۇرلۇق، ئەقلى قابىلىيىتىڭىز توغۇرلۇق، بەدەن ھالىتىڭىز توغۇرلۇق ۋە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالىڭىز توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى بېرەلەيدىكەن. ھەربىر بۆلەكنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرىڭىز ياكى كامچىلىقلىرىڭىز توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيدىكەن.  

مەنچە خارەكتىرىنىڭ قانداق بولۇشى دى ئېن ئا تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ بولۇنغان بولسا ئۇنداقتا بىر بالىنىڭ قانداق خارەكتىردە چوڭ بولىشىدا شۇ بالىنىڭ ئاتا ئانىسى بىۋاستە پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەككەن. ئەلۋەتتە مۇھىت ئامىلى چوڭ ئامىل ئەمما بالىنىڭ ئەسكى ياكى ياخشى بولىشىدا ئاتا ئانا بىۋاستە رول ئوينايدىكەن. خارەكتىرنى تەكشۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى بار بولۇپ ئۇنى م ب ت ي دەپ ئاتايدىكەن. پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار 16 خىل خارەكتىرنى تەشكىل قىلىدىكەن.

خارەكتىرىڭىزنى بىلىپ بولغاندىن كېيىن ئەقلى قابىلىيىتىڭىزنى بىلگىڭىز كېلىدۇ ئەلۋەتتە، دى ئېن ئا نەتىجىسى بۇنىمۇ تەپسىلى دەپ بېرەلەيدىكەن.

ئەقىل توغۇرلۇق نەتىجىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن تېخىمۇ ئادەمنى جەلىپ قىلىدۇ. ئەقىلنى پىسخلوگلار ئىككىگە ئايرىغان بولۇپ بىرى توختامسىز ئەقىل يەنە بىرى توختاملىق ئەقىل. توختامسىز ئەقىل دېگىنى دەرھال ئىنكاس ئىقتىدارى بولۇپ، توختاملىق ئەقىل دېگىنى ئەمەلىيەتتە پاراسەتنى كۆرسىتىدۇ. دى ئېن ئا نەتىجىدە مېنى دەل دەرھال ئىنكاس تۆۋەن ئەمما ئىنتايىن پاراسەتلىك دەپ چىقتى ، بۇنىڭدىن باشقا مەكتەپتە جىق ئوقۇيالمايدۇ دەپ كۆرسىتىپتۇ ئەپسۇس مۇھىت ئامىلى سەۋەبلىك مەكتەپتە خېلى ئوقۇپ كېتىپتىمەندە ئەسلى دەپ ئويلاپ قالدىم.  

ئەقىلنى سىنايدىغان يەنە بىر پىسخىكىلىق سىناق بار ئۇ دەل ئەقلى كوئىفىسىنتنى سىناش ئۇسۇلى. بۇ ئارقىلىقمۇ مەن ئەقلى قابىلىيىتىمنى تەكشۈرۈپ باقتىم. نەتىجىدە دى ئېن ئانىڭ نەتىجىسىگە خېلى ماس كەلدى.

بۇ نەتىجىدىكى ئابستىراكىت كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىقتىدارى دەل دى ئېن ئا نەتىجىدىن چىققان توختامسىز ئەقىل بىلەن ئوخشاش بولۇپ.دەرھال ئىنكاسىم تېز ئەمەسكەن.تەغدىرگە تەن بەرمەي ئامال يوق. ئامما باشقا ئىقتىدارىم بولۇپمۇ ئانالىتىك ئويلاش ۋە دېققەتنى يېغىش ئىقتىدارىم ئىنتايىن يۇقۇرى ئىكەن. مەنچە مۇشۇ سەۋەبلىك ئوقۇپ كەتكەن ئوخشايمەن. 

قىززىقمىكەن؟ 

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.