ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇرلار

سىتىۋىن نىۋسىمەن يازغان “تەسەۋۋۇردىكى جەمئىيەت“دېگەن كىتاب يېڭى زاماندىكى مىللەتلەرنىڭ پەقەت تەسەۋۋۇردىكى بىرلىك ئىكەنلىكى، مەتبۇئاتنىڭ تەرەققىياتى تۈپەيلى شەكىللەنگەن تەشۋىقاتنىڭ ئومۇملىشىشى غەرىپتە يېڭى بىر ئىجدىمائىي تەرتىپ ياراتقانلىقى ۋە بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭىيىپ يېڭى مىللەت ۋە شۇ مىللەتلەرنى گەۋدە قىلغان زامانىۋې دۆلەتلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقى تەپسىلى يېزىلغان.

Eugène_Delacroix_-_Le_28_Juillet._La_Liberté_guidant_le_peuple

ئەنە شۇ تەرەققىياتقا ئۈلگۈرەلمىگەن زامانىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرى ئۆز دەۋرىدە دۆلەت قۇرالمىغان ئىدى. بولشىۋىزىمنىڭ تەرەققىياتى ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇسۇلمانلارنىڭ بەكرەك قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، مۇسۇلمان بولشىۋىكلار قىزىل جىھاد ئېلىپ بېرىپ ئۆز زامانىدا ئورسودوكىس خېرىستىئانلارنى باستۇرغان ئېدى. تىروتىسكىي بولشىۋىكلارنىڭ لېنىنىزىمچى بولشىۋىكلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى تىروتىسكىيچىلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر مىللىتىنى قايتا كەشىپ قىلغان ئىدى. 1921-يىلى تاشكەنتتە يېغىن چاقىرىلىپ ئۇيغۇر ئىسمى ئوتتۇرا ئاسىيادا قايتىدىن باش كۆتۈردى.

Long live the red Jihad! Poster of 1921

ئۇيغۇرلۇقنىڭ باش كۆتۈرشى بىر قەدەر ئاستا بولغان بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادا تۈركىستانچىلىق بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئىدى چۈنكى ئوسمانىزىمنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان ياۋرو ئاسىيا خەلقىنىڭ قەلبى پان تۈركىزىم ۋە پان ئىسلامىزىمغا بەكىرەك مايىل ئىدى. ئۇيغۇرلۇق قىسمەن پان تۈركىزىم ئېلىمىتلىرىنى ۋە پان زايونىزىم ئېلىمىتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.  ئەمما پان زايونىزىم ئۆز نۆۋىتىدە پان ئىسلامىزىم ۋە پان ئەرەبىزىم بىلەن ئوت بىلەن سۇ دەك چىقىشالمايتى. ئەينى زاماندىكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقى بەخىتكە قارشى پان ئىسلامچى ھەتتا پان ئەرەبىزىمچى ئىدى. شۇ سەۋەبتىن پان زايونىزىم ئىلمىتلىرى بولغان ئۇيغۇرىزىمنى ئەجدادلىرىمىز قۇبۇل قىلماستىن بەلكى تۈركىستان ئىسمىنى  ئاسان قۇبۇل قىلغان ئىدى. ئەنە شۇ دەۋىرلەردە ئۇيغۇرلۇقنى تەشۋىق قىلغان نەزەرغوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار تازا بازار تاپالمىغان. ئەمما شۇنداق بولىشىغا قارىماي تىروتىسكىي بولشىۋىكلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا بىرىنچى قېتىم شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئىككىنچى قېتىم شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ئەمما ئىككلا جۇمھۇرىيەت ئۇزۇنغا داۋاملاشمىغان. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن تىروتىسكىينى بىر ئاز چۈشىنىش كېرەك.تىروتىسكىي بولسا سوۋىت ئىتىپاقى بولشىۋىك ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلغان بىرىنجى نۇمۇرلۇق ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى يەھۇدى ئائىلىسىدىن، شۇ سەۋەبتىن تىروتىسكىي ئۆز زامانىدا زايونىزىمنى قوللايتى.

Against_Lenin-532463597819b3efc6ac75d4199f8eb8

لېنىن بىلەن تىروتىسكىينىڭ ئىدىيەسىنىڭ مۇتلەك كۆپ قىسمى ئوخشاش بولۇپ ئەمما تىروتىسكى بولشىۋىك ئىنقىلابىنى دۇنياۋىيلاشتۇرۇش كېرەك، سوتسىيالىزىمنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش كېرەك دەپ قارايتى، ئۇنىڭ ئەكسىچە لېنىن بولسا بولشىۋىزىمنى پەقەت سوۋىت ئىتىپاقى دائىرىسىدە تەرەققي قىلدۇرۇش پەقەت سوۋىت ئىتىپاقىنى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك دەپ قارايتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا لېنىن ۋە تىروتىسكىينىڭ ئىدىيە توقۇنۇشى سەۋەبىدىن لېنىن ۋە سىتالىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىروتىسكىيچىلارنىڭ ھەممىگە قاتتىق زەربە بەرگەن بولۇپ، شۇ سەۋەتپتىن ئۆز زامانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان ۋە يەھۇدىيلار لېنىن ۋە سىتالىنغا غايەت زور ئۆچ ئىدى ھەم بۇ ئۆچمەنلىك ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا. تىروتىسكىينىڭ سىياسى كۈرەشدە مەغلۇپ بولۇشى يۇقۇردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن شەرقى تۈركىستان نامىدىكى دۆلەتلنىڭ يېقىلىپ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.ئەمما شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆمرىمۇ ئۇزۇنغا داۋاملاشمىغان بولۇپ ئەخمەتجان قاسىمى ۋە سىتالىننىڭ سىرلىق ئۆلۈمى(بەزىلەر ئۇلارنى تىروتىسكىيچىلار قەستلەپ ئۆلتۈرگەن دەپ قارايدۇ.)دىن كېيىن شىنجاڭ ئۆلكىسى نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئۆزگىرىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلىشى تىروتىسكىيچىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچىنى دۇنياغا قايتىدىن نامايەن قىلىدۇ.

trotsky

 بەزىلەر تىروتىسكىينى ئەنگىلىيەنىڭ جاسوسى دېسە يەنە بەزىلەر ئامېركنىڭ نىۋيورك ۋال كوچىسىدىكى داڭدار يەھۇدىي مىليادىرلارغا باغلايدۇ. بۇ ھېكايىنىڭ قانچىلىك راست ياكى يالغان بولىشى چوڭ مەسىلە ئەمەس بولۇپ، مۇھىمى شۇ دەۋىردە ئامېركانىڭ نىۋيورك شەھرىدە يەھۇدىيلار مىليادىرلاردىن تەشكىل تاپقان تىروتىسكىيچىلار بار ئىدى. ئۇلار تىروتىسكىينىڭ ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئامېركىدا سىياسەتكە ئارلىشاتتى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىرىستول ۋە گىلازار قاتارلىقلار 1930-يىللىرىدا سىتالىنغا قارشى ئالدىنقى سەپتە ئىدى، كېيىنكى دەۋىرلەردە جوشۋا ۋە كارىل قاتارلىق سوتسىئاللار پارتىيەسى نامدا ھەركەت قىلىۋاتقان يېڭى كونسىرۋاتىپلار مەيدانغا كەلدى.

ئامېركىدا يېڭى كونسىرۋاتىپلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز بولۇپ، ئامېركا پىرىزدىنتى رىگان دەۋرىدە يېڭى كونسىرۋاتىپلار ئامېركىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزىۋالدى. پىرىزدىنت رىگان دەۋرى بولسا سوۋىت ئىتىپاقى ۋە ئامېركىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ يۇقۇرى پەللىگە چىققان ۋاقتى بولۇپ، بۇ تىركىشىش 1991-يىلى سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئامېركا تاشقى ئىشلار سىياسىتىدە يېڭى كونسىرۋاتىپلارنىڭ دېگىنى دېگەن قىلغىنى قىلغان بولىدىغان بولدى. پىرىزدېنت كېلىنتون، چوڭ ۋە كىچىك بۇش دەۋرىدە ئامېركا تاشقى ئىشلار سىياسىتى تىروتىسكىيچىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتى . ئامېركا دۇنيادا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېركىنىڭ تاشقى سىياسىتى تېروتىسكىينىڭ پۈتۈن دۇنيانى بىرلەشتۈرۈش، دۇنياۋى ئىنقىلاپ قىلىش، دۇنياۋى ھاكىمىيەت تىكلەش قاتارلىق ئىدىيەلىرىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتاتتى. تىروتىسكىيچىلارنىڭ داۋامى بولغان يېڭى كونسىرۋاتىپلارنىڭ تاشقى سىياسىتى يەنى دۇنياۋى زايونىزىم سىياسىتى ئۈزلۈكسىز ئىسرائىلىيەنى ئوتتۇرا  شەرىقتىكى مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

Trotsky_Buckley_Bush

ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ھېنرى كىسسىڭگىر ئەپەندى ئامېركا تاشقى سىياسىتىنى جوڭگوغا تونۇشتۇرغان ، جوڭگو ۋە ئامېركا مۇناسىۋىتىنى باشلىغان ھەم تەرەققىي قىلدۇرغان يېڭى كونسىرۋاتىپلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى ئىدى. ھېنرى كىسسىڭگىرنىڭ جوڭگولۇقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەمەلىيەتتە ئامېركا تاشقى سىياسىتىنىڭ جوڭگو ئىچىدىكى تەرەققىياتى ۋە ئورنىنىڭ يۈكسىلىشى ئىدى.نەچچە ئون يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ جوڭگو ئىچىدە ئامېركا تاشقى سىياسىتىنى قوللايدىغان يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كۆپەيدى.

150729_jiang_0

جوڭگو ئىچىدىن ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىشقا باشلىدى. شۇنداق قۇتۇپلىشىشنىڭ نەتىجىسى 1989-يىلىدىكى بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى ۋە نامايىشنىڭ دېڭ شىياۋپىك تەرىپىدىن چەكلىنىشى بىلەن ئاخىرىدا جاڭ زېمىننىڭ جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىشى بىلەن تاماملاندى.  جۈملىدىن خەلقئارا كاپىتالنىڭ جاڭزېمىننىڭ رەئىس بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىشى ئامېركىنىڭ جوڭگو ئىچىدىكى تەسىرىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.1995-يىلى جاڭ زېمىن روكفېللىر بىلەن كۆرۈشتى. 

Nancy+Pelosi+Dick+Cheney+Bush+Gives+Last+State+GZuyQ6JhT4Yl

پىرىزدىنت كىچىك بۇش دەۋرىدە ئامېركىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى قايتىدىن كۈچلۈك تەرىقىدە غىدىقلاشقا باشلىدى. ئاڭلاشلاغا قارىغاندا پىرىزدىنت بۇشنىڭ ئەقلى بۆلۈنمە كۆرسەتكۈچى ئاران 60مىش. بۇ گەپ باشقىلارنىڭ پىرىزدىنت بۇشنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى مەسخىرە قىلىپ ئېيتقان سۆزى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە كىچىك بۇش ئامېركىنىڭ پىرىزدىنتى بولغان دەۋرىدە ھەقىقى چوڭ ھوقۇقنى مۇئاۋىن پىرىزدىنت دىك چېننىي ئۈستىگە ئالغان. دىك چېننىي ئۆز ۋاقتىدىكى ئامېركىنىڭ ئۇيغۇرلار سىياسىتىدە چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلىگەن. ئۇنىڭ نەتىجىسى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ۋەقەسى بىلەن ئىپادىلەنگەن. 5- ئىيۇل ۋەقەسى دۇنياغا ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنى قايتىدىن ئاڭلاتقان.بۇ ئىشلاردا نەنسى پېلوسىنىمۇ ئەسكە ئېلىش كېرەك ئەلۋەتتە.

ئەمما دۇنيادا ئويلىمىغان ئىشلار داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. گەرچە 2012-يىلى جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش رەئىسىنىڭ شى جىنپىڭ بولىدىغانلىقىنى ھەمما ئادەم بىلگەن بولسىمۇ ئەمما شى جىنپىڭ رەئىس بولغاندىن كېيىن بو شىلەينىڭ تۇتۇلىشى تۇيۇقسىزلىق ھېسابلىناتتى. شۇ ئارلىقتا ئامېركا يېڭى كونسىرۋاتىپلارنىڭ ۋەكىلى ھېنرى كىسسىڭگىر قېرىپ قالغان ئەھۋالغا قارىماي جوڭگوغا باردى ۋە سابىق رەئىس جاڭ زېمىن بىلەن شى جىنپىڭ توغۇرلۇق پاراڭلاشتى.چۈنكى ھېنرى كىسسىڭگىر ئامېركا تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ جوڭگودىكى ئىجرا بولۇش ئەھۋالى شى جىنپىڭ چىققاندىن كېيىن ئۆزگۈرۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتى.

بەخىتكە يارىشا جاڭ زېمىن ھېنرى كېسسىنگىرگە مۇنداق جاۋاب بەردى:”جوڭگو چوڭ دۆلەت، ئۇنداق بۇنداق خاتالىقلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ پاراسەتلىك رەئىس بولۇپ يېقىندا شىنجاڭدا تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەندە مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ۋەزىيەتنى كونتىرول قىلدى” مانا بۇ دېپلوماتىك تىل بولۇپ بۇ جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش كېرەك.

14 - 1

ھېنرى كىسسىڭگىر ئامېركا تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتقىنىنى بالدۇر كۆرۈپ يەتكەچكە، دۇنيادىكى بارلىق ئامېركىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقان كىشىلەرگە جىددى ئاگاھلاندۇرۇش بەردى:” 2022-يىلغا بارغاندا ئىسرائىلىيە مەۋجۇت بولمايدۇ” دەپ دۇنيا يېڭى كونسىرۋاتىپلارغا 2022-يىلىغىچە پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

ئەمما ئويلىمىغان ئىش يەنە روسىيەدە يۈز بەردى. پىرىزدىنت پۇتىن 2014-يىلى 3-ئايدا ئۇكرائىنانىڭ قىرىم ئارىلىنى ئەسكەر كىرگۈزۈپ روسىيەگە قوشىۋالدى.

بۇ ۋەقە بولسا ئامېركا تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ  چوڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ يېڭى كونسىرۋاتىپلارنىڭ دۇنياۋى سىياسەتلىرى ئارقا ئارقىدىن قارشىلىققا دۇچ كەلدى. ئامېركا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتە مەغلۇپ بولىشى پۇتىننىڭ ئوتتۇرا شەرىققە ئەسكەر كىرگۈزۈپ باشار ئاسادنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملىكگەنلىكى بىلەن ئىپادىلىنىپ چىقتى، روسىيە خەۋەر قانىلىنىڭ باشار ئاسادنىڭ غەلبە قىلىشىدا خەلقئارادا قوللاشنى ئاشۇرۇشتا رولى چوڭ بولدى. ئوتتۇرا شەرىقتىكى كونا ئويۇننىڭ ۋاقتى ئۆتىۋاتاتتى.

2015-يىلى ئۆكتەبىردە شى جىنپىڭ ئەنگىلىيەگە بېرىپ زىيارەتتە بولدى. شۇنىڭدىن يېرىم يىل كېيىن، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەنگىلىيە ياۋروپا ئىتىپاقىدىن چىكىنىش ئۈچۈن بىلەت تاشلىدى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە كونا دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىغا ۋە ئامېركىنىڭ دۇنيا سىياسىتىدىكى رەئىسلىك ئورنىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىغا شەپە بەردى. 

دۇنياۋى سىياسى ئاتموسفىرانىڭ پۇتىن تەرەپكە ئېغىشى بىلەن جوڭگودا شى جىنپىڭ تەتۈر قويۇن چىقىرىپ  ئەسلى جوڭگونى كونتىرول قىلىپ كېلىۋاتقان ئاساسى ئېقىم بولغان سىياسى ۋە ئىقتىسادى كۈچكە قارشى ئېقىن بولۇپ ئېقىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسى ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى ئۆزگەرتىش يەنى “گوڭ جى سې گەي گې” بولۇپ بۇ گەپ 2016-يىللىرى توردا مودا بولغان ئىدى.

ئەمما بۇ پەيىتتىكى جىددى ئۆزگۈرۈشلەرگە ئاساسەن دۇنيادىكى ۋە جوڭگودىكى سياسى ۋە ئىقتىسادى ئاساسى ئېقىمنىڭ يۆنىلىشىمۇ تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرەيدۇ.

 ئەڭ ئاۋال  2016-يىلى 7- ئايدا ئەردوئەن تۈركىيەدە ئاتالمىش ھەربىي سىياسى ئۆزگۈرۈش ئويۇنىنى ئوينىدى ۋە دەرھال مەيدانىنى ئامېركىغا قارشى قىلىپ ئوتتۇرغا چىقتى. ئامېركىنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتىكى كۈچى ئاجىزلاشتى .

ئەنە شۇجىددى پەيىتلەردە  2016-يىلى 2-سىنتەبىر ئۆزبەكىستان پىرىزدىنتى ئىسلام كەرىموف تۇيۇقسىز ۋاپات بولىدۇ.كەرىموفنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قازاقىستاندا كەرىم ماسىموف قازاقىستان باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قازاقىستان دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسىگە يۆتكىلىدۇ.

Kazakh_Israel

ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە پىرىزدىنتى نېتانياخۇ 2016-يىلى 14-دىكابىر قازاقىستانغا كېلىپ نەزەر بايېۋ  ۋە ماسىموف بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ،كۆرۈشۈش جەريانىدا نېتانياخۇ ئىراننى ئاگاھلاندۇرۇپ:” ئىسرائىلىيە توشقان ئەمەس بەلكى يولۋاس، ئەگەر ئىران ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىدىكەن ئۆزىنىڭ ئەھۋالى خەتەر ئىچىدە قالىدۇ” دەيدۇ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچىنى بوش چاغلىماسلىقنى، تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تەرقىدە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 2017-يىلى فېۋرالدا چېن جۈەنگو خوتەن، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقۇملۇقنى قوغداش كۈرىشىنى قانات يايدۇرىدۇ. 2017-يىلى شىنجاڭدا “كەسپى تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش مەركەزلىرى” پەيدا بولىدۇ ۋە بۇنىڭدەك ناخشىلار ئېيتىلىشقا باشلايدۇ.ئارقىدىن بۇ كەسپى تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى دۇنياغا تونۇشتۇرغۇچى قازاقىستانلىق “ئاتا يۇرت” نامىدىكى تەشكىلاتى پەيدا بولىدۇ..

دېمەك پۇتىن ئوتتۇرا شەرىق بىلەن ئالدىراش بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەردە چوڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى ئېىقمغا ئۇتتۇرۇپ قويدى دېيىشكە بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن سۈرىيە مەسىلىسىدە بولۇپمۇ ئىدلىپنى بومباردىمان قىلىش مەسىلىدە توختاپ قالىدۇ. سۈرىيەدە روسىيەنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى روسىيەنىڭ س-300 نومۇرلۇق راكىتاسى ئارقىلىق ئېتىپ چۈشۈرىلىدۇ. روسىيە ھەربى تەرەپ بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەنلىكىنى ئىسرائىلىيەگە دۆڭگىگەن ئەھۋالدا پىرىزدىنت پۇتىن بۇ ۋەقەدە ئىسرائىلىيەنى ئەيىپلەشتىن ۋاز كېچىدۇ. دېمەك  بۇنىڭدەك كۈچتە تەڭلىشىش ئەھۋالى ئوتتۇرغا چىققاندىن كېيىن 2018-يىلى روسىيەنىڭ باش مىنىستىرلىكىگە يېڭى كونسىرۋاتىپلار تەرەپدارى بولغان مېدۋېدىۋ تەيىنلىنىدۇ.

ئەلۋەتتە خەلقئارالىق ۋەزىيەت پۇتىن قارشى چىقىۋاتقان سىياسى ۋە ئىقتىسادى كۈچلەرنىڭ تېخى ۋاقتى ئۆتمىگەنلىكىنى بەلكى باشقىچە تەرىقىدە مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتقان پەيىتتە 2018-يىلى 22-ئۆكتەبىر جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن ئىسرائىلىيەگە ھەمكارلىق ئورناتقىلى بارىدۇ،

شۇنداقلا2019-يىلى 8-ئاپرىل ۋاڭ چىشەن كەرىم ماسىموف بىلەن كۆرۈشىدۇ.

2019-يىلى 21-ئاپرىلدا ئۇكرائىنادا يېڭى كونسىرۋاتىپلارنىڭ ۋەكىلى زىلىنىسكى پىرىزدىنتلىق سايلىمىدا غەلبە قىلىدۇ. كەرىم ماسىموف 2019-يىلى 26-ئاپرىل ئامېركىغا بېرىپ مايىك پومپىئو بىلەن كۆرۈشىدۇ.14-ماي پومپىئو روسىيە تاشقى ئىشلار باش مىنىستىرى لاۋروف بىلەن كۆرۈشىدۇ. 13-ماي لاۋروف جوڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈشتە سۈرىيە ئىدلىپتىكى جىھادىستلارنى بالدۇر بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىدەك ئىپادىنى بىلدۈرىدۇ.2019-يىلى 15-مايدا روسىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇيغۇر، تاجىك، ئۆزبەك جىھادىستلار جايلاشقان ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى جابھاد ئەل شۇغۇرنى قاتتىق بومباردىمان قىلىدۇ. سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئىدلىبقا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ.

مەيلى ئاساسى ئېقىم ھېسابلانغان كونسىرۋاتىپلار بولسۇن ياكى كونسىرۋاتىپلارغا قارشى مەيدان ئوقۇۋاتقانلار بولسۇن ئىككىلا تەرەپنىڭ سىياسىتى توختاپ قالغىنى يوق. ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سىنىشىشى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيەگە كۆتۈرىلەمدۇ ياكى بىر تەرەپ بوشىشىپ قالامدۇ؟.

ۋېنزۇئىلادىكى ئىچكى سىياسى ئۆزگۈرۈش، ئامېركا جوڭگو ئىقتىسادى ئۇرۇشى، ئىران ۋە شىمالى كورىيە يادرو مەسىلىسى، ئافغانىستان تالىبانلار مەسىلىسى، ئۇكرائىنا مەسىلىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر يېقىنقى زاماندىكى ئۈزلۈكسىز تالاش تارتىش بولىۋاتقان مەسىلىلەر بولۇپ،  بۇ مەسىلىلەرنىڭ قايسى تەرىقىدە تەرەققىي قىلىپ قانداق ئاياقلىشىشىدا ھەرخىل پەرەزلەر مەۋجۇت.

يېزىلغان 16/05/2019

يېقىنقى يېڭىلىقلار:

نويابىردا جوڭگو مەركىزى بانكىسى ئۆزىنىڭ رەقىملىق پۇلىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 

دىكابىر ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كۆزگە چىلىقىدىغان خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. ئۈچىنچى دىكابىر نەنسى پېلوسى باشچىلىقىدا ئامېركىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ئاۋام پالاتانىڭ بېلەت تاشلىدىن ئۆتتى. ئۇيغۇرلار خەلقئارا سىياسىتىدە كۆزگە كۆرۈنمەس نۇقتىدىن مەركىزى نۇقتىغا چوڭ قەدەملەپ ئىلگىرلىمەكتە. شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئىشقا قاراپ تۇرۇشتىن باشقا يەنە نېمە ئامالى بولسۇن؟

https://www.instagram.com/p/B6O4jlgi-O2/

كورونا ۋىروسى دەۋرى

كورونا ۋىروسى دەۋرى 2020-يىلى 3-ئايدىن باشلاندى دېيىشكە بولىدۇ. پۈتۈن غەرىپ دۇنياسى ۋىروسنىڭ تەھتىدە قالدى. ۋىروس ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادى كىرزىس ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى بىزنى ئويلاندۇرىدۇ. بۇ ۋىروس ئەلۋەتتە سىياسى ۋىروس بولۇپ ئامېركىدا تىرامپنى، جوڭگودا شى جىنپىڭنى، روسىيەدە پۇتىننى تاللىۋالغاندەك تۇرىدۇ. مانا بۇ ئۈچ كىشى بۇ ۋىروسنىڭ تەھتىدىنى بىۋاستە ھېس قىلىۋاتقان بولسا كېرەك. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ. 

مەركىزى خەلىق بانكىسى رەقەملىق خەلىق پۇلىنى 4-ئاينىڭ 20-دىن ئېتىبارەن قىسمەن رايونلاردا سىناق قىلىشنى باشلىدى.

شى جىنپىڭ ۋۇخەن ۋىروسىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. يەنى خوڭكوڭدا نامايىشقا رەھبەرلىك قىلغان ئون نەچچە ئادەمنى قولغا ئالدى ئۇنىڭدىن باشقا جامائەت خەۋىپسىزلىكى مېنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مېنىستىرى سۈن لىجۈننىمۇ قولغا ئالدى. ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېنىشىشى كۈندىن كۈنگە كۈچەيمەكتە.

كورونا ۋىروس دەۋرىدىكى ئامېركا پىرىزدىنت سايلىمى ئاياقلاشتىمۇ؟ تىرامپنىڭ ئۇتتۇرىشىدىن ئۇتىشى چوڭ.چۈنكى بايدىن پىرىزدىن بولغان تەغدىردە روسىيە بىلەن قايتا سوغۇق مۇناسىۋەت دەۋرىگە كىرىشى مۇمكىن ئەمما روس بىلەن ئۇرۇشۇپ روسىيەنى ئۇتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئەگەر روسىيە ياكى جوڭگونىڭ ئىككىسىدىن بىرسى بىلەن ئۇرۇشۇش توغرا كەلسە جوڭگو بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇتۇشنىڭ ئېھتىمالى چوڭ. شۇڭا بايدىن پىرىزدىن بولۇپ سايلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى ئامېركا تاشقى سىياسىتى ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز.

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.