ئەقلى كوئىفېسىنتى ئېرىقى جەھەتتىن ئېرىسىي بولامدۇ؟

ئىنسانلارنىڭ ئەقلى كوئىفېسىنتى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق ئۇسۇل بولۇپ، نۆۋەتتە يەرشارىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئەقلى كوئىفېسىنتى ھەر بىر ئەۋلادتا 1.3 نۇقتا تۆۋەنلەۋاتقان. تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ كۆپرەكى شەھەرلەردە ياشايدىغان بولۇپ شەھەرلەردىكى ئەقىللىق قىز ۋە ئوغۇللار يىللاردىن بېرى ۋاقتىدا بالىلىق بولالمايدىغان كەسىپ ۋە ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆزىدىكى ئەقىللىق گېننى ئەۋلادلىرىغا ئېرىسىيەت قالدۇرىدىغان پۇرسەت كاملاپ كەتكەن. شەھەردىكىلەر يېزىلاردا ياشايدىغانلاردىن ئەقىللىق بولىدىكەن ئەمما مەدەنىيەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلار ئاساسلىقى يېزىلاردىكى ئەقلى كوئىفىسىنتى بىر قەدەر تۆۋەن كىشىلەر بولغان چۈنكى ئەقلى كوئىفېسىنتى تۆۋەن بولغان كىشىلەر بالدۇر توي قىلىپ كۆپ بالىلىق بولالايدىكەن. بۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ تۆۋەن كوئىفېسىتلىق ئەقىل گېنىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قالدۇرۇپ ماڭىدىكەن. شۇنداق بولغاندا 2050-يىلىغا بارغاندا ئامېركىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەقلى كوئىفېسىنتى 95 كە چۈشۈپ قالىدىكەن.

جوڭگودىكى ھەرقايسى رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئەقلى كوئىفېسىنتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا شاڭخەي ۋە بېيجىڭدىكىلەرنىڭ ئەقلى كوئىفىسىنتى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان بولۇپ تەخمىنەن 108 ئەتراپىدا بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقلى كوئىفىسىنتى تەخمىنەن 103 بولغان. پەرەز قىلىنىشىچە ئەقىل كوئىفىسىنتى ئىقتىساد ۋە مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئېشىپ مېڭىشى مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى ۋە ئىقتىسادى ئەگەر تەرەققىي قىلالىسا ئەقلى كوئىفېسىنتى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى مۇمكىن.

ھازىرغىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا دۇنيادا ئەقلى كوئىفېسىنتى يۇقۇرى بولغان ئىككى ئېرىق بار. ئۇلارنىڭ بىرى يەھۇدىيلار ياكى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى، يەنە بىرى شەرقى ئاسىيالىقلار. گېنىتىكا مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن خىروموسىمىدىكى گېنى بەش ئېرىقتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ بۇ بەش ئېرىق بولسا شەرقى ئاسىيالىقلار، موڭغوللار، ياۋروپالىقلار، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ۋەجەنۇبى ئاسىيالىقلاردىن ئىبارەت. ئۇيغۇرلارنىڭ گېنىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەقىللىق بولغان ئىككى ئېرىق يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى ۋە شەرقى ئاسىيالىقلارنىڭ گېنى ئورتاق بار. شۇنداق پەرەزنى قىلىشقا بولىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە گېنىتىكا مەنىسىدىن ئېيتقاندا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئەقىللىق ئادەملەر چىقىدۇ.

ئەگەر ئەقىل گېنى بار دېيىلسە شۇنداقلا بۇ ئەقلى گېن جىنسى خىروموسوم ياكى خوندىروسوملۇق دى ئېن ئادا ئەمەس بەلكى بەدەن خىروموسومىدا دېيىلسە ئۇنداقتا يۇقۇردا دېيىلىۋاتقان مەزمۇن تامامەن ئىلمى بولغان بولىدۇ.


نېمىشقا يەھۇدىيلار ئەقىللىق؟ بۇ فىلىمدىن كۆرۈڭ.

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.