مەن ئىسرائىل ئەۋلادىمۇ؟

مەن بۇرۇن ئۆزۈمنىڭ دى ئېن ئا نەتىجىسىگە ئاساسەن ئاتا ئۇرۇق جەھەتتە ئوتتۇرا شەرىققە باغلانغانلىقىمنى ۋە بەدەن خىروموسومى دى ئېن ئاسىنىڭمۇ خېلى كۆپ قىسمى ئوتتۇرا شەرىققە باغلانغانلىقىنى مىسالغا ئېلىپ ئىسرائىل ئەۋلادى ئىكەنلىكىمنى ئېيتقان ئىدىم. (بۇ ئۇلىنىشتىن ئوقۇڭ.)

يېقىندا يەھۇدى گېنىتىكا تەتقىقاتچىسى ئېران ئېلخاياكنىڭ قەدىمقى ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ قېزىۋېلىنغان سۆڭەڭلىرىدىن ئېلىنغان دى ئېن ئاسىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرگە ياكى مىللەتلەرگە قانچىلىك ئوخشايدىغانلىقىنى توغرىسىدىكى تەتقىقات تۈرى ئېلان قىلىنىش بىلەن تەڭ يەنە بىزگە ئوخشاش كىشىلەرنىڭ شۇ نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى قەدىمقى ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ دى ئېن ئاسى بىلەن قانچىلىك ئوخشاشلىقىمىز بارلىقىمىزنى بىلەلەيدىغان بىر دى ئېن ئا تەكشۈرۈش تۈرى ئېلان قىلىندى. بۇ ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا مەن دەرھال بۇنىڭغا تىزىملاتتىم ۋە نەتىجىسىنى ئالدىم.

بۇ يەردىكى سېلىشتۇرما پەقەت قەدىمقى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى(ناتۇفىيانلار)نىڭ بەدەن خىروموسىمى دى ئېن ئا سى بولۇپ خوندىروسوملۇق دى ئېن ئا ياكى ۋاي خىروموسومىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

بۇ تەكشۈرۈشنى پىراففىسور كىروستوفىر ماسونمۇ قىلغان بولۇپ ئۇنىڭ نەتىجىسى تۆۋەندىكىدەك بولغان. كىروستوفىرنىڭ قەدىمقى ئىسرائىللار بىلەن بولغان ئوخشاشلىقىنىڭ ئوتتۇرا نەتىجىسى 5.99%، ئەڭ يۇقۇرى ئوخشاشلىقى 7.89% بولغان.

mm

بۇ نەتىجىگە نىسبەتەن ئېران ئېلخايكنىڭ باھاسى مۇنداق: بۇ ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدىكى ئوخشاشلىق بولۇپ، مەن پەقەت تۈركلەردىلا مۇشۇنداق يۇقۇرى دەرىجىدىكى ئوخشاشلىقنى كۆرۈپ باققان.

nn

ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولۇپ مەن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى دۇنيادىكى يەھۇدىيلارنىڭ دى ئېن ئاسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قەدىمقى ئىسرائىل ئەۋلادلىرىغا ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقتىم. نەتىجە مۇنداق. (سول تەرەپتىن بىرىنچىسى مېنىڭكى 6.49%، ئىككىنچىسى لىۋىيەلىك يەھۇدىيلار 6.15%، موروكولۇق يەھۇدىيلار 5.99%، تۇنىسلىق يەھۇدىيلار 6.17%، كوچىن يەھۇدىيلىرى 4.7%،گىروزىيە يەھۇدىيلىرى 6.09%،ئاشكىناز يەھۇدىيلار 5.72%، تۈركىيە يەھۇدىيلىرى 6.05%، ئىران يەھۇدىيلىرى 6.23%، ئىراق يەھۇدىيلىرى 6.44%. يەمەن يەھۇدىيلىرى 6.69%)

jj

دېمەككى ھازىرقى يەھۇدىيلارنىڭ قەدىمقى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى بىلەن ئوخشاشلىقى تەخمىنەن 6%  بولغان.  يەھۇدىيلار ئىسرائىل ئۇرۇقىدىن ھېسابلىنىدىغان تۇرۇپ تەخمىنەن 6% ئوخشاش بولغان بولسا ئۇنداقتا باشقا ئىسرائىل ئۇرۇقى ھېسابلانمايدىغان مىللەتلەر قانچىلىك دەرىجىدە ئىسرائىل ئەۋلادلىرىغا ئوخشايدىغاندۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن مەن دۇنيادا مەۋجۇت بولغان 249دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ھەممىنى ئاساسەن سېلىشتۇرۇپ باقتىم.

 نەتىجە مۇنداق:

alll

بۇ نەتىجىلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا يەمەن يەھۇدىيلىرى يەنى 6.69%نى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، رەسىمدىكى 6%تىن يۇقۇرىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدىيلاردۇر. يەھۇدىيلاردىن باشقا 6%تىن يۇقۇرىلار تۆۋەندىكىلەر: مىسىرلىقلار، سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار، ئارمىنىيەلىكلەر، سىيپرۇسلۇقلار، ئىسرائىلىيەلىك بېدوئىنلار،پەلەستىنلىكلەر، ئىئوردانىيەلىكلەر، لىۋانلىقلار، سۈرىيەلىكلەر، ئىسرائىليەلىك دىرۇزلار، تىرابزونلۇق تۈركلەر.

بۇنىڭدىن باشقا 5%تىن يۇقىرى رايونلار ئاساسەن ئىسپانىيەنىڭ بىرقىسىم رايونلىرى، ئىتالىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى،بۇلغارىيە،تۇنىس، موروكو،ئالجىرىيە، ئىتوئوپىيە، مالتا، كاۋكازلىق چېچەنلەر، داغىستانلىقلار، روسىيەلىك بالقارلار، قەيسەرى تۈركلىرى، ئىستانبۇل تۈركلىرى، ئايدىن تۈركلىرى، ئادانا تۈركلىرى قاتارلىقلار.

ئەمدى تۆۋەندىكى گىرافىكتا كۆرسىتىلىۋاتقىنى ئەجداد ۋە ئەۋلاد ئېرىسىيىتىنىڭ قانچىنچى ئەۋلادقىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە  قانچىلىك پىرسەت بويىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بولۇپ بىرىنچى ئەۋلادتىن تاكى ئالتىنجى ئەۋلادقىچە يۈز پىرسەت ئوخشاش بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئوخشاشلىق ئاستا ئاستا كېمىيىپ ماڭىدۇ.

The number of ancestors you have doubles every generation back in time. However,
the number of stretches of DNA that contributed to you increases by only around seventy- one
per generation. This means that if you go back eight or more generations, it is almost certain
that you will have some ancestors whose DNA did not get passed down to you. Go back fifteen
generations and the probability that any one ancestor contributed directly to your DNA becomes
exceedingly small.

 تەخمىنەن 14تىنچى ئەۋلادتا ئەجدادىنىڭ 6 پىرسەت ئوخشاشلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ. تەخمىنەن 15 شىنچى ئەۋلادتىن كېيىنكى ئەۋلادلاردا ئالدىنقى ئەجدادىنىڭ ئوخشاشلىقى ساقلانمايدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ يەردە سېلىشتۇرىلىۋاتقىنى بەدەن خىروموسومى بولۇپ، جىنسقا ئەگىشىپ ئېرىسىي قالىدىغان دى ئېن ئانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

دېمەك، قەدىمقى ئىسرائىللارنىڭ مېنىڭكىگە ۋە باشقا يەھۇدىيلارنىڭ دى ئېن ئا سىغا تەخمىنەن ئالتە پىرسەنت ئوخشاش بولۇشى مۇنداق بىر ھېسابلاشنى ئويلىنىشقا قىستايدۇ. بىر ئەۋلادنىڭ يەنە بىر ئەۋلادقا ئالمىشىشىنى تەخمىنەن 25 يىل ھېسابلىساق 14 ئەۋلاد تەخمىنەن 350يىل بولىدۇ. دېمەك 350يىل بۇرۇنقى ئەجدادىمنىڭ دى ئېن ئاسى قەدىمقى ئىسرائىللارنىڭ دى ئېن ئا سىغا 100پىرسەت ئوخشايدىكەن. ئەمما مېنىڭ دى ئېن ئا تەكشۈرۈشتە چىقىۋاتقىنى 6200يىل بۇرۇنقى ئىسرائىلنىڭ ماڭا 6پىرسەتتىن ئارتۇق  ئوخشاشلىقى. يۇقۇرقى ھېسابلاشقا سالىدىغان بولساق 6200يىل تەخمىنەن250 ئەۋلادقا تەڭ بولىدۇ.نەزىرىيە بويىچە 15-ئەۋلادتىن كېيىن ئەجدادنىڭ ئوخشاشلىقى ساقلانمايدىغان بولسا ئۇنداقتا قانداق قىلىپ 250تىن كېيىنكى مېنىڭدە ۋە نۇرغۇن يەھۇدىيلاردا بۇ ئوخشاشلىق ساقلىنىپ قالىدۇ؟ بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز داۋاملىق بۇ تېمىغا دېققەت قىلىڭ.   

  

Leave a Reply

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out /  Change )

Google photo

You are commenting using your Google account. Log Out /  Change )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out /  Change )

Facebook photo

You are commenting using your Facebook account. Log Out /  Change )

Connecting to %s

This site uses Akismet to reduce spam. Learn how your comment data is processed.