ئۇيغۇرلارنىڭ گېنى

ئۇيغۇرلارنىڭ “گېنى” دېگەندىن بەكىرەك ئۇيغۇرلارنىڭ دى ئېن ئا ئالاھىدىلىكى دېيىش بىر قەدەر توغرا ھېسابلانسا كېرەك. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ گېنىتىكا ئالاھىدىلىكى ئۈزلۈكسىز تەتىقىقات قىلىنماقتا. گېنىتىكا ئالىمى داۋىد رېيخنىڭ ئېيتقىنىدەك مەيلى سىز قۇبۇل قىلىڭ ياكى قۇبۇل قىلماڭ گېنىتىكا ئىنقىلابىنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ. بۇ بىر پەن تېخنىكىنىڭ يۈزلىنىشى ھەم تەرەققىياتى تۈپەيلى يۈز بېرىۋاتقان يېڭى كىملىك مەسىلىسى، كىشىلەر غايىۋى كىملىكىنى تاشلاپ دى ئېن ئاسىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى چۈشىنىدۇ، تارىخىنى ئۆگىنىدۇ. سىياسىيدىكى كىملىك سىياسىتى بۇنىڭدىن كېيىن گېنىتىكا بىلەن چۈشەندۈرىلىدۇ. بۇنى بىئوپولىتىكانىڭ ئەڭ مۇھىم مەنىسى دەپ چۈشەنسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

تەبىئەت ژۇرنىلىدا تۈنۈگۈنلا بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلىقلەرنىڭ گېنىتىكا ئالاھىدىلىكى ئىنتايىن يېڭى ئۇسۇلدا يەنى قەدىمقى نەچچە مىڭ يىللىق سۆڭەكلەردىن ئېلىنغان دى ئېن ئا بىلەن ھازىرقى زاماندىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ دى ئېن ئاسى سېلىشتۈرۇلغان بولۇپ ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ئەجدادى ۋە تارىخى توغرىسىدا خېلى مۇكەممەل بولغان ئىلمى پاكىتنى تەمىنلىگەن. 

ماقالىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلارنىڭ دى ئېن ئاسىمۇ تەتقىق قىلىنغان بولۇپ نەتىجە مۇنداق  

بۇ رەسىمدە سىز قانچە خىل رەڭنى كۆردىڭىز؟ ئەمدى سىز قەدىمقى ھونلارنىڭ دى ئېن ئا ئالاھىدىلىكىگە قاراڭ.

ئەمدى روسلار بىلەن ھونلارنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ،روسلار بىلەن ھونلار نېمە دېگەن ئوخشىغان؟  

ھونلار بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلىقىنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ. ھونلاردا يېشىل، قىزىل، سۆسۈن رەڭلەر بار ئىكەن، ئۇيغۇرلارغا قارىسىڭىزمۇ شۇ رەڭلەرنى كۆرەلەيسىز.ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ دى ئېن ئاسى ھونلاردىن مۇرەككەپ.

ئەمدى قەدىمقى ئىسرائىللار(ناتۇفىيانلار)نىڭ دى ئېن ئاسىغا قاراپ بېقىڭ.  

ناتۇفىيانلارنىڭ دى ئېن ئاسىنىڭ ئاسالىق سۆسۈن رەڭدە تۇرغىنىنى كۆرىۋاتىسىز.قەدىمقى ئىسرائىللارغا ئىنتايىن ئوخشايدىغانلارنىڭ كىملىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇلار دەل قەدىمقى شىمالى ئاناتولىيەلىكلەر.ئۇنداقتا شىمالى ئاناتولىيەلىكلەرنىڭ دى ئېن ئاسىنى كۆرۈپ بېقىڭ. 

دېمەككى قەدىمقى شىمالى ئاناتولىيەلىكلەر دەل ئىسرائىل ئەۋلادلىرىدۇر ياكى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى دەل قەدىمقى شىمالى ئاناتولىيەلىكلەردۇر.

خوش ئۇنداقتا شۇ قەدىمقى ئاناتولىيە تۇپرىقىدا ياشاۋاتقان بۈگۈنكى زاماندىكى تۈرك مللىتى دەپ ئاتىلىۋاتقانلارنىڭ دى ئېن ئا ئالاھىدىلىكى قانداق؟ 

مانا يۇقۇرقىدىكىلەر بولسا ئەنقەرە تۈركلىرى، قەيسەرى تۈركلىرى،ئىستانبۇل تۈركلىرى ۋە ھاكازالار. بۇلار بىلەن قەدىمقى شىمالى ئاناتولىيەلىكلەردىن ئارتۇق رەڭ ئاساسەن سۇس يېشىل ۋە قىزىل رەڭلەردۇر.بۇ يەردىكى يېشىل رەڭ نەدىن كەلدى؟ 

 سۇس يېشىل رەڭ دەل قەدىمقى شىمالى ئىرانلىقلاردىن كەلگەن، ئۇنداقتا قىزىل رەڭچۇ؟ 

قىزىل رەڭ شەرقى ياۋروپا ئوۋ ئوۋلىغۇچى ئادەملىرى يەنى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانمايدىغان پەقەت ئوۋ ئوۋلاش بىلەن ياشايدىغان قەدىمقى ئادەملەردىن كەلگەن.

دېمەككى ھازىرقى تۈرك دەپ ئاتىلىۋاتقانلار بىئولوگىيەلىك كىملىكى جەھەتتىن پەقەتلا تۈرك ئەمەس. ئەلۋەتتە مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ تۈرك ئەمەس. ئەگەر تۈركىيەدىكىلەرنى تۈرك تارىخىغا باغلاش توغرا كەلسە ئۇنداقتا تۈركىيەلىكلەر پەقەت سىياسى جەھەتتىنلا تۈركلەرگە ۋارىسلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ.ھەقىقەت شۇكى ئۇلار ھەتتا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ ساپلىقى يۇقۇرى بولغان ئەۋلادلىرىدۇر.تۈركلەر ئەمدى تۈركىيە دۆلىتىنىنىڭ نامىنى ئىسرائىلىيەگە ئۆزگەرتسە توغرا بولامدۇ قانداق؟

ئەمدى سىز بۇ پۈتۈن رەسىمگە قاراپ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ. 

يۇقۇرقىلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دى ئېن ئا ئالاھىدىلىكىنىڭ خېلىلا مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى بايقايسىز، ئۇيغۇرلاردىكى دى ئېن ئا ئالاھىدىلىكىدىن قەدىمقى ئىسرائىللارنىڭ يەنى ناتۇفىيانلارنىڭ دى ئېن ئا ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان سۆسۈن رەڭنىڭ بارلىقىنى ئەمما ئۇ رەڭنىڭ كىچىكلەپ كەتكىنىنى بايقايسىز. بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ ئۆزىڭىز تەپەككۇر قىلىڭ.ئەمما قاملاشمىغان تەپەككۇرنى قىلىپ ھەممىنى بىلىدىغاندەك بولىۋالماڭ.بىلمىسىڭىز سوراڭ ھەم ئىزدىنىڭ. 

ئۇيغۇرلاردا قېنىق كۆك ۋە سارغۇچ سېرىق رەڭلەرنىمۇ كۆرۈپ تۇرىۋاتىسىز، بۇ يەردىكى قېنىق كۆك رەڭ نەدىن كەلگەن؟

ئامىلىقلار بولسا تەيۋەنگە يەرلىك ياكى ئىندىجىنىس كىشىلەر بولۇپ بۇ ئادەملەردىن كەلگەن.قانداق كەلگەن؟ بۇنى ئازراق ئويلانسىڭىز جاۋابىنى تاپىسىز.

سۇس سېرىق ۋە يېشىل رەڭلارسىبىرىيە ۋە ئۇرال تاغلىرىدىن كەلگەن.

ئاددىيلاشتۇرغاندا ئەھۋال تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.

interes

 يۇقۇرقى رەسىمدىكى پامىر تاجىكلىرىنىڭ دى ئېن ئا ھالىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ “تۈركلىشىش ياكى موڭغۇللىشىش” ۋە “شەرقى جەنۇبى ئاسىيالىشىش”تىن بۇرۇنقى ھالىتى دەپ قارالسا بولىدۇ. تاجىكلار پامېر تاغلىرىدا ياشىغاچقا تۈركلەرنىڭ، موڭغۇللارنىڭ ۋە قەدىمقى شەرقى جەنۇبى ئاسىيالىقلارنىڭ تەسىرىگە ئاساسەن ئۇچرىمىغان. 

شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشقان قەدىمقى ئېرىقلار بولسا ئاساسەن:

ئىسرائىللار+ئىرانلىقلار+شەرقى ياۋروپالىقلار(كاۋكازلىقلار)+سىبىريەلىكلەر+شەرقى جەنۇبى ئاسىيالىقلار   

ئەسكەرتىش:بۇ يەردە سېلىشتۇرلىۋاتقىنى بەدەن خىروموسومى بولۇپ ۋاي خىروموسومنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ۋاي خىروموسوم تەتقىقاتى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى تەتقىقاتىدە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاي خىروموسومى جەھەتتىكى تەتقىقات شۇنى كۆرسىتىدۇكى

ئوتتۇز تۆت پىرسەنت ئادەمنىڭ ۋاي خىروموسومىنىڭ قىبلىسى ئوتتۇرا شەرىققە قارىغان. يەنى ج2 نىڭ نىسبىتى ئوتتۇز تۆت پىرسەنت. بۇ پىرسەنت ھەرگىزمۇ كىچىك ئەمەس گەرچە بەدەن خىروموسومىدىكى ناتۇفىيانلىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆسۈن رەڭ ئۇنداق چوڭ بولمىسىمۇ. 

ئەلۋەتتە ھازىرقى مۇھىم تېما ۋە قىززىق تېما بىز كىم ۋە تارىخىمىز نېمە؟ بۇنى دې ئان ئا ئېننىق كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.ئەمدى  پاكىت سۆزلىسۇن.پاكىتسىزلار توختىسۇن.

تۆۋەندىكى ماقالە 2016-يىلى  تەبىئەت ژۇرنىلىغا ئېلان قىلىنغان يۇقۇردىكى ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قىزىقىدىغانلار ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.