شەرقىي ياۋروئاسىيادىكى كۆچمەنلەرنىڭ 6000 يىللىق ھەرىكەتچان گېن تارىخى

بۇ ماقالە 2020-يىلى 26-مارتتا ئېلان قىلىنغان بولۇپ تەتقىقاتقا ئامېركا، گېرمانىيە، جوڭگو، كورىيە، موڭغۇلىيە، روسىيە، ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق تەتقىقاتچىلار قاتناشقان، ماقالە تېمىسى بولسا

A dynamic 6,000-year genetic history of Eurasia’s Eastern Steppe 

ئەۋرىشكىلەر ئېلىنغان ئورۇن

رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ئەۋرىشكىلەر ئېلىنغان ئورۇن بولسا جوڭگونىڭ شىمالى ۋە موڭغۇلىيە تۇپراقلىرى.

ۋاقىت ئوقى

ۋاقىت تەرتىپى بويىچە مۇشۇ تۇپراقدا مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەن تارىخلار بولسا ئەڭ دەسلەپتە مىس قوراللاردىن بۇرۇنقى مەزگىل(مىلادىدىن بۇرۇنقى 5000يىلدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3500-يىلغىچە)، ئاندىن ئافاناسىۋودەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللىرى) ئاندىن چۈمۈرچەك دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 2500-يىللىرى)، ئاندىن مونخارىخان دەۋرى (تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1400-1900يىللىرى)، ئۇلانزۇخ دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1000-1500يىللىرى) ،بۇغا تاش خىرىگسۇر دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 900-1400يىللىرى)، تاختاي قەبرىسى دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 400-1000يىللىرى)، ئۇيۇق دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 150-500يىللىرى)، ھونلار دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 150-يىلىدىن مىلادىدىن كېينكى 150-يىلغىچە)، سىيانپىلار دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن كېيىنكى 150 تىن 450-يىلغىچە)، تۈركلەر دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن كېيىنكى 500 تىن 750-يىلغىچە)، ئۇيغۇر دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن كېيىنكى 750 تىن 950-يىلغىچە)، قىتان دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن كېيىنكى 950 تىن 1100-يىلغىچە) ۋە موڭغۇل دەۋرى(تەخمىنەن مىلادىدىن كېيىنكى 1100 تىن 1500-يىلغىچە) 

نەتىجە تۆۋەندىكىدەك

نەتىجىنى چۈشىنىشتىن ئىلگىرى بۇ رەڭ ۋە سۆزلەرنىڭ  مەنىسىنى چۈشىنىپ چىقايلى

1a

مىس  قوراللار دەۋرىدىن ئىلگىركى ۋە دەسلەپكى مىس قوراللار دەۋرى 

ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مىس قوراللار دەۋرى

دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرى

ھونلار دەۋرى

 ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ دەسلەپكى دەۋرى يەنى تۈرك ۋە ئۇيغۇر دەۋرى. بۇ رەسىمدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىغان ئۇچۇر بولسا قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرنىڭ قايسى ئېرىققا تەۋە ياكى قايسى ئېرىقتىكىلەرنىڭ يېغىندىسى بولغانلىقى. رەسىمدە ئېنىق تۇرغاندەك تۈركلەرنىڭ دى ئېن ئاسىنىڭ ئوخشاشلىقى  ئاساسلىقى قەدىمقى شەرقى شىمالى ئاسىيالىقلار بىلەن ئوخشاش. قىسمەن خەنلەر، كوۋسگوللارنى ۋە سارماشىيانلار ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا قەدىمقى شەرقى شىمالى ئاسىيالىقلاردىن باشقا باكتىرىيە-مارجىنالىقلار  ۋە ئالانلارنى ئاساسلىق ئېرىقى تەركىپ قىلغان.    

ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كېينكى دەۋرىدىكى موڭغۇل ۋە قىتانلارنىڭ ئېرىق تەركىبى بولسا تۈركلەرگە ئوخشاشلا قەدىمقى شەرقى شىمالى ئاسىيالىقلار بىلەن خەنلەرنى ۋە قىسمەن ئالانلارنى ئاساسلىق ئېرىقى تەركىب قىلغان.  

ئۇنداقتا قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئېرىقى تەركىبىنى تۈزىۋاتقانلار ئالانلار، باكتىرىيەلىكلەر، سارماشىيانلار كىملەر؟

ئالانلار  بولسا قەدىمكى دەۋردىكى ئىرانلىق كۆچمەن چارۋىچىلار بولۇپ ئۇلار يەنە ئارىيانلار دەپ ئاتىلىدۇ.يەنى بۇ ئېرىق ياۋروپا ئېرىقىغا تەۋە ئېرىقتۇر.

باكتىرىيەلىكلەر بولسا پامىر تاغلىرىدا ياشايدىغانلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ بۇلار يەنىلا ياۋروپا ئېرىقىغا تەۋە بولۇپ بۇلار گىرىكلار بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ

سارماشىيانلار بولسا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5-ئەسىردىن مىلادىيە 4-ئەسىرگىچە گۈللەنگەن ئىرانى قەبىلىلەرنىڭ بىرلەشمىسى. 

يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا قەدىمقى تۈركلەر بىلەن قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقى بولسا، تۈركلەردە سارماشىيانلارنىڭ ئېرىقى تەركىبى كۆپ، ئۇيغۇرلاردا بولسا ئارىيانلارنىڭ ئېرىقى تەركىبى كۆپ.

ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى سارماشىيانلار ئۇيغۇر دەۋرىگە كەلگەندە يوقاپ ئارىيانلار تەركىبى كۈچلىنىپ كەتكەن. سوئال شارماشىينالار نەگە  كەتتى؟ ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا شەرق ئېرىقىدىكىلەر قاچان ئۇيغۇرلارغا قوشۇلدى؟ ئارىيان ۋە سارماشىيان قەبىلىلەرنىڭ بىرلەشمىلىرى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا شەرىق ۋە ياۋوپا ئېرىقىدىكىلەرنىڭ يېغىندىسى بولىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ ھەقتىكى سوئاللارنىڭ جاۋابى بەلكىم كەلگۈسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئايدىڭ بولىدۇ.    

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.