مېنىڭ ئەجدادلىرىم ۋە مەن كىم؟

ئىنجىل ۋە تەۋراتتا شۇنداق قەيىت قىلىنغانكى يەھۇدىيلار ئىتىپاقلىشىدۇ، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن  ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا قايتىپ كېلىپ شۇ يەرگە جايلىشىدۇ.
( قوشۇمچە: بىر يەھۇدى راباينىڭ ماڭا دېيىشىچە ھازىر يوقاپ كەتكەن ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ قايتا ئويغىنىش ھەركىتى پۈتۈن دۇنيا بويىچە يۈز بېرىۋاتىپتۇ. مەسىلەن كۇرتلار، كۇرتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ يېقىنقى ھەركەتلىرى ئۇلارنىڭ ئويغىنىۋاتقانلىقىنىڭ سىموۋۇلى ئىكەن. كۇرتلار ھەم مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە بىلەن قوشۇلۇپ كېتىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىدىكەن. يەھۇدىلار ئىشنىپ كېلىۋاتقان ئىمپىرىيەنىڭ قايتا قۇرۇلىشى ئىنتايىن ئاز قالغان ئىكەن. بۇ دەل يۇقارقى ئىنجىل ۋە تەۋرات بايان قىلغان يەھۇدىيلار ئىتىپاقلىشىپ ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا توپلىدىنىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئەگەر مەن ئۇيغۇر ئىسرائىل ئەۋلادى بولسام مەن ئىسرائىلىيەگە قانداق بىر شارائىتتا بېرىپ ياشىشىم مۇمكىن؟
1. ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بولغان ئەھۋالدا، ئىسرائىلىيەنىڭ شارائىتى ياخشى بولسا، ئىسرائىل ئەۋلادى بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈم خالاپ ئىسرائىلىيەگە بېرىشىم مۇمكىن.
2.ۋەتىنىمدە ياشاش شارائىتى تەسلەشسە، مۇھىت بۇلغانسا ئۆزۈمنىڭ روھى ۋە جىسمانى ساغلاملىقىم ئۈچۈن يەنە بىر دۆۋلەت ئىزدىشىم مۇمكىن.
3.ھەرخىل بېسىملار سەۋەبىدىن ۋەتەندىن ئايرىلىپ ئىسرائىلىيەگە بېرىشىم مۇمكىن.
4. ئەگەر باشقا بىر دۆۋلەتتە ياشاۋاتقان سەرگەردان بولسام مېنى ۋەتەنگە قايتقۇزىدىغان روھى ئىلھاملىرىم يوقالسا ۋەتەنگە قايتماي ئىسرائىلىيەگە كېتىشىم مۇمكىن.
يۇقارقى ئەھۋاللار سوۋىت ئىتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەھۇدىيلاردا ئومۇمەن يۈز بەرگەن ئەھۋال بولۇپ، ئۇلار ئۆزى خالاپ ياكى خالىنىپ ئۆزىنىڭ ۋەتەنلىرىنى تاشلاپ ئامېركا، ياۋروپا، ئاۋىستىرالىيە ۋە ئىسرائىلىيەگە كەتكەن. ) 

يېقىندا مەن ئەنگىلىيەنىڭ livingDNA دېگەن شېركىتى ئارقىلىقDNA رىمنى تەكشۈرتتۈم.مەزكۇر شېركەتنى قىسقىچە چۈشەندۈرۋېتەي، بۇ شېركەت نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار مېدىتسىنا خاراكتىرلىك شېركەت بولۇپ ئەجداد ئۇرۇقىنى تېپىش جەھەتتە ھازىر دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 
بۇنىڭدىن باشقا ئامېركىدىكى   DNAFamilytreeDNA,23andMe,Ancestry ۋە جوڭگودىكىWegeneقاتارلىق شېركەتلەردىن ئىلغار دېيىشكە بولىدۇ. 

نۆۋەتتە بىئولوگىيەلىك ئىنسانشۇناسلىقتا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقىنى شۇنداقلا بۇ خىل تەتقىقات ۋە ئۆگىنىشنىڭ ئاساسلىق مەركىزى بولىۋاتقىنى ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت. گەپكە قايتىپ كەلسەم  ئەسلى نەتىجە ئالدىنقى ئايدىلا چىقىپ بولىدىغان بولۇپ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇلار نەتىجىنى ئەمدى چىقىرىپ بەردى. قانداقلا بولمىسۇن نەچچە ئاي كۈتكەن نەتىجە ئاخىرى چىقتى. بۇ نەتىجە توغرىسىدا ئېنگىلىز تىلىدا بۇ يەردە بىر ماقالە يازغىنىمغا قارىماي ئەمدى يەنە ئۇيغۇر تىلىدا بىر قىسقىچە DNAنەتىجىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچى.

مەن بىلوگىمدا يەھۇدىيلارنىڭ DNAسى توغرىسىدا ۋە ئۆرپ ئادەت ھەتتا تارىخ توغۇرلۇق ماقالىلەرنى ۋە ئۇچۇرلارنى يوللاپ كېلىۋاتىمەن. مېنىڭ ئىزدىنىشىمدىن قارىغاندا يەھۇدىيلار يەھۇدى دېنىغا ئېتقاد قىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ ئۇلارنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى بەنى ئىسرائىللاردۇر. بەنى ئىسرائىللار 12قەبىلە بولۇپ ئۇلار ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇقىدىكى ياقۇپ پەيغەمبەرنىڭ 12 بالىسى ۋە شۇنىڭدىن شاخلانغان قەبىلىدىن ئىبارەت. ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئۇرۇقى ئىككى دەريا ۋادىسىدىن بولۇپ يەمەندىن ئەرەب ئارىلىغا تارقالغان ئەرەبلەرنىڭ ئۇرۇقى بىلەن پەرىقلىنىدۇ.

نۆۋەتتە ئەرەب دەپ قارالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇرۇقى دەل ئىككى دەريا ۋادىسىدىن كەلگەن بولۇپ ھەقىقى ئەرەب ئەمەس ياكى ئەسلىدىكى ئەرەب ئۇرۇقى ئەمەس.  خۇددى فىرئەۋىن مۇسا پەيغەمبەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ ئاندىن بۇ پەيغەمبەرنىڭ فىرئەۋىنگە قارشى چىقىپ مىسىر پادىشاھلىقىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىدىن قورقۇپ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ھەممىنى ئۆلتۈرۋەتكىنىدەك.DNA سى تەكشۈرۈلگەن ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارقىلىق مەلۇم بىر نۇقۇل ئادەمنى ئىزدەپ شۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاشمۇ مۇمكىن ئەلۋەتتە. مەسىلەن ئەيسا پەيغەمبەرنى ئىزدەش، مەھدىنى ئىزدەش دېگەندەك. بۇ بىر قىزىقارلىق پەرەز خالاس. مەن بۇ ئارقىلىق DNA نىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئالاھىدە ھەم مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەكچى.  گەپكە يەنە قايتىپ كەلسەك، يەھۇدىي ئۇرۇقى دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئۇرۇق دەل بەنى ئىسرائىللارنىڭ ئۇرۇقىدۇر. بەنى ئىسرائىللارنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھەم مۇرەككەپ بولۇپ بۈگۈن دۇنيادا مەۋجۇت بولىۋاتقان بەنى ئىسرائىللارنىڭ بەزىلىرى يەھۇدى، بەزىلىرى مۇسۇلمان، بەزىلىرى خېرىستىئان، ھەتتا بەزىلىرى دىنسىز ھالەتتە بەزىلىرى تۈرك، بەزىلىرى گىرىك، بەزىلىرى ئارمىنىيەلىك، بەزىلىرى جورجىيەلىك، بەزىلىرى تاجىك، بەزىلىرى ئۆزبەك ھەتتا بەزىلىرى ئۇيغۇر دېگەندەك ئوخشىمىغان تىل ۋە مىللەت تەركىبى شۇنداقلا ئوخشىمىغان مەدەنىيەت تەركىبىگە تەۋە بولۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشىماقتا.  گەرچە ئىسرائىل ئۇرۇقلىرى ئۇزۇن بىر تارىخى مەزگىلدە بۇنداق ئايرىلىپ ئۆز تارىخدىن بىخەۋەر ئادەم بولۇپ ياشىغان بىلەن ئەمما ئۇلارنىڭ DNAسىدىكى ئوخشاشلىق ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ شۇنداقلا بۇ ئارقىلىق ئۇزۇن بىر تارىخ  مەزگىل ئۆتكەن بولسىمۇ بۇ بەنى ئىسرائىللارنى يەنە ئۆز كىملىكىنى بىلىشكە ئىلھام بېرىدۇ ھەم  بەنى ئىسرائىللارنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.

شۇنى چوقۇم ئەستە ساقلاش كېرەككى، ھازىر خەلىقئارادا تىلغا ئېلىنىۋاتقان يەھۇدى DNAسى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغىنى بەنى ئىسرائىللارنىڭDNAدىن ئىبارەت.

بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ياكى ئىسرائىللارنىڭ ئۇرۇقىنى تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئىزدەنسىڭىز تاپالايسىز. ئەمدى پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بىئولوگىيە بەنى ئىسرائىللارغا تېخىمۇ ئېننىق بىر بەلگىنى كۆرسىتىپ بەردى. تەتقىقاتچىلار ئەڭ ئاۋال دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان يەھۇدىيلارنىڭ دىن تارقىتىدىغان كوخىن (cohen)لىرىنى يېغىپ بۇ كوخىنلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بولغان بىر DNAبەلگىسىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.(كوخىن توغۇرلۇق ئۆزىڭىز ئىزدىنىڭ) ئاندىن مۇشۇ ھەممە كوخىنلاردا مەۋجۇت بولغان ئورتاق بەلگە ئارقىلىق يەھۇدىي دېنىغا ئېتقان قىلىۋاتقان كىشىلەرنى تەكشۈرگەن. نەتىجدە دۇنيادىكى بۇ يەھۇدىيلارنىڭ يېرىمى J1گۇرپىسىغا تەۋە بولغان بولسا، يەنە يېرىمى J2گۇرپىسىغا تەۋە بولغان. دېمەك كوخىنلار بىرلا ۋاقىتتا ئىككى گۇرپىغا تەۋە بولۇپ بولۇپ قالمايدىغان بولۇپ (بىئولوگىيەلىك كەسپى گەپلەر، سۆزلىسەك گەپ جىق) شۇنىڭ بىلەن كوخىنلارنىڭ زادى قايسى گۇرپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تەتقىقاتچىلار تەتقىق قىلىشقا باشلىغان. نەتىجىدە تەتقىقات مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇ تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى ئاساسەن ئېلان قىلىنمىغان. ئەمما مەخپى تەتقىقاتلار داۋاملىق ئېلىپ بېرىلغان بولۇپDNAئەجدادىنى تاپىدىغان شېركەتلەر ۋە بەزى سىرتتىن ئاساسەن تەتقىقاتچى قۇبۇل قىلمايدىغان ئەنگىلىيەنىڭ بەزى تەتقىقات ئورگانلىرى ۋە مەكتەپلىرى ئاللىبۇرۇن كىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىدە بىر نەتىجە ئېلىپ بولغان.ئەمەلىيەتتە بۇ توغۇرلۇق تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئىزدەنسىلا بەنى ئىسرائىللارنىڭ قايسى گۇرپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېننىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ توغۇرلۇق مەن ئىنگىلىز تىلىدا تەپسىلى قىلىپ چۈشەندۈرگەن ئىدىم، قىزىقسىڭىز بۇ يازمىنى ئوقۇپ تەپسىلى چۈشىنىۋېلىڭ. بۇ يازما ئارقىلىق شۇنى بىلىشكە بولىدىكى بەنى ئىسرائىللار ئاتا ئۇرۇقتىكى J2 گۇرپىسىغا، تېخىمۇ ئىچكىرلىگەندە J2a گۇرپىسىغا تەۋەدۇر.

ئەمدى مېنىڭ DNA نەتىجەمگە قاراپ باقايلى، مېنىڭ بەنى ئىسرائىل ئۇرۇقى ياكى ئەمەسلىكىمگەY خىروموسوم جاۋاب بەرگەن بولسا ئەمدى ئۇرۇقىمنىڭ قايسى رايونغا تەۋە ئىكەنلىكىگە بەدەن خىروموسومى ياخشى جاۋاب بېرەلەيدۇ.

 بەدەن خىروموسومىنىڭ بەرگەن جاۋابى شۇكى، مەن 29.1% ئوتتۇرا ئاسىيالىق،23.6% ئوتتۇرا شەرىقلىق، 20.4% شەرقى ئاسىيالىق،13.7% جەنۇبى ئاسىيالىق،11.7% ياۋروپالىق، 1.5% يەرلىك ئامېركىلىق. بۇنىڭ ئىچىدە دېققەت قېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان يەرلىك ئامېركىلىقنىڭ تۈرك ئۇرۇقى بولۇش ئېھتىمالى ئىنتايىن چوڭ. مېنىڭ ئىزدىنىشىمدە يەرلىك ئامېركىلىقلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ئۇرۇقى بىر ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركلەر ھازىرقى تۈركىيەدىكى تۈركلەرگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ گەپنى ئېنىقىنى قىلغاندا ھازىرقى تۈركىيەدىكى تۈركلەر ئەينى زاماندىكى ئاتقا مېنىپ ئۇرۇش قىلغان تۈركلەرنىڭ ئەۋلادلىرى دېيىش توغرا ئەمەس. گەپنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلسەم، ئىنچىكە دېققەت قىلىدىغان بولسام مېنىڭ ئەجدادىم  شەرىق، غەرىپ ھەتتا ھىندىستان ۋە ياۋروپالارنى تۇتاشتۇرغان شۇ يېپەك يولىدىكى ھەرقايسى كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان. 

ئەمدى ئانا ئۇرۇققا دېققەت قىلىدىغان بولسام DNA نەتىجىسىدە C گۇرپىسىغا تەۋە ئىكەنلىكى ۋە بۇ گۇرپىنىڭ قايسى رايونلاردا ۋە قايسى مىللەتلەردە كۆپ ئىكەنلىكى ئېننىق چۈشەندۈرۈلگەن. بۇ ئۇرۇق ئەڭ كۆپ مىللەت ئېۋەنك، تۇۋىنىيان، ياقۇت قاتارلىق مىللەتلەر بولۇپ بۇ مىللەتلەرنىڭ جايلىشىشى ۋە تارقىلىشىدىن قارىغاندا نەتىجە شۇ بولدىكى بۇ ئۇرۇق شىيەنبېيلارغا تۇتىشىدىكەن. ئۇلار ھونلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن مەغلۇب بولۇپ غەرىپكە كۆچكەن ۋە كېيىن تاڭ سۇلالىسىنى قۇرىغان بولىشى مۇمكىن. دېمەككى ئانا ئۇرۇقۇم شۇ كىشىلەردىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن شۇنى ھەم بىلىشكە بولىدىكى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىسرائىل ئۇرۇقىدىكى كىشىلەر بىلەن شىيەنبېيلەر ئۆز ئارا نىكاھلاشقانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ.

ئەمدى ئاتا ئۇرۇقۇمغا كەلسەك، DNA نەتىجىسىدە J2 ئېننىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا J-L25 كە تەۋە ئىكەنمەن. بۇ ئۇرۇقنىڭ تارقىلىشىدا شېركەت تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى ئاددى قىلىپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدىكى سېفاردىك يەھۇدىيلار ۋە ئاشكىنازى يەھۇدىيلارنىڭ بۇ گۇرپىغا تەۋە قىسمى خېلىلا كۆپ.

كەسكىن قىلىپ ئېيتىشقا بولىدىكى مەن ئاتا ئۇرۇق تەرەپتىن يەھۇدى ئۇرۇقىغا تەۋە ئىكەنمەن. يەنى تېخىمۇ ئىلمى ئاتىسام بەنى ئىسرائىللارنىڭ ئۇرۇقىدا ئىكەنمەن.

 ئاتا ئۇرۇقۇمنىڭ تەخمىنەن 21مىڭ يىل تارىخى بار. ئانا ئۇرۇقۇمنىڭ 27مىڭ يىل تارىخ بار.

دېمەك مېنىڭ DNA نەتىجەمدىن شۇنى يەكۈنلەش مۇمكىنكى مەن يېپەك يولىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشىغان ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئىبارەت. بۇ تارىخ دەۋىردە مېنىڭ ئەجدادلىرىم يېپەك يولىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشىغان ھەم يۆتكەلگەن. مەن بىر شەرقى ئاسىيالىق، ئوتتۇرا ئاسىيالىق،جەنۇبى ئاسىيالىق، ئوتتۇرا شەرلىقلىق ھەم ياۋروپالىق. مەن ھەرگىزمۇ پەقەت بىر تىل رايونىغا، بىر مەدەنىيەت رايونىغا ۋە ياكى بىر تارىخى ۋەقەنىڭ ئىگىسى ئەمەس بەلكى نۇرغۇن تارىخ، نۇرغۇن تىل، نۇرغۇن دىن، نۇرغۇن مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلغان ئەجدادلىرىمنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئىزباسارىمەن. 

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.