ئۇيغۇر يوشۇرۇن يەھۇدىيلىرى دېگەن تېمىدا بايان قىلغاندەك كۆپ سانلىق بۇخارا يەھۇدىيلىرى يەھۇدى تاجىك تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولۇپ بۇلاردىن تىپىك ۋەكىل خارەكتىرلىك ئائىلە بولسا ئالائىۋ ئائىلىسى. ئالائىۋ ئائىلىسى تاجىكىستاندىن 1991-يىلى ئىسرائىلىيەگە كۆچۈپ بارغان بولۇپ ھازىر ئىسرائىلىيەدە سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يۇقۇرقى ۋىدىيو ئىسرائىلىيە خەۋەر قانىلىنىڭ ئالائىۋ ئائىلىسى توغۇرلۇق ئىشلىگەن خەۋىرى.

ئالائىۋ ئائىلىسى گەرچە ئىسرائىلىيەگە كۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما بۇخارالىقلار مەدەنىيىتىنى ساقلاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن. يۇقۇرقى رەسىم ئالائىۋ ئائىلىسىنىڭ پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىمى بولۇپ بۇ رەسىمدە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان رەسىم ئەلۋەتتە ھەممە ئۇيغۇرغا تونۇش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ غازى ئەمەت ئۇستاز سىزغان 12 مۇقام نامىدىكى سۇ بۇياق رەسىمى.

بۇ رەسىم ئالائىۋ ئائىلىسىگىلا ئەمەس بەلكى باشقا ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ سەنئەت ھاياتىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ غازى ئەمەت ئەپەندىمنىڭ ئىسرائىلىيە سەنئەت تەرەققىياتىغا قىسمەن رەڭدارلىقنى قوشقانلىقىنى بايقايسىز.