ئۇلۇسچىلار كىملەر ئۇلار ئۆز مىللىتىگە قانداق خىيانەت قىلىدۇ؟

ئەخمەتجان قاسىمى

خەلقىمىزنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭغا ئۇلۇسچىلارنىڭ قىلغان خىيانىتى مەسئۇت، ئەيسا، ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قۇرداي، چىڭگىز، غۇلام ھامىدكە ئوخشاش ئىنگلىز تاماكىسىنى چەككەن، ئامېرىكا پىۋىسىنى ئىچكەن، مۇستەملىكىچىلەر كىيىمىنى كىيگەن، ئىككى ئادەم سۆزلەشكىلى تۇرسا قۇلاقلىرى دىڭ تۇرىدىغان بىر تۈركۈم شۈبھىلىك ئۇنسۇرلار ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋاقىتلىرىدىلا خەلق ئۇلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىغا قاراپ ئۇلاردىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قامچىلىرىدىن تېمىپ تۇرغان قان تېخى قۇرۇمىغاچقا ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلغان خەلقنىڭ دەردى ئىچىدە ئىدى. بىتىم بولدى، خەۋپ كەتتى.

تۇنجۇقتۇرۇپ تۇرغان مۇستەملىكىچىلىك تۈرمىسىنىڭ ئىشىكى قىيا ئىچىلىشى بىلەن، ئۇنىڭغا كىرگەن ساپ ئەركىنلىك ھاۋاسىدىن نەپەس ئالغان ئەسىرلەردە يېڭى روھ يېڭى قۇۋۋەت پەيدا بولدى. ئۇلار باشلاپقى كۈندىلا پۈتۈن قەھرى غەزىپىنى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدىن ئارتۇقراق گويا مىڭ بىر قىيىنچىلىقتا ئۇزاق مېھنەت قىلىپ، نۇرغۇن تەرلىرىنى ئاققۇزۇپ ئوزۇق تېرىپ، ئۇنى ئېغىر مۇشەققەتلەر بىلەن پۇشۇرۇپ، ئاندىن يەيمىز دەپ تۇرغان ئاشقا ئوغا سالىدىغان خائىن ئەنە شۇلار دەپ بىلىپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇلارغا قارىشى چىقتى. ھەقىقەتتە مۇستەملىكىچىلەردىن ئالدى بىلىن ئەنە شۇلار خەۋپلىكرەك ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن يىللىق كۈرەش تەجرىبىسى ۋە تەبىئىي سەزگۈسى بىلەن خەلقىمىز باشتىلا بىلگەن ئىدى: لېكىن غۇلجا تەرەپ مىللىي ئازادلىق كۈرەش سېپىگە ئىختىلاپ چۈشمىسۇن دېگەن مەقسەتتە مەسئۇت، ئەيسالار بىلەن مۇرەسسە قىلغىنىنى كۆرگەن خەلق ئۆزىنى بىرلا توختاتقان ئىدى. بىر تەرەپتىن مەسئۇت، ئەيسا ۋە ئۇلارنىڭ شايكىللىرى ئىنقىلابى ۋىلايەتلەر بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەت تىنچلىق بىتىم توغرۇلۇق مۇزاكىرە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، غۇلجا ۋەكىللىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەن تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى بىلىپ ئېلىپ خىتاي تەرەپكە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىسا ئىككىنچى تەرەپتىن مۇناپىقلارچە ئىنقىلابچىلارنى ماختاپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىگە ئىگە بولۇشقا تىرىشتىلەر. غۇلجا ۋەكىللىرى ئالدىدا يىلانچە تولغىنىپ، قانجۇق ئىتتەك ئەركىلەپ، تۈلكىلىك قىلىپ „بىز يۇرت، مىللەت قايغۇسىدا يۈردۇق ئەمدى بىزنى بۇ يەردىن سىلەر قوغلىمىساڭلار، بىز مىللەتنىڭ پايدىسى ئۈچۈن پادىچىلىق خىزمىتى بولسىمۇ ئارتقۇزساق“ دېگەن يۇمشاق سۆزلىرىگە قاراپ غۇلجا ۋەكىللىرىمۇ ھەقىقەتتە بۇلاردا مىللەت، ۋەتەن مۇھەببىتى بار بولسا بۇلار كۆپ يىللاردىن بېرى ۋەتەندىن ئايرىلىپ ئەمدى يەنە ئۇنىڭغا خىيانەت قىلماس دېگەن پىكرىگە كېلىپ، ئۆتكەن 10-15يىل بۇلارغا بىر نەرسە ئۆگەتكەندۇر دېگەن ئويى نەتىجىسىدە ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا باشلىدى، بۇلارنىڭ: „بىز مىللەتچىمىز“، „بىز خەلقچىمىز“،“بىز ئىنسانىيەتچىمىز“ دېگەن شوئارلىرىنى كۆرۈپ ھەقىقەتتە بۇلار بىلەن ھەرىكەت بىرلىكىنى تەمىن ئېتىپ كېتەلەيمىز دېگەن ئۈمىدنى قىلدى.

غۇلجا ۋەكىللىرىنىڭ ئۇلار بىلەن باشتا مۇرەسسە قىلغىنىنىڭ ئاساسى سەۋەبى ئەنە شۇ ئىدى. لېكىن بىر يىل ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلەش نەتىجىسى ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسە ئۆگەنمىگەنلىكىنى قارىغۇلارچە يۇرتنى ھالاكەتكە ئىلىپ ماڭىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز مۇقەددەسلىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مىللەت قېنىنىڭ دەريالاپ ئېقىش بىلەن ھېچ كارى يوق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلدى. ئۇلاردا قانچىلىك پرىنسىپ، زەررىچە ۋىجدان يوقلۇقىنى، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت تەجرىبىسى ئەمەلدە كۆرسەتتى: دۇنيانىڭ قايسى بۇرجىكىنى ئالماڭ، قايسى مىللەتنىڭ مەسلەك ئىگىسى ئەربابلىرىنى ئالماڭ ئۇلار مىللىي ئازادلىق مەسىلىسىگە كەلگەندە ئېزىلگەن مىللەت ئازادلىق ھەرىكىتى ئۇتۇق قازىنىپ كېتىپ بارغان پەيتتە مىللىي ئازادلىق كۈرەش سېپىنىڭ بىرلىكىنى تەمىن قىلماق ئۈچۈن بارلىق كۈچنى سەرپ قىلىدۇ. ھەتتا، ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا رازى بولىدۇ. ئەگەردە بۇ „مىللەتچىلەر“دە مىللىتىگە مۇھەببەت بولغاندا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كېتىپ بارغاندا ئۇ ھەرىكەت قانداق شەكىلدە بارمىسۇن شۇ چوڭ ئۇتۇق قازىنىپ كېتىپ بارغان سەپنى مۇستەھكەملەشكە، ۋە بارلىق تالاش مەسىلىلەرنى شۇنىڭ يولىغا بىرلىكىنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن سېلىپ بەرگەن بولار ئىدى. ئۇلار ئەمەلدە نېمە قىلدى؟ ئەكسىچە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىك دۇتتارىغا ئۇسۇل ئويناپ، مەنسەپنى دەپ مىللەتنى چوڭ ھالاكەتچىلىك خەۋپى ئاستىغا قويدى. خەلقىمىزنىڭ ئۇتۇقلۇق ئازادلىق ھەرىكىتىگە چوڭ خىيانەت قىلدى.

مۇستەملىكىچىلەر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى بوغۇش ۋە پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تۈپ نېگىزلىك سىياسىتىدىن بىخەۋەر بولغان نادان ئادەملەرنى ئالداپ، ئۆز خەلقىڭدىن باشلىق بەردۇق دەپ بىر تۈركۈم خەلقنى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتۈرۈپ خەلقىمىزنىڭ مۇستەھكەم مىللىي ئازادلىق بىرلىك سېپىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش مەقسىتى بىلەن بولسا ئىككىنچى تەرەپتىن ئۆز مەنپەئەتىگە قايچى كەلسىمۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت مۇۋەپپەقىيىتىدىن قورقۇپ بۆرە يەپ كەتسە كەتسۇن، ساڭا بولمىسۇن دېگەن پرىنسىپنى ئالدىغا قويۇپ ئۆزىگە زىيان بولسىمۇ، بىزنىڭ خەلقىمىزگە ھېچ نەرسە بەرمەسلىك پرىنسىپىنى قاتتىق تۇتقان، مۇستەبىت خىتاي مۇستەملىكە دائىرىلىرى نۇرغۇن يىللار چوڭ مۇستەملىكىچىلەر بېقىپ ئاسراپ كەلگەن، جەلىگۈرلەردىن پايدىلىنىش قاتتىق قارارىغا كەلدى. جەلىگۈرلەرنىڭ بىرى ئۆلكىنىڭ يۇقىرىقى ھاكىمىيەت ئورنىنى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ كېلەچىكىدىن قورققان خەلق ھالاكەتلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قارشىلىق دولقۇنى كۆتۈردى.

غۇلجا تەرەپ، خەلقىمىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە بىتەرەپ بولۇپ يەنە خەلق دۈشمەنلىرى بىلەن مۇرەسسەچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەستىن ئۇلار قانۇنسىز ئىشغال قىلغان ھۆكۈمەت تەركىبىگە كىرىشنى لايىق تاپماستىن ئۆزلىرىنىڭ قارشىلىقىنى بايان قىلدى.

خەلقىمىزنىڭ ھەممىسى غۇلجا تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى بىردىن – بىر خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن قارىتىلغان ھەرىكەت دەپ بىلىپ ئۇلارغا بولغان، ئېتىقادى، ئىشەنچى، يەنىمۇ بىر دەرىجە ئاشتى. ئايرىم قالاق ئادەملىرىمىز، خەلقىمىز ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن ۋە ئېڭىنى زەھەرلەش ئۈچۈن ھېچ نەرسىدىن تارتىنماي قىلىۋاتقان تەشۋىقلىرىگە ۋە ئۇلار ئىختىيارىغا بېرىپ قويغان مەتبۇئاتتا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ سادىق ئىتلىرى – مەسئۇتقا ئوخشاش خەلق دۈشمەنلىرىنىڭ، قوي تېرىسىنى يېپىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشلىرى. „مەسئۇت ئەپەندىم زامانىدا پۈتۈن ياخشىلىق ئىشلارنىڭ ئاساسى قورۇلۇشقا باشلىدى. ….“: „يۇرت خەلقى، مەركەزگە قارىتا بىر قەدەر بەردىڭ شېكەر!“ دېگەنگە ئوخشاش چىرايلىق سۆزلەر، شېكەر ئورنىغا زەھەر بېرىۋاتقانلىقىنى ئايرىپ ئالالمىغان ئېڭىمىز يېڭىلىشقان. ئايرىم ئادەملىرىمىزنىڭ غۇلجا تەرەپ نېمە ئۈچۈن بۇلارغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، ئاللا تابارەك ۋەتائالا: «ئىننەما مۆھمىنىنە ئەھۋا فەسسەلامۇبىن ئەھۋانە كۇم»دەپ تۇرسا، بۇلار مۇسۇلمانغا دۈشمەنلىك قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇلار بىلەن مۇرەسسە قىلسا بولماسمۇ؟ دېگەن ئويغا كېلىشى مۇمكىن بىز ئۇلارغا شۇل ئايەتنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئايەتنى ياكى سۈرە تۆۋبەدىكى، „يائەييۇھال لەزىنە ئامەنو تەنەخخۇدۇ ۋە ئابا ئىكۇم ۋە ئىخۋانىكۇم ئۇل بانەس تەھبۇل كاپىرۇ ئەلەل ئىمان ۋەمەن بەدۇلەھۇم مېنى كۇم پائىلانىكە ۋۇمۇل زالىمۇ،“دېگەن ئايەتنى ئەسلەپ ئۆتۈشنى ئۆتۈنىمىز. ئۇلار دۈشمەن سېپىگە ئۆتكەنلەردىن بولغاچقا، ئۇلار قارشى تەرەپتە تۇرغان دۈشمەنلەردىنمۇ ئەشەددىيرەك دۈشمەن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاللا تابارەك ۋەتائالا، پەيغەمبەرلىرىمىزگە ئۇلارغا نىسبەتەن رەھىمسىز بولۇشنى بۇيرۇيدۇ. „يائەييۇھال نەبى جاھىزۇل كۇپپارۇ ۋەل مۇناپىقىنە ۋە ئەزا ئەلەيھىم ۋە قالۇ ھۇم جەھەننەم ۋەبىھ سەلمەسىر“ ئۇنداق بولغاندىن كىيىن بۇل مۇستەملىكىچىلەر بىلەن بىر سەپ تەشكىل قىلىپ خەلقىمىزنىڭ قان بەدىلىگە ئالغان ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىنى قايتا تارتىپ ئېلىشقا قەست قىلغۇچى مۇناپىقلار بىلەن يەنە مۇرەسسە قىلىش يەنە مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. زادى نېمە ئۈچۈن ئۇلار سۆزىدە مىللەتچىمىز، خەلقچىمىز دەپ ۋارقىراپ ئەمەلدە خەلقىمىزنىڭ ئازادلىقىغا قارشى ۋە ئۆز مىللىتىگە قارشى، خەلقچىللىق سىياسىيگە قارىشى ھەرىكەت قىلىدۇ؟ ئۇنى بىلمەك ئۈچۈن „ئەپەندىلەر“ كىملەر؟ كىمنىڭ پايدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ؟ كىملەرنىڭ ئەمىرى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنىش ۋە بىلىش لازىم.
ئەپەندىلەر كىملەر، ۋە نېمە ئۈچۈن ئۇلار ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى ئىش قىلىدۇ؟
بۇ سوئالغا جاۋاب بەرمەك ئۈچۈن ئۆلكىمىزنىڭ جۇغراپىيىۋى ئەھۋالى ۋە كېيىنكى 70 – 80 يىلدىكى خەلقئارا ئەھۋاللار بىلەن بىر تونۇشۇپ چىقماق لازىم
بىزنىڭ ئۆلكىمىز، شىمال، ۋە غەربى شىمالدا س س س ر (سوۋېت سوتسىيالىستىك رېسبۇپلىكىلار ئىتتىپاقى تەييارلىغۇچىدىن) بىلەن شەرقى شىمالدا، موڭغۇل خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقتە، گەنسۇ، شەرقى جەنۇبتا چىڭخەي ئۆلكىسى، جەنۇبتا، تىبەت، ھىندىستان، غەربتە ئافغانىستان بىلەن چېگرىداش ئۆلكىدۇر. بىزنىڭ ئۆلكىمىز خىتايلار تەرىپىدىن ئىستىلا ئېتىلگەن ۋاقىتلاردا ئىنگلىزلار بىلەن فرانسۇزلار ھىندىستاننى تالىشىپ مادىراس ئەتراپىدا زەمبىرەكلەر ئېتىشماقتا ئىدى، تېخى بىزنىڭ غەربى شىمالدىكى قوشنىمىز ئابلاي خان ئىدى. تېخى خىتاي دۆلىتى مۇستەملىكە ئەمەس ئىدى. تېخى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئىچىگە ياۋروپالىقلاردىن ھېچكىم كىرىپ باقمىغان ئىدى. قىسقىسى دۇنيا تېخى مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن بۆلۈنۈپ بولۇنمىغان، تېخى ئەنگلىيىگە ئوخشاش چوڭ مۇستەملىكىچى دۆلەتنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كۆپ سۇلار ئېقىپ كەتتى. دۇنيا ئەھۋالىغا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر كىردى، ئىنگلىزلار ھىندىستانغا مۇستەھكەم ئورۇنلىشىپ بولماي تۇرۇپ ئۇنىڭ چوڭ مۇستەملىكىلىرىدىن بىرى شىمالى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئىنگلىز مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئىستىقلالىيەت ئېلان قىلدى. ئىنگلىزلار ئامېرىكىدا تارتقان زىياننى قاپلىماق ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن ئافرىقىنى ئىشغال قىلىشقا ۋە باشقا جايلاردىن مۇستەملىكە ئېلىشقا ئالدىرايدۇ. ئاۋسترالىيە، كاپ، مالتا، گىيۇيانا، مالايا، ناتال، بىجۇ، نالىئىد، بېرما، نېگىرىيە، شەرقى ئافرىقا، شىمالى بورنىئو، رودۇزىبا، ئۇگاندا ۋە باشقىلارنى ئۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قانلىرىنى دەريالاپ ئاققۇزۇپ ئىنگلىزلار تارتىپ ئالىدۇ. فرانسۇزلار، ئالجىر، غەربى ئافرىقا، ماداغاسقار، ۋە ھىندى، خىتايلارنى تارتىپ ئالىدۇ.
چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى، قازاق يۈزلىرى، قوقان، بۇخارا، ۋە خىۋا خانلىقلىرىنى بېسىپ ئالىدۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە يەر كۈرىسى جاھانگىر دۆلەتلەر تەرىپىدىن بۆلۈنۈپ بولىدۇ. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇرۇنقى كونا جاھانگىر دۆلەتلەر بىلەن ھېسابقا قىلائالارلىق – يېڭى جاھانگىر دۆلەتلەر پەيدا بولىدۇ. (گېرمانىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياپونىيە) بۇلار يەر كۈرىسىنى كونا مۇستەملىكىچىلەر بۆلۈپ ئېلىپ بولغانلىقتىن مۇستەملىكسىز قېلىشتىلار. يېڭى جاھانگىر دۆلەتلەر تەرەققىي تاپقانسېرى دۇنيا مۇستەملىكىلىرىنى قايتىدىن بۆلۈپ ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. كونا مۇستەملىكىچىلەر ئۆز مۇستەملىكىلىرىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشىدۇ. كونا مۇستەملىكىچىلەردىن قورال كۈچى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىلىرىنى تارتىپ ئېلىش پىلانىنى قۇرغان يىڭى جاھانگىرلاردىن بىرى يېڭى تەرەققىي تاپقان گېرمانىيە جاھانگىرلىكى 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ ئۇرۇش ھازىرلىقىنى كۆرۈپ بولغان ئىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن كونا جاھانگىر دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز –ئارا بولغان قارمۇ –قارشىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىككىنچى تەرەپتىن ئۇل تېخى ھازىرلىق كۆرۈپ بولمىغان فرانسىيە ۋە رۇسىيە بىلەن تېزلىكتە ئۇرۇش باشلاپ ئۇلارنى يېڭىپ بولغاندىن كىيىن ئەنگلىيە بىلەن ئۇرۇش باشلاش پىلانىنى قۇرغان ئىدى. خۇسۇسەن 1914-يىلى ئۇرۇش باشلاشتىن ئاۋۋال، گېرمانىيە، ئەنگلىيىنى دەرھال سەكرەپ ئۇرۇشقا كىرىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى. چۈنكى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىلىرىدە ئۇ ۋاقىتلىرىدا خۇسۇسەن ئىرېلاندىيىدە، ئەھۋال ئېغىر ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن گېرمانىيە، رۇسىيە، فرانسىيە، ۋە ئەنگلىيە مۇستەملىكىلىرىدە جاسۇسلۇق ئىشلىرىنى كۈچەيتىپ ئالدىنى ئېلىپ تەييارگەرلىك كۆرۈشكە باشلايدۇ. رۇسىيىنىڭ تۈركىستان كىرايىغا، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستانغا قارىتا تەييارگەرلىك ئىشىنى، ئىلىپ بېرىشقا ئەڭ قۇلايلىق جاي شىنجاڭ ئىدى. بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى دەۋرىدە گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاقچىسى تۈركىيە ئىدى. ئەنە شۇل تۈركىيە، گېرمانىيىگە شىنجاڭدا تۇرۇپ ياردەملىشىش خىزمىتىنى مەسئۇتقا تاپشۇرىدۇ. مەسئۇت قانچە تىرىشىپ ئىشلىگەن بولسىمۇ بىرىنچى جاھان ئۇرۇشىدا گېرمانىيە تارمار بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئىگىسىز قالىدۇ. لېكىن ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي، ئۇنى كونا ئادرېس بىلەن ئىزدەپ كېلىپ گېرمانىيىنى مەغلۇپ قىلغان، ئەنگلىيە تېپىپ ئالىدۇ. چۈنكى ئۇ مەزگىلىدە ئەنگلىيە ئۈچۈن ئۇنداق – بىر ئادەم شىنجاڭدا زۆرۈر كېرەك بولۇپ قالىدۇ. سەۋەب بىرىنچى جاھان ئۇرۇشى دەۋرىدە ئەنگلىيىگە ئىتتىپاقچى بولغان نىكولاي ئىككىنچى 1917- يىلى تەختتىن ئاغدۇرۇلۇپ سابىق رۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئورنىغا يېڭى سوۋېتلار ھۆكۈمىتى پەيدا بولىدۇ. يەر كۈرەسىنىڭ ھەرقانداق بۇرجىكىدە ئىنقىلاب چىقسا دەررۇ باستۇرۇشقا ئالدىرىغان ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، يىڭى پەيدا بولغان سوۋېتلار ھۆكۈمىتىنى باشتا پەيدا بولۇش بىلەن يوقىتىش مەقسىتىدە سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىش ئېلىپ بارىدۇ. سوۋېت ھۆكۈمىتى تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا جاھانگىر دۆلەتلىرىنىڭ كۆزىگە ناھايىتى سەت كۆرۈنىدۇ، سەۋەب، سوۋېت ھۆكۈمىتى، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان كۈندىن باشلاپ، مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىدىن ئۆزىنىڭ كېچىشىنى، مۇستەملىكىچىلىك سىياسەت باشقىلارنىڭ يەرلىرىنى بۇلاپ ئالىدىغان، نائادىللىق سىياسەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇنداق سىياسەت جاھانگىرلارنىڭ سىياسىتىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان سىياسەت بولغانلىقتىن ھەممە جاھانگىر دۆلەتلەر بىرلىشىپ ئۇنى يوقىتىش پىلانىنى قۇرىدۇ. ئىنگلىزلار ئۈچۈن ھىندىستاندىن ئايرىلىش ئۆزىنى – ئۆزى ئۆلتۈرۈش بىلەن باراۋەر ئىدى. ھىندىستان ئىنگلىزلار تەرىپىدىن ئىستىلا ئېتىلگەندىن تارتىپ مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭ غۇلغۇلىسى بېسىلماي تۇرغان ھىندىستانغا يېقىن قوشنا جايدا مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتكە قارشى سىياسەتنىڭ تۇغۇلۇشى ھىندىستاندىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتكە چوڭ تەسىر يەتكۈزۈشى ئېھتىمال ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھىندىستاننى سوۋېت „زەھىرىدىن“ ساقلاشقا، مۇمكىن قەدەر سوۋېت „زەھىرىدىن“ ھىندىستاننى يىراقلاشتۇرۇش كېرەك ئىدى، تەبىئىي ئۇنىڭغا ئەڭ قۇلاي جايى بىۋاسىتە ھىندىستان بىلەن سوۋېت چېگرىسى ئارىلىقىغا ئورۇنلاشقان قالاق زەئىپ شىنجاڭ ئىدى. شىنجاڭ خەلقى ئارىسىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرقانداق ھېكايىلەرنى تۈزۈپ تارقىتىش ئۈچۈن ئادەم كېرەك ئىدى، سوۋېت ھۆكۈمىتى يېڭى قۇرۇلغان ۋاقىتلاردا شىنجاڭدا „سوۋېت ھۆكۈمىتى توغرۇلۇق شۇنداق ھېكايىلەر بار ئىدى، مەسىلەن: رۇسىيىدە سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپتۇ. سوۋېت ھۆكۈمەت دېگەننىڭ مەنىسى ئۇلارنىڭ بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر كۆزى بار قولىغا سېۋەت كۆتۈرۈپ يۈرىدىكەن، يالغۇز يولۇققان ئادەملەرنى ۋە كىچىك بالىلارنى سېۋەتكە سېلىپ ئېلىپ بېرىپ يەيدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ھۆكۈمىتى دەيدىكەن“ دېگەن ئوخشاش! لېكىن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلالماي تۇرغان شىنجاڭ خەلقىگە سەن گېرمانىيىگە ياكى ئەنگلىيىگە قۇل بولىسەن دېسە ئۇنداق ئادەملەرگە ھەرگىز ئەگەشمەس ئىدى.

شۇنىڭ ئۈچۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ مۇستەملىكە ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش ئىنتىلىشىگە لايىقراق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆتۈرۈشىگە ماسلىشىپ كېلىدىغانراق شوئار كېرەك بولۇپ، ئانداق شوئارلارمۇ تەييارلانغان ئىدى. «رۇسىيە تۇپرىقىدىكى تۈركلەرنى ۋە شىنجاڭدىكى تۈركلەرنى ئازاد قىلىپ ئوسمانلى تۈركلەر دۆلىتى ئاساسىدا ئۇلۇغ تۈرك دۆلىتى قۇرىمىز» دېگەن شوئاردىن ئىبارەت ئىدى. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلماق ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ئەپسانىۋى ئاۋانتيۇرسىتلىق پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز دەپ يۇرتىمىزنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ خەلقىمىزنى خانى – ۋەيران، مىللەتنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان خىيالدا يۈرگەن مەسئۇتقا ھېچكىم ئەگەشمىدى. تارىخ تەرەققىيات دولقۇنى، مەسئۇتنى ئۆلكە قىرغىقىغا ئۇرۇپ چىقىرىپ تاشلىدى، ئۇ، ئۆز خوجايىنلىرىنىڭ ئالدىغا قاچتى، ھىندىستاندا ئۇ ھېچقانداق پايدا كەلتۈرۈلمەيدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ خوجايىنلىرى ئۇنى مەركىزى خىتايغا بەردى. ئالدى باشقا دەرۋازىدىن كىرىش پىلانىنى قۇرغان خوجايىنلىرى ئۇنى مەركەزچە قىلىپ قويدى، لېكىن 2- دۇنيا ئۇرۇشى پۈتۈن دۇنيا خەلقئارا ئەھۋالغا يەنىمۇ، باشقا ئۆزگىرىش كىرگۈزدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا سوۋېت ئارمىيىسى، ئاتاقلىق گىتلېر – گېرمانىيىنىڭ ئارمىيىسىنى ۋە ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ ئاتاقلىق ئارمىيىسىنى تارمار قىلىنغاندىن كېيىن سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئابرۇيى غايەت دەرىجىدە ئۆسۈپ كەتتى، دۇنيا ئىنسانىيەتچىلىكىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى گېرمانىيە فاشىزمى ۋە شەرقتىكى „يەجۈج – مەجۈج“ ياپون مىللىتارىزمى تارمار كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، روھلانغان مۇستەملىكە ئەللەردە كۈچلۈك خەلق ئازادلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرى دەۋرلىرىدە ئانچە كۈچ چىقارماي دۈشمەنلەر بىلەن، سودا قىلىپ كەلگەن، دۈشمەن ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بايلىقىنى بانكىلىرىغا سولاپ ئالغان ئامېرىكا قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ھەممە جاھانگىر دۆلەتلەردىن ئۆتۈپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ئۆز – ئۆزىنى ئىنگلىز مۇستەملىكىلىرىنىڭ قانۇنى مىراسخورى دەپ بىلىپ، دۇنيا ھۆكۈمرانلىق پىلانىنى قۇردى. ئۇ ئۇرۇش دۇمبىقىنى چېلىپ ئاساسەن سوۋېتقا قارشى ئۇرۇش مەيدانلىرى ھازىرلىماق ئۈچۈن، سوۋېت دۆلىتى بىلەن چېگرىداش تۈركىيە، ئىران، ۋە شىنجاڭلارغا قول سۇندى. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۆز مۇستەملىكىلىرىدە كۆتۈرۈلگەن مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭچىلارنى بېسىش بىلەن ئاۋارە بولغان ۋە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا زەئىپلەشكەن ئىنگلىز ھۆكۈمىتى ئالدىنقى تەشەببۇسكارلىقنى ئا ق ش غا تاپشۇرىدۇ. شۇل جۈملىدىن كېرەكلىك جايدا ئىشلىتىش ئۈچۈن مەسئۇتنىمۇ قوشۇپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىدۇ. مەسئۇت ئامېرىكىلىقلار ئىختىيارىغا ئۆتكەن ۋاقىتلىرىدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولى ياپون ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن بوشىماستىن مەسئۇت چۈنچۈندە (چۇڭچىڭ تەييارلىغۇچىدىن) كۈتۈپ توختاپ قالىدۇ. چۈنچۈندە تۇرۇپ بىكار ئايلىق ئالمىسۇن دەپ مەسئۇتقا ئامېرىكا ئوفىتسېرلىرىگە پاھىشە خوتۇن تېپىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە يۈكلەپ قويىدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ بۇنداق تۆۋەن چۈشۈپ كەتكىنىگە غەزەپلەنگەن ئەيسا، سەن تۈركىستان ئۇيۇشمىسىنى پاھىشىخانا قىلدىڭ دەپ ئورۇندۇق بىلەن ئۇرۇپ مەسئۇت ئوغلى ئەرتۇغرۇلنىڭ بېشىنى يېرىپ قويىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ پەس كەتكەن ئۇل ۋەزىپىنىمۇ ئۆتەپ يۈرىدۇ. ياپونمۇ تەسلىم بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭمۇ قولى بوشايدۇ. بىزنىڭ قەھرىمان مىللىي ئازادلىق قوشۇنىمىزنىڭ شىخۇنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە مېڭىپتۇ دېگەن خەۋىرىنى ئاڭلىغان مەسئۇت، ئۆزىنىڭ ئوغلى ئەرتوغرۇلنى يول باشلامچى قىلىپ ئامېرىكا ئوفىتسېرلىرى بىلەن شىنجاڭغا قارىتىپ يولغا سالىدۇ. بۇ ئارىدا مەركىزى ھۆكۈمەت ۋەكىلى بىلەن بىزنىڭ ۋەكىللىرىمىز ئارىسىدا تىنچلىق سۆھبەت باشلىنىپ تىنچلىق بىتىم ئىمزا قىلىنىدۇ. ئاندىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن مەركىزى ھۆكۈمەت ھىمايىچىسى بولۇپ مەسئۇتمۇ شىنجاڭغا كېلىدۇ.

مەسئۇت شىنجاڭغا كېلىپ خۇسۇسەن ھۆكۈمەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى يېنىدا ئولتۇرغان، ئىلى خەلقىنىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن تىكىلىپ قانلىرى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ، چۇ سىلىڭ ئۆستۈرگەن ئاباد بېغى، ئامېرىكا ئوفىتسېرلىرىنىڭ ھەربىي شتابىغا ئايلىنىدۇ. شىنجاڭنى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانى باشلىنىدۇ.

دوستىمىز سوۋېتلار ھۆكۈمىتىگە قارىشى پىتنە پاساتلار باشلىنىدۇ. ھەتتا ئامېرىكىلىقنىڭ تاماكىسى، قۇتىغا سولانغان پىۋىسى، زاژىكالكاسى (تاماكا ياندۇرىدىغان چاقماق) خوتۇنلار پەرداز ئەسۋابلىرى بىلەن تولغان ئۈرۈمچى بازىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن چىققان ماللارنى ساتقان سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىغا كىرسىن تۆكۈپ ئېتىش ھادىسىلىرىمۇ بولىدۇ.

ئۆلكە ئەھۋالىنى سۈنئىي رەۋىشتە مۇرەككەپلەشتۈرۈپ ئۆلكىگە نۇرغۇن ئەسكەر ئىلىپ چىقىش مەقسىتى بىلەن غۇلجا تەرەپكە قارشى نۇرغۇنلىغان ئىغۋالار تەشكىل قىلىنىپ غۇلجا تەرەپكە يالغان بۆھتانلارنى چاپلاپ، شۇل مۇناسىۋەت بىلەن ئۆلكىدىكى، نۇرغۇنلىغان، ئىلغار پىكىرلىك ئادەملەرنى سىزلەر غۇلجا تەرەپلەرگە ياردەم قىلدىڭىزلەر، دەپ تۈرمىلەرگە سالدى. مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن غۇلجا ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بىتىمنى قوپاللىق بىلەن بۇزۇپ ئىلى تەرەپكە ئىككى قېتىم قوراللىق ھۇجۇم قىلىدۇ. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە، شىنجاڭنى ئۇرۇش مەيدانى قىلىش كېرەك دەيدۇ. ئەگەر شىنجاڭ ئۇرۇش مەيدانى بولۇپ قالغان تەقدىردە بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئەھۋالى قانداق بولماق؟ مىللەت ھالاكىتى دېگەن شۇ ئەمەسمۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەننىڭ ھەر بىر ئەزىز پەرزەنتى شىنجاڭنىڭ ئۇرۇش مەيدانلىرىغا ئايلىنىشىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قارىشى تۇرىدۇ.
ئەگەردە مەسئۇت ھەقىقەتتە مىللەتنى سۆيگۈچى ۋە مىللەتچى بولىدىغان بولسا ئۆلكە ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىش خەۋپىدە ۋە مىللەت جەڭ مەيدانىدىكى ئاتلارنىڭ تۇياق ئاستى بولۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرغاندا، ئۆزىنى تارتماسمىدى؟ لېكىن ئۇ، ئۆزىنى تارتالمايدۇ. ۋە تارتمايدۇ. لېكىن ۋەتەننىڭ ئازادلىقىنى سۆيگۈچى خەلق، ئۇنىڭغا ئوخشاش كونا ئاتخانىنىڭ قىغىنى تۆمۈر ئارا بىلەن ئېلىپ تاشلايدۇ.
بۈگۈنكى مەركىزى ھۆكۈمەت ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ تۆمۈر پەنجىسىگە تولۇق ۋە مەھكەم كىرىپ كەتكەچكە، مەسئۇت مەركىزى ھۆكۈمەت ھىمايىچىسى بولۇپ، شىنجاڭدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئەيسانىڭ تەرجىمىھالى مەسئۇتنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن، ئەيسا مەسئۇتتىن ياخشىراق بولغاچقا ئۇ 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئالدىدا گېرمانىيە جاھانگىرلىكىگە خىزمەت قىلىپ ئۈلگۈرەلمىدى. باشقىلارنىڭ „ئىنقىلابى ھەرىكەتلىرىنى „ تارىخچىلار يازار، ھەر ھالدا مىللىتىنى سۆيگۈچى مىللەتچى، ئۆز مىللىتى، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كېتىپ بارغان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئۇتۇقلىرىغا شادلىنار. ۋە ئۇنىڭ مىللىي ئازادلىق بىرلىك سەپنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەت قىلار ئىدى. لېكىن، مۇستەملىكىچىلەر، «ئەپەندىلەر»گە تاپشۇرغان ئاساسى ۋەزىپىسى سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارىشى كۈرەش ئېلىپ بېرىش بولغاچقا ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىدىن ئۇل شۇلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداشقا ئۇلار مەجبۇردۇر .بىزنىڭ جۇغراپىيە ئەھۋالىمىز بىزدىن نىمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ بىزنىڭ جۇغراپىيە ئەھۋالىمىز بىزدىن ئەڭ ئاۋۋال، بىزنىڭ ئۆلكىمىزنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇشقا قەتئىي يول قويماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.
خۇسۇسەن ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنى سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارىشى ئۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشىغا يول قويماسلىقىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ جۇغراپىيە ئەھۋالىمىز بىزدىن، بىز بىلەن قوشنا بولغان پۈتۈن دۆلەتلەر بىلەن خۇسۇسەن سوۋېت ھۆكۈمىتى بىلەن دوستانە مۇئامىلىدە بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
بىزنىڭ جۇغراپىيە ئەھۋالىمىز، بىزدىن، بىزنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنى پۈتۈن خەلقئارا ئەھۋال بىلەن ھېسابلىشىپ، خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى مەزمۇنەن تەمىن قىلىش ئاساسىدا ئىش ئېلىپ بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇ پرىنسىپلارنىڭ ئاساسى بىلەن ئىش ئىلىپ بارمىغان ھەرقانداق ئادەم ئۆز مىللىتىنىڭ غەمخورى ۋە ھىمايىچىسى بولالمايدۇ. ئەپەندىلەر بىز بىلەن ئۇزۇندىن – ئۇزۇن قۇرغاقلىقتا، بىۋاسىتە چېگرىداش بولغان ئۇلۇغ سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە موڭغۇل خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن دۈشمەنلىك پوزىتسىيىدە بولۇپ، بىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان، بىزدىن 20مىڭگە يېقىن كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا تۇرغان مۇستەملىكىچى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە، بىزنى ئۇلارنىڭ ئۆز يېرىدىكى، بىچارىلەرچە ياشاۋاتقان ھىندىلار ۋە ھەر سائەتتە قۇل قىلىنىش خەۋپى ئاستىدا تۇرغان نېگىرلارغا ئوخشاش قۇل قىلىپ بېرىش ۋە بەلكى شىنجاڭنى سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارىشى ئۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىپ مىللەتنى پۈتۈنلەي ھالاكەتلىك يولىغا باشلىماقچى بولغان ۋە ئۇلۇغ قوشنىمىز سوۋېتلار ئىتتىپاقىغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيىسىدە تۇرغان ئادەملەردىن ئۆز مىللىتىگە ياخشىلىق كۈتكىنى بولامدۇ.؟ ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ئۆلكىمىزنىڭ مۇستەملىكە ئەھۋالىدا ساقلىنىشى ۋە خەلقىمىزنىڭ مەھكۇم بولۇشىنى خالايدىغانلىقىغا – ئۈرۈمچىدە چىققان „ئويغان“گېزىتىنى ئابدۇللا ئەھەت مەخسۇم، ئامېرىكا مۇخبىرلىرىگە ئېلىپ بېرىپ بەرگەن ۋاقتىدا „ئويغان „گېزىتىنىڭ ئۈستىدىكى ئاي – يۇلتۇزنى كۆرۈپ „بىزگە بۇنداق مۇستەقىللىق گېزىت كېرەك ئەمەس!“دەپ ئىرغىتىپ تاشلاپ بەرگەن. بۇ كىچىك ھادىسە مىسال بولالمامدۇ.؟

ھېلىغۇ ئۇمۇ رېئاكسىئون مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتقۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ بىزنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ „يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەزىز“ دېگەن ماقال بار ئەمەسمۇ، بىز تىنچلىقنى دۇنيا خاتىرجەملىكىنى سۆيگەن خەلق شۇ تىنچلىقنى دەپ ئىستىقلالەت دېگەن سۆزدىن كېچىپ بىتىمگە كەلگەنمىز. بىتىم ئاساسىدىكى، يۈرگۈزۈلىدىغان خەلقچىللىق سىياسەت ئۆلكە خەلقنىڭ تەلىپىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.

بىزنىڭ ئۆلكىنى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ سوقۇش بازىسىغا ئايلاندۇرۇشىغا ھېچقانداق ئاساس قالدۇرۇلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىتىم ئۇرۇشپەرەس مىلىتارىستلار ئۆلۈمىنىڭ ھۆكۈمى بولغاچقا ئۇلار ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن، بىتىم شەرتلىرىنى ئورۇندىماسلىققا چىدىماسلىق قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاگېنتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن خەلقىمىزگە بىتىمگە ئاساسەن بېرىلگەن ھوقۇقلارنىمۇ ئاز كۆرسەتمەك ۋە بىتىمنىڭ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقارماققا ئۇرۇنىدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىك چامادانىغا پۇتلى كاشاڭ بولىمەن دەپ خەلقچىللىق تەرەققىياتىنى توسماقچى بولغان مەسئۇت، ئەيسالار كەبى سېتىلما ئۇنسۇرلار جەمئىيەت تەرەققىيات چاقىنىڭ ئاستىدا دەپسەندە بولۇپ ھالاك بولغۇسىدۇر. خەلقىمىز نۇرغۇنلىغان ئاكا -ئۇكا قەدىردان باللىرىنىڭ قېنىنىڭ بەدىلىگە ئالغان ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىنى ھەرگىز چىرايلىق سۆز، قۇرۇق ۋەدىلەرگە تېگىشمىگىسىدۇر. ئۇلۇسچىلارنىڭ قىلغان خىيانەتلىرىنى خەلقىمىزنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىگە ۋە ئەركىنلىك كۈرەش يولىدىكى بىرلىك سېپىگە ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزەلمىگىسىدۇر ئۆلكىدە خەلقچىللىق سىياسىتىنى تۇرمۇشقا ئاشۇرۇش بىتىم شەرتلىرىنى تولۇق ئورۇنداش ئۈچۈن خەلقىمىز تىنچ خاتىرجەم تۇرمۇشنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن ئاخىرقى بىر تامچە قېنى قالغانغا قەدەر كۈرەش ئېلىپ بارغىسىدۇر. ئەلۋەتتە خەلقىمىزنىڭ بۇل كۈرىشى ئۇتۇقلۇق ۋە غەلىبىلىك بولغۇسىدۇر. 1948-يىل (ئىتتىپاق ژۇرنىلى 3- سانىدىن)

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.