كاپارەت Kapparot

ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا ھازىرغىچە مۇنداق بىر ئادەت بار بولۇپ،

بىر ئۆيدە ئىشلار تازا يۈرۈشمەي قالسا، ئاغرىق ۋە باشقا قىيىنچىلىقلار كۆپ بولۇپ كەتسە توخۇدىن بىرنى تېپىپ ئۇنى شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ بېشىدىن ئوڭدىن(سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ قارشى يۆنىلىشىدە) ئۈچ قېتىم چۆرگىلىتىپ(بۇ چاغدا ئوقۇيدىغان ئايەتلەر بار) ئاندىن بۇ توخۇنى قىبلە تەرەپقە قارىتىپ بوغۇزلايدۇ.(توخۇنى ئۆينىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ بوغۇزلايدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدە بوغۇزلىسا بولمايدۇ. يامان بولىدۇ.) ئاندىن بۇ توخۇنى پاكىز تازلاپ باشقا ئۆيىدە قىيىنچىلىقى بار، ئائىلىسىنىڭ كىرىمى بەكلا ئاز كىشىلەرنى تېپىپ شۇلارغا بېرىدۇ.بۇنى ئۇيغۇرلار بۇ توخۇ گۇناھىمىزغا كاپارەت بولسۇن دېگەن مەقسەتتە قىلىدۇ.

شەخسەن بىزنىڭ ئائىلىدە كىچىكىمدىن تارتىپ مۇشۇنداق قائىدە يوسۇنلار بار بولۇپ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.ئەمما بىز يەھۇدى ئەمەس.شۇنداقلا بۇ ئادەتلەرنىڭ ئىسلام دېنىدىن كەلگەن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر كۆرمىدىم.

ئەكسىچە، يەھۇدىيلاردا بۇ پائالىيەتنى كاپاروت دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، مەقسىتى ۋە ھەركىتى ئاساسەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭكىگە ئوپمۇ ئوخشاش.يەھۇدىيلار بۇ پائالىيەتنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئاتايىن كاپاروت دەپ بايرام قىلغان ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ ئۆرپ ئادەتلىرىنى بايرام قىلىپ ساقلاپ قىلىشنى ئەمەس ئەكسىچە ھازىرغىچە بۇ خىل ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئۆز خەلقىگە ئوچۇق بىر ئىپادە بىلدۈرمىگەن.

دېمەككى، بۇنىڭدەك ئۆرپ ئادەتلەر يەھۇدىيلارغىلا خاس پائالىيەت بولماستىن بارلىق ئىسرائىل ئەۋلادلىرىغا خاستۇر. مەيلى ئۇ مۇسۇلمان بولسۇن ياكى يەھۇدى بولسۇن.   

Kapparot (Hebrew: כפרות, Ashkenazi pronunciation, Kapporois, Kappores) is a customary Jewish atonement ritual practiced by some Jews on the eve of Yom Kippur

Uyghurs also have a tradition that is similar to Kapparot. but Uyghurs call it Kaparah or Kaparat. as I am a member of Uyghurs, my muslim family also has this tradition. I am strongly believe that the tradition is not only belong to Jews but also belong to their genetical muslim brothers and sisters.

https://en.wikipedia.org/wiki/Kapparot

http://www.chabad.org/holidays/JewishNewYear/template_cdo/aid/989585/jewish/Kaparot.htm

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.