ھازىرقى زاماندىكى ئاشكىناز يەھۇدىيلىرىنىڭ بەدەن خىروموسومىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىدەك بولۇپ، ئاشكىنازلار ئاساسەن غەربى ئاسىيا،شەرقى ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرىق،ئاتلانتىك ئوتتۇرا دېڭىز ئېرىقى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
ئاشكىناز يەھۇدىيلىرىنىڭ بەدەن خىروموسومى ئېرىقى بۆلۈنمىسى
ئەنگىلىيە شەففېيلد ئۇنىۋېرسىتى گېنىتىكا پىروفىسورى ئېران ئېلخايكنىڭ تەتقىقاتى نەتىجىسى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدىكى ئاشكىنازلارنىڭ مەلۇم قىسىم ئەجدادى تاتارلار بولۇپ
بۇرۇنقى زاماندىكى تاتارلار بولسا تاتارىستاندا ياشايدىغان تۈركى تىللىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
Tataristan in red
ئۇنىڭدىن باشقا ئاشكىنازلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ياشىغان زېمىنى ئىراننىڭ ئاشكىناز زېمىنى بولۇپ ئۇلار شىمالغا كۆچۈپ تۈركىيەنىڭ ئاشكۇز ئاشكېز ئاشكىز دېگەن زېمىنلىرىدا ياشىغان ۋە شۇ يەردە ھازىرقى زاماندا يەھۇدىيلار ئىشلىتىۋاتقان يېددىش تىلىنى ئىجاد قىلغان.
يېددىش تىلى ئەڭ بۇرۇن يىپەك يولى سودىسىنى كونتىرول قىلىشتا قوللىنىلغان مەخپى يېزىق بولۇپ قوللىنىلغان. ئاشكىناز يەھۇدىيلىرىنىڭ شەكىللىنى تەخمىنەن ئوتتۇرا ئاسىيا سوغدىلىرىنىڭ غايىپ بولىشىدىن باشلانغان. كاۋكاز رايونىدا پەيدا بولغان خازار دۆلىتىگە كۆچۈپ بارغان نۇرغۇن ئاشكىنازلار يەھۇدى دېنى ئېتقادى ۋە مەدەنىيىتى ئارقىلىق خازار دۆلىتىنىڭ مائارىپى، مەدەنىيىتى، ئىقتىسادى جەھەتلەردە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ ئەھۋال ئوتتۇرا ئاسىيادا سوغدىلارنىڭ تۈرك خانلىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە ئوخشاش.
خازار دۆلىتى روسلارنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن ۋەيران بولغاندىن كېيىن ئاشكىنازلار شەرقى ياۋروپاغا كۆچكەن. ئاستا ئاستا غەرىپكە كۆچۈپ ھازىرقى كىشىلەر ئاشكىنازلار دېسە گېرمانىيەنى ئەسلەيدىغان ھالغا كەلگەن ۋە ئاشكىنازلارنىڭ ئەجدادىنى گېرمانىيەدىن ئىزدەيدىغان بولغان.
ئەمەلىيەتتە ئاشكىنازلارنىڭ دەسلەپكى ئۇرۇقى دەل بۇرۇنقى تاتارىستانلىقلار ھازىرقى ئۇيغۇرلاردۇر.
بۈگۈنكى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گېنىتىكا ئالاھىدىلىكىگە قارايدىغان بولساق غەربى ئاسىيا،جەنۇبى ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرىق، ياۋروپا ۋە شەرقى ئاسىيالىقلارنىڭ ئېرىقى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن خىروموسومى ئېرىقى بۆلۈنمىسى
ئۇيغۇرلار ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى ئاشكىناز يەھۇدىيلىرىنىڭ بەدەن خىروموسومىنى سېلىشتۇرغاندا ئوخشاشلىقى شۇكى بۇ ئىككىسىدە غەربى ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرىق، ياۋروپا ئېرىقى ئالاھىدىلىكى مەۋجۇت. ئۇيغۇرلاردا ئاشكىناز يەھۇدىيلاردىن ئارتۇق بولغىنى شەرق ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئاسىيا ئېرىقى ئالاھىدىلىكى، ئاشكىنازلاردا ئاساسەن ئۇيغۇرلاردىن ئارتۇق ئېرىقى ئالاھىدىلىك يوق دېيىشكە بولىدۇ.
ئەگەر گېنىتىكا، تارىخ ۋە تىلنىڭ ئۆزگۈرۈش ئالاھىدىلىكىگە قارايدىغان بولساق شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدىكى ئاشكىنازلارنىڭ بوۋىسىنىڭ بوۋىسى ياكى پىروتو ئاشكىنازلار تاتارىستانلىقلار يەنى ھازىرقى ئۇيغۇر دىيارىدىكىلەر ئىدى. تۈرك قاغانلىقى يېقىلغاندىن كېيىن غەرىپكە كۆچۈپ ئىراننىڭ ئاشكىناز زېمىنىدا ياشاپ كېيىن تۈركىيەدە يېددىش تىلىنى ئىجاد قىلىپ ئاندىن كاۋكاۋ رايونىدا يەھۇدىيلاشقان ئاندىن شەرقى ياۋروپاغا ۋە ئاخىرى غەربى ياۋروپا ۋە ئامېركىلارغا كۆچكەن.