قەدىمىي قەشقەردە ياشىغان ئىرانىي تىللىق خەلقلەر

مەرھابا كېرىم

مۇھىم مەزمۇنى:قەشقەرنىڭ تۈركاىشىش (ئۇيغۇرلىشىش) دەۋرىدىن ئىلگىرىكى يەرلىك ئاھالىلىرى،ئۇلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكى،شۇنداقلا تىلى ھەققىدە بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز ھەقىقەتەنمۇ  ئاز.ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان قەدىمىي قەشقەردە ياشىغان ئىرانىي تىللىق خەلقلەر توغرىسسىدىكى مەلۇمات خەنزۇچە مەنبەلەردىن سىرت،مەھمۇت كاشغەرىينىڭ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››نامىلىق ئەسىرى بىلەن خوتەن ساك تىلى ۋەسىقىلىرىدە ئۇچراتدۇ.ئەلۋەتتە،تارىخي سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئارقىلىق ئېرىشكەن مەلۇماتلارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر قەشقەردىكى خەلىقلەرنىڭ جانلىق ئېغىز تىلىدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمىي سۆزلۇكلەر بىلەن ھازىرغىچە جانلىق ئېغىز تىلىدا ئىستېمال قىلىنىپ كىېلىۋاتقان قەدىمكى ساك تىللىق خەلقلەردىن بولغان تاجىك تىلىدىكى قەدىمكى تەركىبلەرنى ئۆئاراسېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ،يۇقىرىقى پىكىرىمىىز ئۈچۈن تارىخىي ئاساسقا ئېرشكىلى بولىدۇ.

ھالقىلىق سۆز لەر: قەشقەر؛ ئىرانىي تىللىق خەلقلەر؛تاجىكلارۋەتاجىك تىلى

1. قەدىمىي قەشقەردە ياشىغان ئىرانىي تىللىق خەلقلەرگە ئائىت مەلۇماتلار

قەدىمىي قەشقەردە ياشىغان ئىرانىي تىللىق ئاھالىلەر توغرىسىدىكى مەلۇمات ئالدى بىلەن خەنزۇچە مەنبەلەردە كۆرۈلىدۇ.‹‹يېڭى تاڭنامە.غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››دە‹‹سۇلى،يەنە كاشىغەر،قەسقەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.دائىرىسى5000چاقىرىم چىقىدۇ.ئاستانە بىلەن بولغان ئارىلىقى 9000چاقىرىمغىچە كىلىدۇ.زىمىنىنىڭ كۆپ قىسمى قاقاسىلىق بولۇپ تېرىلغۇيەرلەر ئانچە كۆپ ئەمەس.بوۋاقلارنىڭ بىشىنى ياپىلاق شەكىلگە كەلتۈرۇش ئۈچۈن ياغاچ بىلەن تاڭىدۇ،ئادەملىرى بەدەنلىرىگە زەڭگەر رەڭدە نەقىش چېكىۋالىدۇ.بېگىنىڭ فامىلىسى بويلا بولۇپ، ئۆزىنى‹ئاماچى›دەپ ئاتايدۇ، بەگ ئادەتتە كاشىغەر شەھىرىدە تۇرىدۇ،خانىشى تۈرك مەلىكىسىدۇر،ياراملىق لەشكىرى2000چە چىقىدۇ،ئۇلار ئاتەش ئىلاھىغا چوقۇنىدۇ››①دەپ خاتىرىلەنگەن.بىزنىڭ پەرىزىمىزچە،قەدىمىي قەشقەر ئاھالىسىنىڭ ئوت ئىلاھىغا چوقۇنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ بايان،ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئومۇميۈزلۇك ئەۋج ئالغان قەدىمى دىنې ئېتىقاتلاردىن بىرى بولغان زوروئاسىتېر دىنىغا چوقۇنىدىغانلىقى،ھېچ بولمىغەندىمۇ ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي يۇرتتا كىشلەرنىڭ ئىلاھىيەت دۇنياسىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئىككى مەنبەلىك دىن-مانى دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇرۇپ بىرىدۇ.ئارخېئولوگىيەلىك ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە ،ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت ۋە ئېلمىزنىڭ قەشقەر رايۇنىدىن ماني دىنى ۋەسىقىلىرى بايقالغان بولۇپ،بۇۋەسىقىلەر دەل شەرقىي ئىران تىللىرىدىن بولغان سوغدى ۋە ساك تىللىرىدا يېزىلغانىدى.يۇقىرىدىكى ‹‹قەشقەربېگىنىڭ خانىشى تۈرك مەلىكىسىدۇر››دېگەن مەلۇماتتىن،ئۇلارنىڭ تۈركي خەلقلەردىن بولمىغان مەلۇم بىر ئىرانيتىللىق خەلق ئىكەنلىكىنى تەخمىنەن پەرەز قىلالايمىز.

ئوخشاش دەۋردە يېزىلغان ‹‹ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتقا سەپەر خاتىرىسى››دە:‹‹چۇشا(قەشقەر)بەگلىكىنىڭ ئايلانما ئۇزۇنلىقى5000چاقىرىمدىن ئارتۇق،تۇپراقلىرى تاشلىق ،تېرىلغۇ يېرى ئاز…ئۇلارنىڭ يېزىقى ھىنىدىستاندىن قۇبۇل قىلىنغان، گەرچە ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇرۇنقى ئاساسىي ھالقىسىنى ساقلاپ قالغان.چۇشا بەگلىكىنىڭ تىلىدىكى سۆزكۈكلەر ۋە تەلەپپۇزى باشقا بەگلىكلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.بۇددا ئەقىدىلىرىگە ئىخلاسمەن،راھىپلىرىنىڭ سانى 10مىڭدىن ئاشىدۇ،ھىنايانامەزھىپىگە ئىتىقاد قىلىدۇ…››②دەپ يېزىلغان.بۇمالۇماتتىن،بىز قەدىمىي قەشقەر ئاھالىسىنىڭ كونكىرېت تەركىبىنى ئىنىقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىساقمۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن يىزىقى ۋە تىلى توغرىسىدىكى مەلۇماتتىن ھېچ بولمىغانىمۇ ئىران تىللىق خەلقلەرگە مەنسۇپ كىشىلەردىن ئىكەنلىكىنى تەخمىنەن پەرەز قىلالايمىز.ئۇنىڭدىن باشقا،دەۋركېيىنرەك بولغان قەدىقىي قەشقەر نىڭ ئاھالىسى توغرىسىدىكى مەلۇمات تىبەت يېزىقىدىكى خاتىرىلەردىمۇ ئۇچرايدۇ. تىبەتلەر ئەينى چاغدا قەشقەرنى Ga-hjak  دەپ ئاتىغان.بۇ ئېنىقكى تۈركىي تىل مەنبەلىرىدە خاتىرىلەنگەن‹‹كەنچەك(kanchaki)(لەرنى كۆرسەتتى.بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى، قەشقەرلىكلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىگە خاس يېزىقى يەرلىك تىلى بولغان بولۇپ، بۇتىل ساك تىللىرىغا مەنسۇپ بولغان شەرقىي ئېران تىللىرىنىڭ بىرى ئىدى③.خارولد بېيلېي ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىدا ئاساسلانغاندا،قەدىمقى خوتەن ساك ۋەسقىلىرىدە خوتەننىڭ شىمالىدىكى يەكەن، قەشقەر قاتارلىق بوستانلىقلاردا ئېران تىللىق خەلىقلەرنىڭ ياشايدىغانلىقى ئۇلارنىڭ تىلى ۋە خوتەندىن قەشقەرگىچە بولغان يۇرتلاردىكى يەر ناملىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ④،بۇمۇ مەلۇم دەرىجىدە بىزنىڭ يۇقىرىقى پىكىرىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.ھازىرغىچە قەشقەر رايۇنىدىن تېپىلغان ئارخېلوگىيەلىك ماتېرىياللار بىزنى ئىسلاملىشىشنىڭ ئالدى –كەينىدىكى قەشقەر ئاھالىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا كۈچلۈك ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئېتەلمەيدۇ.شۇنداقتىمۇبەزى تەتقىقاتلاردا‹‹سۇلى›› نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىۋاستە سوغدىلار غا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ،بۇيەردە ياشىغان ئىرانىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ سوغدىلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشماقچى بولىدۇ⑤.بۇيەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، سوغدىلارنىڭ ئۆزى مەلۇم دەرىجىدە مەدەنىيەت ۋە تىلى ئورتاقلىقىغا ئىگە بولغان بىر خەلىق توپى بولۇپ،ئۇنى كونكىرىت ھالدا مەلۇم بىر مىللەت بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹‹سۇلى›› نامى بىلەن ‹‹قەشقەر›› نامىنى ئۆزئارا باغلاپ چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ⑥. 

مۇسۇلمان مەنبەلىرىگە مۇراجىئەت قىلساق، ئەرەپ تارىخ كىتابلىرىدىن تەبەرىنىڭ ‹‹مىللەت ۋە دۆلەت تارىخى››(تاريخ اللامم و الملوك)بىلەن  ياقۇت رۇمىنىڭ ‹‹يەرلىك ناملىرى لوغىتى ››دە قەشقەر ۋە سۇلى ناملىرى تىلغا ئېلىنغان ⑦.بولسىمۇ،لېكىن بۇ ئەسەرلەردە ئاساسلىق بايان قىلىنغان مەزمۇنلار بۇيەرنىڭ ئاھالىسىنىڭ مۇسۇلمان ياكى مۇسۇلمان ئەمەسلىكى،جۇغراپىيەلىك ئورنى قاتارلىقلار بولۇپ بىزنى قەشقەر ئاھالىسىنىڭ تىلى ېە مىللى تەركىبى ھەققىدە ھېچقانداق ئىشەنچىلىك مەلۇمات بىلەن تەمىن ئېتەلمەيدۇ.ئىسلاملىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى قەشقەردىكى ئېرا تىللىق خەلىقلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىلى ھەققىدىكى ئەڭ يېقىنقى ۋە ئىشەنچىلىك مەلۇمات مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ‹‹ دىۋانىي لوغەتىت تۈرك›› ناملىق ئەسىرىدە كۆرۈلىدۇ. بۇھەقتە مەھمۇدكاشىغەرىي‹‹دىۋان››دا مۇنداق يازىدۇ:

‹‹ئەڭ ئوچۇق ۋە توغرا تىل پەقەت شۇبىرلا تىلنى بىلىپ، پارىسلار بىلەن ئارلاشمايدىغان ۋە چەت ئەللەر بىلەن بېرىش- كېلىش قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ تىلىدۇر. ئىككى خىل تىل بىلىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن ئارلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تىلىدا بۇزۇقلۇق بار ، سوغداق كەنچەك ۋە ئارغۇ قەبىلىلىرى ئەنە شۇنداق ئىككى خىل تىل بىلدىغانلارغا كىرىدۇ›› ⑧.مۇئەللىپ ‹‹ دىۋان ›› دا يەنە مۇنداق دەيدۇ :‹‹تۈركىي تىللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ پاساھەتلىك تىل خاقانىيەنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدىكى خەلىقنىڭ تىلى ھېساپلىنىدۇ. بالاساغۇنلۇقلار سوغدىچە ۋە تۈركچە سۆزلىشىدۇ،ئىسپىجاپ شەھرىدىن تاكى بالا ساغۇنغىچە بولغان پۇتكۈل ئارغۇ شەھەرلىرىنىڭ خەلىقلىرىنىڭ تىلىدا بۇزۇقلۇق بار. قەشقەردە كەنچەكچە سۆزلىشىدغا يېزىلار بار››⑨.‹‹خوتەنلىكلەر بىلەن كەنچەكلەر سۆزىنىڭ بېشىدا ‹ا› نى ھەمىشە ‹خ› غا ئالماشتۇرۋالىدۇ.تۈركىي تىللاردا يوق بىر تاۋۇشنى كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇلارنى تۈرۈكلەردىن ھېساپلىمايمىز.مەسلەن تۈركلەر ‹ئاتا›نى ‹ئاتا› دېسە، ئۇلار ‹ھاتا› دەيدۇ، تۇركلەر ‹ئانا›نى ‹ئانا› دېسە ئۇلار ھانا دەيدۇ››⑩.يۇقىرىقى بايانلاردىن ، بىز تۆۋەندىكىدەك خۇلاسە چىقىرالايمىز : 

بىرىنچى، مەھمۇد كاشىغەرىي تۈركىي تىللىق خەلقلەرنى بايان قىلىغاندا،قەشقەر ئەتىراپىدىكى كەنچەكلەرنى تۈركىي تىللىق خەلقلەر قاتارىدا كۆرسەتمىگەن.

ئىككىنجى ، مەھمۇد كاشىغەرىي سوغىدىلار بىلەن كەنچەكلەرنى ئايرىم خەقلەر قاتارىدا ساناپ ئۆتكەن. بۇ،بىزگەسوغدىلار بىلەن كەنچەكلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخىشمايدىغان خەلقلەردىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.بۇ ئارقىلىق بىز قەشقەردىكى ئىرانىي يىللىق خەلقلەرنىڭ يالغۇز سوغدىلارنىلا ئەمەس ،بەلكى يەنە تۈركلىشىش جەريانىنى پۈتۈنلەي تاماملاپ بولالمىغان كەنچەكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇرقىلالايمىز،يەنى قەدىمىي قەشقەر دە ئىرانىي يىللىق خەلقلەر ياشىغان دېگەن پىكىرىمىزنى مۇئەييەن تارىخىي ئاساسقا ئىگە قىلالايمىز.

ئۈچىنچى،مەھمۇد كاشغەرىي كەنچەكلەرنىڭ تىلىدىكى ئۆزگىرىش ھادىىسىنى بايانقىلغاندا ،خوتەنلىكلەر بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قۇيۇپ كۆرسەتكەن. يەنى ئۇ خوتەنلىكلەر بىلەن كەنچەكلەرنىڭ تىلىدا‹‹ا››نىڭ‹‹ھ››غا ئۆزگىرىشش ھادىسىس ئوخشاشلا يۈزبېرىدۇ،دەپ كۆرسەتكەن.دېمەك كەنچەكلەرمۇ خوتەنلىكلەرگە ئوخشاشلا شەرقىي ئىران تىلى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىرانىي تىللىق خەقلەردىن ئىدى. ئۇلارنىڭ تۈركىي تىلنى بۇزۇپ سۆزلىشى ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي تۈركلىشىپ بولالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

2. كەنچەكلەر ھەققىدىكى تىلشۇناسلىق بايانلىرى

بىزنىڭ مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ‹‹دىۋان››دا بەرگەن مەلۇماتىدىن باشقا ،كەنچەكلەرنىڭ تىلى ھەققىدە بىلىدىغىنىمىز ھەقىقەتەنمۇ ئاز.مۇئەللىپ ‹‹دىۋان››دا بىر قىسىم سۆزلۈك لەرنى كەنچەكچەسۆز دەپ ئىزاھلاپ ئۆتكەندىن باشقا ،بۇ سۆزلۈكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ،بۇكەنچەكچە دەپ خاتىرىلەنگەن سۆزلەرنىڭ باشقا ئىران تىلىدىكى سۆزلۈكلەر بىلەن زادى قانچىلىك مۇناسىۋىتى بار؟ بۇنى تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلشقا ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ سەۋىيەمىز يېتىشمەيدۇ ھەم قولىمىزدىكى ماتېرىياللار ئازلىق قىلىدۇ.ئەمما،بۇشەرقىي ئىران تىلىدىكى خەلقلەرنىڭ تىلىدىكى تاۋۇش ئالمىشىش ھادىسىسىنى ھازىرقى زامان جانلىق ئېغىز تىلىدا مۇناسىۋەتلىك تاۋۇش ۋە تىل ھادىسىلىرى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.

بىرىنجى،كەنچەكلەرنىڭ تىلىدىكى سۆز بېشىدىكى ‹‹ا››نىڭ‹‹ھ››دەپ ئوقۇلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ خىل تىل ھادىسىسى بۈگۈنكى قەشقەر ۋە خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جانلىق ئېغىز تىلىدا ھېلىھەم مەۋجۇت.بۇ خىل ئەھۋال قەشقەر شەھىرى ئەتىراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جانلىق تىلىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك .مەسىلەن ،قەشقەردە ‹‹ئابلىمىت ››،‹‹ئابدىرىشىت››،‹‹خەسەن››دېگەن كىشى ئىسىملىرى‹‹ھابلىمىت››،‹‹ھابدىرىشىت››،‹‹ھەسىن››دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشچە،بۇشەرقىي ئىران تىللىرىغا خاس بولغان تىل ھادىسىسى شەرقىي ئىران تىللىق خەلقلەر ياشىغان خوتەن رايونىدىمۇ ئۇچرايدۇ.گەرچە ،شەرقىي ئىران تىللىق خۇسۇسىيەتتىن تۈركىي تىللىق خۇسۇسىيەتكە ئۆتكەىنىگەمىڭ يىلدىن ئاشقان بۇتىللارنى ھازىرقى زامان تىل پاكىتلىرى بىلەن چۈشەندۈرۇش مۇمكىن بولمىسىمۇ،لېكىن بۇخىل ئېھتىماللىقنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ.مەلۇم بىر تىل تارىخىي ئۆزگىرىش جەريانىدا باشقا بىرتىلىغا ئاسمىلياتسيە بولغان بولسىمۇ ،ئەممائاسمىلياتىسيە قىلغۇچى تىلىدا ياكى ئاسمىلياتىسيە قىلغۇچىتىل بىلەن يېىقن مۇناسىۋەتتە بولغانتىللاردا بۇقەدىمكىتىلىنىڭ تارىخىي ئىزلىرى ھەمىشە ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ.مەسىلەن،ئۇيغۇرتىلىنىڭ خوتەن شېۋىسىدە،بولۇپمۇ خوتەن شەھىرى ۋەلوپ ،قاراقاش ناھىيەلىرىدە‹‹ر››تاۋۇشى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدىكى ‹‹ر››تاۋۇشىدن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.تەتقىقات ئۇچۇرلىرىغا قارغاندا،بۇخىل تىل ھادىسىسى قەدىمكى خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن ساك تىللىق خەلقلەرنىڭ تىلىدىن قالغان ئالاھىدەتىل ئىزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى⑪.

گەرچە بىزقەشقەر ۋە خوتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جانلىق ئېغىز تىلىدىكىبۇخىل ھادىسنى كەنچەك تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېيەلمىسەكمۇ،ئەممابۇنى قەشقەردە ياشىغان شەرقىي ئىران تىىللىق خەلقلەرنىڭ تىل ئىزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز،ئىېيتالمايمىز.

ئىككىىنجى،تىل فۇنېتىكىسى نۇقتىسىدىن،بىزيەنە بەزى پەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايمىز،قەشقەر ۋەقەشقەر ئەتىراپىدىكى ناھىيە ۋەيىزا-قىشلاقلاردىكى كىشىلەرنىڭ جانلىق ئېغىز تىلدا شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان بىرتىل تاۋۇش ھادىسىسى مەۋجۇت،يەنى(ك)  k –بىلەن (چ) q-نىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىشى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ جانلىق ئېغىز تىلىدا كۆرۈلىدۇ،ئامما ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا بۇخىل ھادسە كۆرۈلمەيدۇ.مەسىلەن، قەشقەرلىكەر‹‹كىم››،كىرش››دېگەن سۆزلەرنى ‹‹چىما››،‹‹چىرىش›› دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ.(ك) k –بىلەن (چ) q-نىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىشى قەشقەر ،ئاتۇش شەھەرلىرى ۋە قەشقەر ئەتىراپىدىكى يېزا-قىشلاقلاردىكى خەلقلەردىن باشقا جايلاردا ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ.ئەلۋەتتە ،بۇخىل تىل ھادىسىسىنى تۈركىي تىل فۇنېتىكىسدىكى تىل مىسالى بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.

بۇيەردە شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرىككى ،قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىياۋە ئىراندا ياشىغان خەلقلەرنىڭتىلىدابۇخىل (ك) k –بىلەن (چ) q-نىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىشى مەۋجۇت ئىدى.مەسىلەن ،ئۈنچە-مەرۋايىت تۈرلىرىدىن بولغان ‹‹قاش››(‹‹قاشتىشى››دېگەن سۆزدىكى ‹‹قاش››)ئىرانىي تىل ۋەسىقىلىرىدە يەنە ‹‹چەش››دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ⑫. ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇزاق مۇددەت ئىران تىللىق خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكىئىچىدە ياشاپ ،ئۇلارنىڭ تىل تەسىرىگە ئۇچرىغان تۈركىي تىللادىن بولغان ئەزەرى تىلىدا بۇخىل (ك) k –بىلەن (چ) q-نىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىش ئەۋالى مەۋجۇت .مەسىلەن، ئەزەرى تىلىدا‹‹سەكسەن››دېگەن سان‹‹سەچسەن››دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.بۇخىل(ك) k –بىلەن (چ) q-نىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىش ھادىسىسنىڭ شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جانلىق ئېغىز تىلىدا كۆرۈلمەي ،پەقەت قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ جانلىق ئېغىز تىلىدا كۆرۈلۈشى بىزگە شۇنداق ئۈچۈرنى يەتكۈزۈپ بىرىدۇكى بۇ بەلكىم قەدىمىي قەشقەردەياشىغان ئىرانىيتىللىق خەلقلەرنىڭ تۈركلەشكەندىن كېيىنمۇ قەشقەردە قالدۇرغان تىل يالدامىسى بولۇشى مۇمكىن.

ئۈچۈنچى،ھازىرغىچە مەتبۇئاتلاردا قىلىنغان تەتقىقات ماقالىلىرى ۋەنەشىر قىلىنغان ئەسەرلەردە ئۇيغۇر تىلىدىك چەتتى كىرگەنسۆزلۈكلەر ئۈستىدە توختالغاندا ،بۇ سۆزلەرنىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنۈشكە قارىماستىن، ئۇسۆز بۇتىلىدىن كىرگەن دەپ تومتاق خۇلاسە چىقىرىلدى .بولۇپمۇ ئۇيغۇرچىدىكى بەزى سۆزلۈكلەر ئاھاسسزلا ‹‹پارسچىدىن ياكى ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆزلۈك››دەپ بىر تەرەپ قىلىنىدى.بىزتارىخىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكىنىمىزدە ،بەزى ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايمىز.قەشقەر ،خۇتەن ئۇيغۇرلىرى نىڭ تىلىدائەدەبىييېزىقتىلىدا خاتىرىلەنمىگەن، ئەمما جانلىق ئېغىز تىلىدا قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان سۆزلۈكلەر ئۇچرايدۇ.بۇسۆزلۈكلەرنى تۈركىيتىل ۋە ئاتالمىش پارىس تىلنىڭ لېكسىكىسى ۋە فۇنېتىكىسى بىلەن قايىل قىلارلىق قىلىپ چۈشەندۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ⑬. بۇ سۆزلۈكلەردىن تارىختا قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن ئىرانىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىل ئىزلىرىنى ھېلىھەم كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.گەرچە ،بىز بۇسۆزلەرنىڭ ئەسلىي كېلىپ چىقىشىنى ئېتىمۇلوگىيە نۇقتىسىدن ئىسپاتلىيالمىساقمۇ،ئەممە قەشقەرنىڭ شەرقىي ئىرانتىللىق قۇشنىلىرىنىڭ تىلىدا بۇسۆزلۈكلەر ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ ،ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مەلۇم دەرىجىدە يىلتىزداشلىق ۋە ياكى مەنبەداشلەق مۇناسىۋىتى بار.

3. قەدىمىي قەشقەرنىڭ ئىران تىللىق قوشنىلىرى

ھىندى-ياۋروپا تىللىق خەلقلەر بىلەن تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئوتتۇرسىدىكى مەدەنىيەت ،سودا ئالاقىسى ناھايىتى بۇرۇن باشلانغان. قەدىمىي قەشقەردە تۈركىي تىللىق قوۋملاردىن باشقا يەنە شەرىقىي ئىران تىللىق خەلقلەرنىڭمۇ ياشىغانلىقى ،ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىسلاملىشىشى ۋە تۈركلىشىشى نەتىجىسدە قەشقەردىكى يەرلىك خەلقلەرگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتتۇق.ئەمما ،ئۇلارھېچقاندا ئىز-دېرەكىسىزلا تارىخ بېتىدىن ئۆچۈپ كەتمىگنىدى.قەشقەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىرانىيتىللىق تەركىبى ۋە مەدەنىيەت ئامىلى ئۇنىڭ تارىختا يېىقنىن مۇناسىۋەتتە بولغان ئىرانىي تىللىق قۇشنىلىرىنىڭ تىلى ۋەمەدەنىيەت مەزمۇنلىرىدا يالدامىسى قالغان.تارىخ كىتابلىرىدا قەشقەر بىلەن ئوخشاش تىل ۋەمەدىنىيەت تۈسىگە ئىگە بولغان قۇشنا رايۇنلاردىن قەدىمىكى ئۇدۇن(خوتەن)بىلەن تاشقۇرغان تىلغا ئېلىنىدۇ.ئۇدۇن ھەققىدىكى بايانلارنىڭ ماقالىمىزنىڭ تېمىسى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىغانچقا ،تېمىدىن چەتنەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن،بۇيەردە تۇختالمايمىز.تېمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تاشقۇرغان-تارىختىن بۇيان قەشقەربىلەن زىچ سىياسىي ،ئىقتىسادىي ۋەمەدەنىيەت مۇناسىۋىتدە بولۇپ،ئۇقەشقەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئىران تىللىق قوشنىلىرىدىن بىرى ئىدى.تاشقۇرغانغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارئېلىمىزنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخ مەنبەلىرىدە ئۇچرايدۇ.ئەمما .ئىسلاملىشىشنىڭ ئالدى-كەيىنىدىكى دەۋردىكى تاشقۇرغان توغرسىدايېزىلغان بايانلاردىن‹‹تاڭنامە.غەربىي يۇرت تەزكىرىسى ››بىلەن ‹‹ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەرنىي يۇرتقا سەپەر خاتىرىسى ››نىكۆرسىتىشكەبولىدۇ.تاشقۇرغان ھاققىدە ‹‹تاڭنامە .غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››دە ‹‹كاۋانتا يەنەسارىقول،تاشقۇرغان دەپمۇ ئاتىلىدۇ.سۇلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى جيەنمۇ جىلغىسى⑭ۋە بۇرىن چوققىسىدن ئۆتۇپ600چاقىرىم ماڭغاندا بۇجايغا كەلگىلى بولىدۇ.جەنۇبتا بەلۇر تېغى ⑮بىلەن،شىمالدا سۇلى بىلەن غەربتە ۋاخان بىلەن غەربىي شىمالدا پەرغانە بەگلىكى بىلەن تۇتىشىدۇ.ئاستانىسى كۆكئارتتا بولۇپ،شىتادەرياسى⑯غا تاقىلىپ تۇرىدۇ.لەشكەرلىككە ياراملىقى 1000چە چىقىدۇ.ئۇلارنىڭ بېگى سۇلىلىق بولۇپ ،ئەۋلادمۇئەۋلا سەردار بۇلۇپ كەلگەن كىشىدۇر.ئۇلارنىڭ غەربىي جەنۇبىدا باش ئاغرىقتاغ⑰بار.كۆكئارت ئادىتتە جېيى تېغى دەپ ئاىلىدىغان بولۇپ ،مەزكۇر ئەلىنى ئوراپ تۇرىدۇ.ئادەملىرى شىجائەتلىك ۋە قارام بولۇپ ئۇدۇنلۇقلارغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ.ئۇلارنىڭ قانۇنىدا قاتىللار ۋەبۇلاڭچىلار ئۆلۈمگە بۇيرلىدۇ.باشقاگۇناھ قىلغانلار تۆلەم تۆلەيدۇ.باج-سېلىققا كىيىم بېزەكلىرى تاپشۇرۇلىدۇ.سەردارى ئالتۇن كۇرسىدا ئولتۇىدۇ››⑱دەپ يېزىلغان بولسا؛‹‹ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەبىي يۇرت سەپەرخاتىرىسى››دە؛‹‹قىرپانە بەگلىكىنىڭ دائىرىسى 2000چاقىرىمدىن ئارتۇق چىقىدۇ.شەھەر قەلئەسى بىر چۇڭ تاش قىيا ئۈستىگەسېلىنغان .شىمالىدا شىتۇ دەرياسى بار.20چاقىرىم دائىرىسى قاتمۇقات تاغلار ۋەخەتەرلىك قىيا ۋە مۇزلۇقلار بىلەن قاپلانغان،زىرائەتلىرى ،دەل-دەرەخلىرى ۋە مېۋە –چېۋىلىرى ئاز…ئۇلارنىڭ تىلى ۋەيېزىقى سۇلىلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ئاھالىسى بۇدداغا ئېتىقات قىلىدۇ،10نەچچە يەردە بۇددا ئىبادەتخانسى بار،راھىپلىرى 500دىن ئاشىدۇ،ماھايانا مەزھىپىگە چوقۇنىدۇ››⑲دەپ يېزىلغان.

بىز يۇقىرىقى بايانلاردىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى،تاشقۇرغان تارىختا قەشقەر بىلەن قويۇق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن.شۈەن زاڭنىڭ بايانىدىن قارىغاندا،تاشقۇرغاندىكى ئاھالىلەر قەدىمكى دەۋردە قەشقەر بىلەن ئوخشاش تىل ۋەيېزىق قوللانغان. بۇ،قەدىمدە تاشقۇرغاندا ياشىغان خەلقلەرنىڭمۇ قەشقەردە ياشىغان خەلقلەرگە ئوخشاش شەرقىي ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.تەتقىقات نەتىجىلىرىگەئاساسلانغاندا،ئېلىمىز تاجىكلىرىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۇردى.شەرقىي ئىران تىللىق قەبىلىلەردىن تارىم ئوتمانلىقى ئەتراپىدىكى بوستانلقلاردا ئولتۇراقلاشقانلىرى كېيىنكى دەۋردە ئۇيغۇرلاغا قوشۇلۇپ كەتتى،پامىر ئېگىزلىكى جۈملىدىن تاشقۇرغان رايونىدا ئولتۇراقلاشقانلىرى ئەسلىدىكى شەرقىي ئىران نەسلى ۋە تىلىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى جۇڭگو تاجىكلىرىنى شەكىللەندۇردى.

ئېلىمىزدىكى تاجىكلارنىڭ تىلى ھىندى –ياۋروپا تىل سىستېمىسىنىڭ ھىندى-ئىران تىلى گۇرۇپپسى (تىلشۇناسلىقتا،بۇگۇرۇپپىدىكى تىللار يەنە ‹‹ئارىيان تىللىرى››دەپمۇ ئاتىلىدۇ)شەرقىي ئىران تىلى تارمىقىغا مەنسۇپ بولۇپ ،بۇتىل خوتەندىكى ساك تىلى،تۇمشۇق تىلى،قەشقەردىكى قەدىمكى ئىرانىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تىلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تاغلىق رايونلىرىدىكى قەدىمكى ساك تىللىرىنىڭ ۋارسلىرى بولغان تازغۇلام،شۇگنان تىللىرى بىلەن يېقىن قېرىنداشتىللاردىن ئىدى.تاجىك تىلى .ئۇزاق ۋاقىت بىللە ياشاش،ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ،ئۆزىنىڭ سۆزلۈكلىرىدە زور ئۆزگىرىش ياسىغان بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ ئاساسىي سۆزكۈك تەركىبىي يەنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاساسىي شەيئىلەرنىبىلدۈرىدىغان ئىسم،ئاساسىي پېئىللاريەنىلارقەدىمكى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،بەزى سۆزلۈكلەر قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ جانلىق ئېغىز تىلىدىكىى سۆزكۈكلەر بىلەن مەلۇم ئورتاقلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

بىرىنجى،فونېتىكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،تاجىك تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىدا كۆپ قاتلاملىق خاھىش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بەزى سۆلۈكلەر ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراىغان بولغاچقا،تەلەپپۇزىدا ئۇيغۇرچىغا يېقىن كېلىدۇ،ئەمما بۇتەلەپپۇزدىكى يېقىنلىق ئانچە گەۋدىلىك ئەمەس،ئۇيغۇرچىدىكى سۆزلۈكلەر تەلەپپۇزدا يەنلا تاجىك تىلىنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇز ئادىتى بويىچە تەلەپپۇز قىلىدۇ.بىزنىڭ بەزى سۆزلغكلەرنىڭ شەرقىي ئىران تىلىدا تەلەپپۇز قىلىنىش ئەھۋالىنى ھازىرچە بىلىش ئىمكانىيىتىمىز بولمىغاچقا،بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزمەيمىز.بىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ  ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››تە‹‹خوتەنلىكلەر ۋەكەنچەكلەر ھەمىشە سۆز بېشىدىكى ‹ا›نى‹خ›قىلىپ تەلەپپۇز قىلىدۇ،شۇڭا بىز ئۇلارنى تۈركلەردىن دەپ سانىمايمىز››دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۇرگەن ۋاقتىمىزدا ،بۇ خىل فونرتىكىلىق ھادىسە تاجىك تىلدىمۇ كۆرۈلىدۇ، ئەمما بۇخىل تىل ھادىسىسى تاجىك تىلىنىڭ ئىككى شېۋىسىدە بىردەك ئەمەس.تاخىك تىلىنىڭ سارىكۇل شېۋىسىدە ‹‹ا››نىڭ‹‹خ››لىشىش ھادىسىسى ئاساسىي جەھەتتىن كۆرۈلمەيدۇ.بۇ،سارىكۇل شېۋىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرك .ئەمما،تاجىك تىلىنىڭ ۋاخانشېۋىسىدە بۇخىل ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مىساللار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ،ئەمما سارىكۇل شېۋسىگە قارىغاندا يەنىلا بۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان فونېتىكىلىق مىساللىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ⑳.مەسىلەن؛

سارىكۇلچە                   ۋاخانچە                    ئۇيغۇرچە

ئاۋال                        خاۋال                       ئاۋۋال

ئارز                         خارز                          ئەرز

ئاۋۇز                         خاۋوز                       ئاۋاز

ئەمما،بۇيەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى،ئەسلىي تاجىكچە بولغان سۆزلۈكلەردەمەيلى سارىكۇل شېۋىسى ياكى ۋاخان شېۋىسى بولسۇن، سوز بېشىدا ‹‹خ››كەلگەن سۆزلۈكلەر خېلى كۆپ ھەم ئەسلىي شەكىلدە تولۇق تەلەپپۇز قىلىنىدىغاندىك كۆرۈنىدۇ.

ئىككىنچى،تاجىك تىلىنىڭ لېكىسكىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،تاجىك تىلىدا پارسچە ،ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە سۆزلۈكلەر(ئاساسەن ئازدلىقتىن كېيىن قۇبۇل قىلىغان بولۇپ،كۆپىچىسى سىياسىي مەمۇرىي ۋە پەن-تېخنىكىغا ئائىت سۆزلۈكلەردۇر) ۋە ۋاسىتىلىق ھالدا قوبۇل قىلىنغان ئەرەبچە سۆزلۈكلەر  بولغاندىن باشقا،تاجىك تىلىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى قەدىمكى شەرقىي ئىران تىللىرىدىن بولغان قەدىمكى ساكچەۋە سوغدىچە سۆزلۈكلەرنى ساقلاپ قالغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ⒈.گەرچە،بىزدە ھازىرچە قەدىمكى ساك ۋە باشقا شەرقىي ئىران تىللىرىدىكى سۆزلۈكلەر بىلەن تاجىك تىلىدىكى سۆزلۈكلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېتەرلىك ماتېرىيال بولمىسمۇ،ئەمما ئىمكانىيەت دائىرىسى ئىچىدە تاجىك تىلىدىكى سۆزلۈكلەر بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەشقەر شېۋىسىدىكى بىر قىسىم سۆزلۈكلەرنى ئۆزئارا سېكىشتۇرۇپ كۆرۈشنى پۈتۈنلەي خاتا دەپ قارىمايمىز. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەشقەر شېۋىسىدە ئەدەبىي يېزىق تىلىدا قوللىنلمايدىغان ،ئەمما ئېغىز تىلىدا قوللىنىلىش چاستوتىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان سۆزلۈكلەر خېلى كۆپ. قەشقەر شېۋىسىدە بۇ سۆزلەر يالغۇز كەلگەندە مەنىسى ئېنىق بولمىسىمۇ،ئەمما باشقا سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ كەلگەندە مۇستەقىل لېكسىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سۆزلۈكلەر تاجىك تىلىدا مۇستەقىل ھالەتتە تولۇق لېكىسكىلىق مەنىگە ئىگە بولالايدۇ. مەسىلەن:

سارىكۇلچە                 ۋاخانچە                                 قەشقەر شېۋىسىچە

بېيل                      بىل                                         بەلچە

بۇرج                  بۇرج                                       بۇرجەك

داكا                    دۇشنۇم                                   دەككە(زەربە)

دېيگ               دىگ                                      دىيەك (قازان)

دۇغ                    دوغ                                     ئىز

ئېپ                     يېپ                                     ئەپ

گىلى                 چۇۋان                                 گۈلە(قاق)

غوش                  غاش                                  غىجىلاشماق

ئىندېيد                                                 ئىندىكىپ قپماق

جال                    جېل                                  جۇلۋاغ

جالد                   جالد                                      جىلدىپىر

كافسوڭ                      كېفساڭ                                        كەپسەن

كاكۇ                          تۈخمۇرغ                        تۇخۇم كاكىلىماق

كۇد                                 شاچ                      كۇدا(ئەركەك ئىت)

كاپا                                كاپو(يازلىق ئۆي)                          كاپا

كاپ                      كاپ (ئېتىلىپ بىرىپ چىشلەش)        كاپ-كاپ كۈچۇك

قېي                       قاي                                 قەي قىلماق

قىر                       قىر (تاغ)                               قىر،ئېگىز يەر

پېيما                    پايما                                     پىما

پىش                    پىش(مۈشۈك)                             پىش-پىش (مۈشۈك)

پۇي                    پوي                                       پايلىماق (پىدىماق)

  چادىر                چاتىر (كۈنلۈك)                                      چېدىر 

   تالون               تۇلون(بۇلىماق)                                   بۇلاڭ-تالاڭ

لالمى                  لالمى (دالىدا ياشىماق )                         لالما (ئىت)

لوفچ                 لافچ(ئېغىز)                                      لاپ

لاڭ                لوڭ                                          لەڭ(توكۇر)⒉

يۇقىرىقى مىساللار بىزنى زادى قانچىلىك تىل ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ؟ بۇنىڭغا  بىر نەر سە دېمەك ھەقىقەتەنمۇ تەس ،ئەمما بۇ سۆزلۈكلەر قەدىمكى قەشقەردە ياشىغان شەرقىي ئىران تىللىق خەلقلەرنىڭ  تىللىرىدكى سۆزلۈكلەر  بىلەن زادى قانچىلىك مۇناسىۋىتى بار؟مېنىڭچە ،بۇئىزدىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك تېمىلارنىڭ بىرىدۇ.

ئۈچىنچى ،تارىختا جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتىن يېقىن ،دىنىي ئېتقاد جەھەتتە مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە بولغان خەلقلەر ئارسىدا ئىقتىساد،مەدەنىيەت ۈئالماشتۇرۇش باشقا خەلقلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن قويۇق بۇلغان تاجىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ كېلىش مەنبەسى كۆپ قاتلاملىق،كۆپ مەنبەلىك بولۇپ،ئۇنىڭدا ئەرەپ ئەدىبىيرتى،پارسلارنىڭ قەدىمكىئەپسانىلىرى،شېئىر-ئەدەبىياتىنىڭ ئىزلىرى گەۋدىلىك كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بەزى ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ كېلش مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىسەكمۇ،لېكىن نەزى ئورتاقلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن مەلۇن دەرىجىدەبېشارەت بېرىدۇ.مەسىلەن:‹‹پەرھاد-شېرىن›› داستانىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتىمۇ كەڭ بولۇپ،ئۇشەرق تەرپتىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن غەربتىكى كاۋكاز رايونىغىچەبولغان دائىرىدىكى ھەر قايىسى خەلقلەرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ھېلھەم ھەر خىل ۋاىيانت-شەكىللەردە ئۇچرايدۇ. بۇ داستان تارىخىي كېلىپ چىقىش جەھەتتىن قەدىمكى خوتەن ساك تىلىدا يېزىلغان ‹‹زامباستا››ناملىق مۇھەببەت داستانى بىلەن قەدىمكى ھىندىستاننىڭ مۇھەببەت داستانى ‹‹رامايانا››بىلەن مەنبەداش.تاجىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى دۇردانىلىرىدىن بولغان ‹‹دۇختەرى قەيسەر چىن››ئادەمىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىدۇ. ‹‹دۇختەرى قەيسەر چىن››داستاننىڭ ۋەقەلىكى ئاساسىي پېرسۇناژ نولغان پادىشاھنىڭ قىزىنى ھەرە ېقىۋالماسلىقىنى مەزكەز قىلغان قانات يايۇرۇلغان.قەشقەر شەھىرىنىڭ 10كىلومېتىر شىمالىدىكى تاغ باغرىدا ئۈچ دانە تۈۋرۈكلۈك بۇددا غارى بۇلۇپ ،غارنىڭ ياسىلىشى تۇغرىسىدىكى رىۋايەتتە،پادىشاھنىڭ ئۈچ قىزىنى ھەرە چېقىۋالماسلىقى ئۈچۈن ،ئېگىز تاغ باغرىدا غار كولاپ ھەرىدىن مۇداپىئە كۆرگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.گەرچە،بۇ رىۋايەتنىڭ چىنلىقى ئىسپاتلاش بۇماقالىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولىسمۇ،ئەمما بۇرىۋايەت بىلەن  ‹‹دۇختەرى قەيسەر چىن››داستانى ئوتتۇرىسىدىكى رىۋايەت مۇتىفىنىڭ ئوخشاشلىقى سەۋەبىسز بولمىسا كېرەك.ئۇنىڭدىن باشقا ،يەنە تاجىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەردىن ‹‹جاھاندا ئەڭ قۇدرتلىك كىم ››‹‹خاسىيەتلىك سۇپرا››بىلەن ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن‹‹پاشىشاپ كىمدىن قورقىدۇ››ۋە‹‹ئېچىل داستىخىنىم ››دىكى ئاساسى دېتال ئوخسىشىپ كېتىدۇ.

4. خۇلاسە

يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك،قەدىمكى خەنزۇچە مەنبەلەر ،قەدىمكى خوتەن ساك تىلىدىكى ۋەسىقىلەردە ئىسلاملىشىشىنىڭ ئالدى-كەينىدە قەشقەردە ياشىغان ئىرانىي تىللىق خەلقلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلار كۆرۈلىدۇ.بۇ مەلۇماتلاردىن،بىز قەشقەردىكى ئىرانىي تىللىق خەلقلەرنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتى ،جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى ۋە دىنىي ئېتىقادى توغرىسىدا مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگەبولالايمىز. دەۋرى كېيىنرەك بولغان قەشقەردىكى ئىرانىي تىللىق خەلقلەرگە ئائىت ئۇچۈر مەھمۇد كاشغەرىيىنىڭ ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ››ناملىق ئەسىردىن كېلىدىغان بولۇپ ،مۇئەللىپ تىل پاكىتلىرى ئاساسىدا ئۇلارنىڭ تۈركىي تىللىق خەلقلەردى ئەمەسلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتكەن .ئەلۋەتتە،بىزمۇئەللىپنىڭ بەرگەن مەلۇماتى ۋە تىبەتچە مەنبەلەردىن،ئۇلارنىڭ ‹‹كەنچەك››دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بۇلالايمىز.بۇئۈچۈرلاردىن باشقا،مۇئەللىپ ‹‹دىۋان››دا بەزى سۆزلەرنىڭ كەنچەكچە ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاپ ئۆتىدۇ،ئەمما بىز بۇسۆزلەرنىڭ شەرقىي ئىران تىلىدىكى سۆزلۈكلەربىلەن زادى قانچىلىك مۇماسىۋىتىنىڭ بارلىقىغا جاۋاب بېرىشىكە سەۋىيەمىز ھەقىقەتەن يېتىىشىمەيدۇ.ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى ،تارىخىي مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنغان قەدىمكى شەرىقىي ئىران تىللىق خەلقلەردىن بولغان ئېلىمىز تاجىكلىرىدا،مەيلى مەدەنىيەت،تىل ياكى تۇرمۇش،سەنئەت مەزمۇنلىرىدا بولسۇن، قەدىمكى شەرىقىي ئىران تىللىق خەلقلەرنىڭ تىل ۋەمەدەنىيەت يالدامىسى ساقلىنىپ قالغان.بولۇپمۇ تاجىك تىلىدىكى ھازىرغىچە قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان قەدىمكى شەرىقىي ئىران تىلنىڭ تەركىبلىرى ۋە تاجىكلارنىڭ قەدىمكى ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدىكى ئۇچۈرلار، بىزگە بۇئىككى رايون ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلدۈرۈپلا قالماسىتىن ،بەلكى يەنە قەشقەردە ياشىغان ئىرانىي تىللىق خەلقلەربىلەن تاجىك خەلقلىرىنىڭ تىل ۋە مەدىنىيەتىدە مەلۇم .ورتاقلىقىنىڭ بارلىقىنمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىزاھات     

①‹‹يېڭى تاڭنامە.غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››،سىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،2010-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى،935-934-نەتلەر

②شۈەن زاڭ:‹‹ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتقا سەپەر خاتىرىسى››،يۈلۈ كىتابخانىسى نەشىرىياتى 1997-يىلى نەشىرى،678-بەت

③جاڭ گۇاڭدا:‹‹تارىم ۋادىسىدىكى شەھەر بەگلىكلىرى››،‹‹ئوتتۇرا ئاىسيا مەدىنىيەت تارىخى››نىڭ3-تومىغا برسلغان،جۇڭگو چەت ئەل تىلى تەرجىمە نەشىرىياتى،2003-يىلى نەشىرى،241-بەت

④خارولد بېيلىي :‹‹ئىران تىللىق خوتەندىكى ساك مەدەنىيىتى››

⑤رۇڭ شىنجاڭ:‹‹ئوتتۇراقەدىمكى زاماندىكى جۇڭگو ۋە چەتتىن كىرگەن مەدەنىيەت››،سەنليەن كىتابخانىسى نەشىرىياتى،2001-يىلى نەشىرى ،29-بەت

⑥ئابلىكىم ئابدۇرەشىد: :‹‹بىزدىكى يەرنامى تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭدا  ساقلىنۋاتقان مەىسىلىلەر››،‹‹شىنجاڭ  ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ››ژۇرنىلى2009-يىلى1-سان

⑦سۇڭ جيەن ،ئەلى غوپۇر :‹‹ئەرەب ۋەىسىقلىرىدىكى شىنىجاڭنىڭ تارىخ-جۇغراپىيەىسىگە ئائىت بىرقانچە بايان››خەنزۇچە ‹‹ شىنجاڭ  ئىجتىمائىي پەملەر تەتقىقاتى››ژۇرنىلى 2007-يىللىق2-سان

8. مەھمۇد كاشغەرىي: ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ››1-توم، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،1981-يىلى نەشىرى،39-بەت

9. يۇقىرىقى ئەسەر،41-بەت 

10. يۇقىرىقى ئەسەر،44-بەت

11. ئابلىكىم ئابدۇرەشىد: :‹‹خۇتەن دىيالېكتىكىسىدىكى ئالاھىدە فونىما rھەققىدە››،‹‹ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى ››2009-يىللىق 1-سان

12. ئابلىكىم ئابدۇرەشىد:‹‹لازۇرغامۇناسىۋەتلىك قەدىمكى تۈركچە سۆزلەر ھەققىدە ››،‹‹غەربىي يۇرت تەتقىقاتى ››ژۇرنىلى2008-يىلى3-سان

13. ئابلىكىم ئابدۇرەشىد:‹‹خۇتەن دىيالېكتىكىسىدىكى ئالاھىدە فونىما rھەققىدە››،‹‹ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى ››2009-يىللىق 1-سان

14. جيەنمۇ جىلغىسى-قەشقەر شەھىردىن پامىر ئېگىزلىگىگە بارغۇچە بىر سايلىق جىلغىنى كۆرىسىتدۇ.

15. بەلۇر تېىغى-ھازىرقى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتۇنۇم ناھىيەىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان

16. شىتا دەرياسى-ھازىرقى تاشقۇرغان ئاپتۇنۇم ناھىيە سىدىكى تاشقۇرغان دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.

17. باش ئاغرىقتاغ –قەدىمكى زاماندا كەشمىرگە بارىدىغان يول بويىدىكى ئېگىز تاغ، ھازىرقى تاشقۇرغان تاجىك ئاپتۇنۇم ناھىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا توغراكېلىدۇ.

18. ‹‹يېڭى تاڭنامە.غەربىي يۇرت تەزكىرىسى››،سىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،2010-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى،936-937-بەتلەر

19. شۈەن زاڭ:‹‹ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتقا سەپەر خاتىرىسى››،يۈلۈ كىتابخانىسى نەشىرىياتى 1997-يىلى نەشىرى،667-بەت.

⑧20. گاۋ ئېر جياڭ تۈزگەن :‹‹تاجىك تىلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە››،مىللەتلەر نەشىرىياتى 1983-يىلى نەشىرى،122-بەت

⑨21. شېرىن قۇربان ،جۇاڭ شۇپىڭ :‹‹خۇڭگودىكى ياجىك يىلىنىڭ سارىكۇل دىيالېكتىكىسى توغرىسىدا بايان››خەنزۇچە‹‹تىل ۋە تەرجىمە›› ژۇرنىلى2008-يىللىق 1-سان،13-بەت.

⑩22. گاۋ ئېر جياڭ تۈزگەن :‹‹تاجىك تىلى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە››(تاجىكچە سۆزلۈك قىسمى)، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1983-يىلى نەشىرى،

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.